تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن

  شىنجاڭ تىيانشان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىپارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش دىرېكتور ئەنۋەر سوپى

  مەن بىر پارتىيە ئەزاسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئاتا – ئانام پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پېشقەدەم پارتىيە ئەزاسى. دادام دائىم مۇنداق دەيتتى: كومپارتىيە بولمىغان بولسا بىزنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمىغان بولاتتى، بىز بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلەشنى بىلىشىمىز، ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى خىزمەت قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە جاۋاب قايتۇرۇشىمىز كېرەك. دادام ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى، ئۆزى ئېرىشكەن مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى مېدالىنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ تۇرۇپ: سەن پارتىيەگە سادىق بولۇپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولغىن، دەپ تاپىلىغانىدى. دادامنىڭ بۇ سۆزلىرى ماڭا ئىزچىل تۈرتكە بولدى، مېنى پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن پارتىيەگە سادىق ياخشى كادىر بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  ئوقۇش، خىزمەت قىلىش بىلەن ئۆتكەن 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا، مەن شىنجاڭدىكى زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردۈم، ئۆزۈممۇ دۆلەت كارخانىسىنىڭ بىر رەھبىرىي كادىرى بولدۇم. مەن شۇنى چوڭقۇر چۈشەندىمكى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بولغاچقىلا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرەلىدى، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بولغاندىلا شىنجاڭدا مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت مۇقىم بولغان ۋەزىيەت بارلىققا كېلىدۇ، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

  شىنجاڭ ئېلىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، 56 مىللەتنىڭ ئورتاق يۇرت – ماكانى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ‹‹مىللەت››نى دەستەك قىلىپ، ‹‹دىن›› تونىغا ئورىنىۋېلىپ، سەپسەتىلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، دىنىي ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ۋەتەننى پارچىلاشتەك سىياسىي مەقسىتىگە يېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. ئۇلار بىگۇناھ كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىقىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. بۇ، ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر دەپسەندە قىلغانلىق، قانۇنچىللىقنىڭ ئىززەت – ئابرۇيىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەنلىك، بۇ، مەدەنىيلىكنىڭ تۆۋەن چېكىگە قارىتىلغان ئېغىر خىرىس بولۇپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە، ئىنسانىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى ھەقىقىي ئەپت – بەشىرىسىنى ئاشكارىلىدى، ئۇلارنىڭ رەزىل نىيىتى مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇترىتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا خەۋپ يەتكۈزۈش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشتۇر. خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. بىز چوقۇم زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا بارلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى ھەرىكەتلىرىگە، بارلىق ۋەتەننى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش قىلمىشلىرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش بىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز، بىز ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ گۈللەنگەن، مۇقىم بولغان ياخشى ۋەزىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ھەرگىز يول قويمايمىز، ئۇلارنىڭ مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى قان بىلەن گۆشتەك چوڭقۇر دوستلۇقىغا زىيان يەتكۈزۈشىگە قەتئىي يول قويمايمىز.

  بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە، بەزى كىشىلەر كۆرۈنۈشتە پارتىيەگە ئىتائەت قىلغاندەك بولۇۋېلىپ، ئاستىرتىن ئاسىيلىق قىلدى، كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ تۇرۇپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چاقتى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش جەھەتتە ئىدىيەۋى تونۇشى يېتەرلىك بولمىغان، ھېسداشلىق قىلغان، قانات ئاستىغا ئالغان، ھەتتا زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان، تەشكىللىگەن، پىلانلىغانلار تىپىك ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەردۇر. بىز ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش قىلىش ئىشەنچىمىز ۋە ئىرادىمىزنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە ئۇلارغا قەتئىي زەربە بېرىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان بوشلۇق ۋە تۇپراقنىڭ بولۇشىغا قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك.

   پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلىگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ جەھەتتە تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق ۋەدە بېرىمەن:

  ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولىمەن، يادروغا ئىشىنىمەن، يادرونى ھىمايە قىلىمەن، يادروغا بويسۇنىمەن، يادرونى قوغدايمەن. باشتىن – ئاخىر سىياسىي ئېتىقادىمنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى قەتئىي ساقلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن؛ ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىرلىرىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما – تەلەپلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

  بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن. ماركسىزملىق دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىمەن؛ ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى›› دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باشلامچىلىق بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، ھىمايە قىلغۇچىسى، قوغدىغۇچىسى بولىمەن؛ ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىدىغان ئەكسىيەتچىل قاراشلارنى قاتتىق پاش قىلىپ ۋە تەنقىد قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ۋەتەننى پارچىلاش رەزىل نىيىتى ۋە ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى چوڭقۇر ئېچىپ تاشلايمەن ۋە تەنقىد قىلىمەن، ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلەر، ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە جەڭ ئېلان قىلىپ، بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن.

  مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي چوڭقۇر قېزىپ چىقىمەن ۋە ئۇلارغا قاتتىق زەربە بېرىمەن. يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، ھەر ۋاقىت كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ، كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى ئاڭلىق ھالدا باتۇرلۇق بىلەن چوڭقۇر قېزىپ چىقىمەن، پاش قىلىمەن ۋە تەنقىد قىلىمەن؛ سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇپ، ‹‹سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولماسلىق، سەھنىدە بىر خىل، سەھنىدىن چۈشكەندە بىر خىل بولۇش، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل بولۇش››قا قەتئىي قارشى تۇرىمەن؛ ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى شىنجاڭنىڭ ‹‹تۆت تارىخ››ىنى توغرا تونۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى