تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئاچتى

  يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  مۇخبىرىمىز يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 7 – كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پارتگۇرۇپپا يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى(كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرى مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسى ۋە ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى ھەم ھۆكۈمەت سىستېمىسىدىكى ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلار 7 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي ھۆكۈمى ۋە قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلىپىگە ئاساسەن، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مالىيە، باج، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاش كېرەك. كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، تەدبىرلەرنى ۋاقتىدا مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغ، سېلىنما، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا – سانائەت مۇنبىرى، جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8 – نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۆي – زېمىن سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆي – زېمىن بازىرىنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك. دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بېكىتكەن ‹‹ئىككى بەنزە›› خىزمەت مېخانىزمىدا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىنىڭ زېھنىي كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى تۇتۇشتىكى مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىش كېرەك. ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى››نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىنتىزام تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەت سىستېمىسىدا قائىدىگە رىئايە قىلىدىغان، ئىنتىزامغا بويسۇنىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنى كۆزلەپ چىقارغان مۇھىم تەدبىر، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم مەزمۇن. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 7 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي، كەم – كوتسىز، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىشقا پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى