تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى بولىمەن

  شىنجاڭ سەنئەت شۆيۈەنى گۈزەل سەنئەت فاكۇلتېتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ئەكبەر ئابلىز

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۆزلەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ راۋاجلىنىشىدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ باراۋەر قاتنىشىش، باراۋەر تەرەققىي قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلدى. ھازىر، شىنجاڭدا ئومۇملۇق مۇقىم بولغان، ۋەزىيەتنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان، ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت بارلىققا كېلىپ، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى.

  شىنجاڭدا تۇغۇلغان، پارتىيەنىڭ تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭدا يۈز بەرگەن زور ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، تۇرمۇش مۇھىتىمىز ۋە تۇرمۇش سەۋىيەمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىۋاتقانلىقى ۋە زور دەرىجىدە ئۆسۈۋاتقانلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدىم. ئەمما كىشىنى ئېچىندۇرىدىغىنى شۇكى، بىر قىسىم ئامما ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە زور زىيان سالغانلىقىنى تېخىچە ئېنىق تونۇپ يەتمەي، يەنىلا بىخۇد ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ؛ بەزى كادىرلار ۋە ئوقۇتقۇچىلاردا باش نىشان ئېڭى سۇس بولغانلىقتىن، ئۇلار سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە رىئايە قىلماي، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك›› قىلىپ، نومۇسسىز ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە ئايلاندى. ئۇلار ئۆزىنىڭ كادىر، ئوقۇتقۇچىلىق ئالاھىدە سالاھىيىتى ۋە مۇنبەردىن پايدىلىنىپ، ئەكسىيەتچىل ئىدىيە تارقىتىپ، مىللىي كەيپىياتقا قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى ئۈزلۈكسىز ئىدىيە جەھەتتىن قوللاپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان زەھەرلىك ئۆسمىگە ئايلاندى. بۇ ھەقتە بىز ئۆز – ئۆزىمىزگە: كىم بىزنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى؟ دەپ سوئال قويۇشىمىز كېرەك. مەن كۆپچىلىككە: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىزنى بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى، دەپ جاۋاب بېرىمەن! مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش بىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىمىز.

  كۆپ يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەيلى قانداق ۋاقىت، قانداق جاي، قايسى ئورۇندا بولۇشىمدىن قەتئىينەزەر، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش باشتىن – ئاخىر مېنىڭ ئەڭ چوڭ سىياسىي مەسئۇلىيىتىم ۋە ئەڭ يۈكسەك سىياسىي ئىنتىزامىم.

  بىز كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، مەيداندا مۇستەھكەم تۇرۇپ، بايرىقىمىزنى روشەن، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما – تەلىپىنى قەتئىي دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش تەربىيەسى بېرىشىمىز ۋە ئۇلارنى يېتەكلىشىمىز كېرەك.

  بىز كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جان تىكىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىققا پايدىسىز سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارىتا ئۆزىمىزنىڭ سىياسىي جاسارىتى، ئىدىيە ئېڭى، پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپى بويىچە توغرا يېتەكچىلىك قىلىپ، سۆز بىلەن قايىل قىلىش تەربىيەسى بېرىشىمىز كېرەك. پىتنە – ئىغۋا توقۇيدىغان، پىتنە – ئىغۋا تارقىتىدىغان، مىللەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتىگە بۆلگۈنچىلىك قىلىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەرنى باتۇرلۇق بىلەن چەكلەپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، دادىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈشىمىز كېرەك. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››گە قارشى كۈرەشتە ئوچۇق – ئاشكارا گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

  بۇ جەھەتتە مەن تۆۋەندىكىدەك تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەن: بىرىنچى، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوغداپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە بىردەك بولۇش، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا بىردەك بولۇش، يىغىندا ۋە يىغىندىن كېيىن بىردەك بولۇش، كىشىلەر ئالدىدا ۋە كەينىدە بىردەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە مۈجمەل بولمايمەن، تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن؛ ئىككىنچى، سىڭىپ كىرىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا باشلامچىلىق بىلەن قارشى تۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىشنى ئۆزۈمدىن باشلاپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن؛ ئۈچىنچى، ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملەشتىكى مۇھىم رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىغا تايىنىش، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىشنى ئاڭلىق ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، قەتئىي ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى بولىمەن؛ تۆتىنچى، مەسىلىلەرنى باشلامچىلىق بىلەن بايقاپ، مەسىلىنى ھەل قىلىپ، تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئىدارىنى ياخشى باشقۇرۇش، ئۆزىنى ياخشى باشقۇرۇش، ئائىلىنى ياخشى باشقۇرۇش، ئۇرۇق – تۇغقانلارنى ياخشى باشقۇرۇش، قوشنىلارنى ياخشى باشقۇرۇش››نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممەمگە ئالىمەن.

  بىز ئىتتىپاقلىشىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پاكىز قېزىپ، پاكىز يوقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم، گۈللەنگەن، راۋاجلانغان ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىنى ئورتاق قوغدايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى