تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

شىنجاڭدىكى «سەككىز تەرەپلىك شەھەر» جۇڭگودىكى «تەبىئىي ئوكسېگىن ئامبىرى» قاتارىدىن ئورۇن ئالدى

  جۇڭگو ئاخبارات تورى مۇخبىرى جۇ جىڭچاۋ خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 6-كۈنى تېكەس ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ناھىيە جۇڭگو مېتېئورولوگىيە مۇلازىمەت جەمئىيتىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتۈپ، «جۇڭگودىكى تەبىئىي ئوكسېگىن ئامبىرى» قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

دۇنيادىكى تەبىئىي يادىكارلىقلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن قاراجۈن يايلىقى ھەمدە ئىلى دەرياسىنىڭ مۇھىم تارماق ئېقىنى بولغان تېكەس دەرياسى تېكەس ناھىيەسى تەۋەلىكىدە بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى مۇھىم ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيە رايون ھېسابلىنىدۇ. (جۇ جىڭچاۋ فوتوسى)

  تېكەس ناھىيەسى بولسا جۇڭگودىكى داڭلىق تارىخىي، مەدەنىيەت شەھىرى بولۇپ، «سەككىز تەرەپلىك شەھەر» دەپمۇ ئاتالغان. ناھىيەدە دۇنيادىكى تەبىئىي يادىكارلىقلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن قاراجۈن يايلىقى ھەمدە ئىلى دەرياسىنىڭ مۇھىم تارماق ئېقىنى بولغان تېكەس دەرياسى بار بولۇپ، مەملىكىتىمىزدىكى مۇھىم ئېكولوگىيەلىك فۇنكسىيە رايونى ھېسابلىنىدۇ.

  تېكەس ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى بايىننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ ناھىيە 2017-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە قاراجۈن يايلىقى ۋە ناھىيە بازىرىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاتموسفېرادىكى ئوكسىگېن مەنپىي ئىئونىنى ئۆلچەش پونكىتى قۇرغان بولۇپ، سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 6-ئايدىن 8-ئايغىچە پۈتۈن ناھىيەنىڭ ئوكسىگېن مەنپىي ئىئونىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى 3765 بولغان، بىر يىل ئىچىىدىكى ناھىيەنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەلا بولغان كۈنلەر %90كە يەتكەن بولۇپ، ياز پەسلىدە تومۇز ئىسسىق، قىش پەسلىدە قەھرىتان سوغۇق بولمايدىكەن.

ياز پەسلى كىرگەندىن بۇيان، تېكەس ناھىيەسىگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. (جۇ جىڭچاۋ فوتوسى)

  ئىگىلىنىشىچە، 2018-يىلى مەملىكىتىمىز بويىچە 38 ناھىيە، شەھەر (مەنزىرە رايونى) «جۇڭگودىكى تەبىئىي ئوكسېگىن ئامبىرى»غا كىرگۈزۈلگەن. جۇڭگو مېتېئورولوگىيە مۇلازىمەت جەمئىيتى مېتېئورولوگىيە، ساياھەت، مۇھىت قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، نەق مەيداندا ئۆلچەش، تەكشۈرۈپ سېلىشتۇرۇش، دوكلات قىلىش، نەق مەيداندا سوئال سوراش قاتارلىق قايتا تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، ئاخىرىدا «جۇڭگودىكى تەبىئىي ئوكسېگىن ئامبىرى» شەرىپىنى بېرىش بىلەن بىرگە، لەۋھە، گۇۋاھنامە قاتارلىقلارنى تارقىتىپ، جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى