تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

يازدا ئىچ سۈرۈشنى داۋالاشتىكى خاتا قاراشلاردىن ساقلىنىڭ

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چۇڭچىڭ، 8-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى. يازدىكى پىژغىرىم ئىسسىقتا تۈرلۈك ئاشقازان-ئۈچەي يولى كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىچ سۈرۈش كۆپ يۈز بېرىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر ئىچ سۈرۈشنى داۋالىغاندا، بىر قىسىم كىشىلەر ئىسسىق سۇنى كۆپ ئىچىدۇ، ئانتىبىيوتىك دورىلارنى قارىغۇلارچە ئىشلىتىدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى خاتا ئۇسۇللار، بۇ ئۇسۇللاردىن پەخەس بولۇش كېرەك، دەپ ئەسكەرتتى.

  نۇرغۇن كىشى ئىچ سۈرگەندە ئىسسىق سۇنى كۆپ ئىچىش كېرەك، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ خاتا قاراش. چۇڭچىڭ شەھەرلىك ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى ئاشقازان-ئۈچەي ئۆسمە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سۈن خاۋ مۇنداق دېدى: ئىچ سۈرگەندە بەدەن سۇسىزلىنىدۇ، بىمار ھەقىقەتەن سۇ تولۇقلاشقا موھتاج بولىدۇ، ئەمما بۇنداق ۋاقىتتا ئىسسىق سۇ ئىچسە، ئىچ سۈرۈشنى ئېغىرلاشتۇرىۋېتىشى مۇمكىن. ئىچ سۈرگەندە بەدەنگە سۇ تولۇقلاشتا ئېلېكتىرولىت تولۇقلاشقا موھتاج، دورىخانىلاردا سېتىلىۋاتقان ئېلېكتىرولىت سۇيۇقلۇقى ئەڭ ياخشى تاللاش، شوۋىگۈرۈچ، گۈرۈچ سۈيى، يىلمان سۇغا ئازراق تۇز قوشسىمۇ ئوخشاش رولى بولىدۇ.

  -شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قىسىم كىشىلەر ئىچى سۈرگەندە ھېچنېمە يېمەيدۇ ھەم ئىچمەيدۇ، بۇنداق قىلىشمۇ خاتا. قىسقا ۋاقىتتا يېمەكلىك يېمىسە ھاجەتخانىغا چىقىش سانى ئازلىشى مۇمكىن، ئىچ سۈرۈش سەل پەسەيگەندەك بىلىنىدۇ، ئەمما ئىچ سۈرگەندە ئۇزاق مەزگىل يېمەكلىك يېمىسە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىگە تەسىر كۆرسىتىپ، بەدەننىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئەكسىچە ئاستا بولىدۇ،- دېدى سۈن خاۋ تونۇشتۇرۇپ، ئىچ سۈرگەندە بىر نەرسە يېسە مەسىلەن، شوۋىگۈرۈچ، يۇمشاق چۆپ قاتارلىق سۇيۇق، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېسە تامامەن بولىدۇ، ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم غىزالىنىش كېرەك. ئىچ سۈرۈش ياخشىلانغاندىن كېيىن، تەدرىجىي ھالدا باشقا يېمەكلىكلەرنى قوشۇپ يېسە بولىدۇ.

  ئانتىبىيوتىك دورىلارنى زىيادە، قارىغۇلارچە ئىشلىتىشمۇ بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ ئىچ سۈرۈشنى داۋالاشتىكى خاتا تاللىشى. مۇتەخەسسىلەر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئىچ سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ئىنتايىن كۆپ، قورساق شامالداپ قېلىش، يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلماسلىق، ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىچ سۈرۈشتىن سىرت، يەنە ۋىرۇس، باكتېرىيە، پارازىت قۇرت قاتارلىقلار كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلار بار. ئانتىبىيوتىك دورىلارنى قارىغۇلارچە ئىشلىتىش ئۈچەي يولى، جىگەر، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋەتكەندىن سىرت، يەنە ئاشقازان-ئۈچەي ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇ سەۋەبتىن، ئانتىبىيوتىك دورىلارنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلىتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى