كۆپىنچە كىشىلەر يارا چاپلاقنى تېرىسى زەخمىلەنگەن ھامان يارا ئېغىزىغا بىۋاسىتە چاپلاشقا ئادەتلەنگەن. ئەمما بۇنداق قىلىش توغرا ئەمەس، چۈنكى يارىلانغان ئورۇنغا كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان بۇلغىما ماددا كىرىپ كېتىشنىڭ ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا يارا چاپلاق چاپلاشتىن ئىلگىرى تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى بېسىش زۆرۈر.
تۈز سۈيى ياكى پاكىز سۇ بىلەن يارا ئېغىزىنى يۇيۇش.
يارا ئېغىزىدىكى مەينەت نەرسىلەرنى تازىلاش.
پىلتىگۈچنى يەككە ماددىلىق يود بىلەن پولى ۋىنىل پىررولىدون (碘伏) ياكى ئىسپىرتقا چىلاپ، يارا ئېغىزى ۋە يارا ئەتراپىنى سۈرتۈش.
يارا ئېغىزى قۇرۇغاندىن كېيىن يارا چاپلاق چاپلاش.