تىيانشان تورى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز دەي جياۋمېي، ۋاڭ چۇنيىڭ خەۋىرى: «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىلەن تۇرۇشلۇق جايدىكى ساقچىخانىنىڭ «گازارمىلارغا كىرىپ چىن مۇھەببەت يەتكۈزۈش، ئارمىيە ۋە خەلق بېلىق بىلەن سۇدەك يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇش» بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش دوستلۇق پائالىيىتى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كېيىن «ئىتتىپاقلىق ــ كۈچ» ناملىق ناخشا بىلەن باشلاندى.
«سىلەر چېگرانى قوغدىغۇچىلار، بىز چېگرا رايوننى قۇرغۇچىلار، بىزنىڭ ئورتاق ئارزۇيىمىز بار، ئۇ بولسىمۇ يۇرت-ماكانىمىزنى قوغداش، گۈزەل يۇرت-ماكان بەرپا قىلىش». چۆچەك شەھەرلىك تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى تۇماقچى كەنتى، قاراسۇ كەنتى، ۋۇلى كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنىڭ ئەزالىرى ئەترەت باشلىقى سۇ جىگونىڭ يېتەكچىلىكىدە چىپاراغاش چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانىسىغا كېلىپ، ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.
كۆپچىلىك ئىلگىرى گەرچە تونۇشمىسىمۇ، لېكىن بۇ خىل يېقىن ئارىلىقتا پىكىر ئالماشتۇرۇشتىن كۆپچىلىكنىڭ قەلبى مەھكەم تۇتاشتى. كۆپچىلىك بىللە كەچلىك تاماق ئېتىپ يېيىشتى، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناشتى.