ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ شەھەر دەرىجىلىك ماكانلاشقان 13 بۆلۈمىدە 60 تۈرلۈك ئىشتا «كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. بۇ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ 2-تۈركۈمدىكى «كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاترايدىغان» تۈرلەر تىزىملىكى ھېسابلىنىدۇ.
تۈر تىزىملىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېمەكلىك-دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى(ئاشلىق ئىدارىسى)، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۈپەت تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قۇرۇلۇش كومىتېتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۇچىلىق ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسىغا چېتىلىدۇ.
60 تۈرلۈك ئىش ھوقۇق دائىرىسىدىكى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسىنى ئۆزگەرتىش (نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، رويخەتتىن ئۆچۈرۈش، كىنىشكا تولۇقلاش، ھوقۇق دائىرىسى ئىچىدىكى يېمەكلىك تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئۆزگەرتىش (نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، رويخەتتىن ئۆچۈرۈش، كىنىشكا تولۇقلاش، دورا (پارچە سېتىش) تىجارەت ئىجازەتنامىسىنى ئۆزگەرتىش (نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، رويخەتتىن ئۆچۈرۈش، كىنىشكا تولۇقلاش، ھاراق توپ تارقىتىش ئىجازەتنامىسىنى دەسلەپكى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ھاسلىي بايلىقلارنى يىغىۋېلىش تىجارەتچىلىرىنى ئەنگە ئالدۇرۇش، دەل-دەرەخ كېسىش ئىجازەتنامىسىنى تەكشۈرۈپ تارقىتىش، چاقماقتىن مۇداپىئەلىنىش ئۈسكۈنىلىرىنى لايىھەلەش، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش-لايىھەنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش، ئۆلچەم بىرلىكى قوراللىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش (نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، رادىيوئاكتىۋلىق دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش قۇرۇلۇشى تۈرىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى توختامىنى ئەنگە ئالدۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
نۆۋەتتە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 34 تارماقتا 402 مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈرى ۋە ھۆكۈمەت مۇلازىمىتى ئىشلىرى تۈرلىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ كۆزنەك مۇلازىمىتىگە كىرگۈزۈلۈپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت كۆزنىكىدىن 161 ى تەسىس قىلىندى.