شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 12:00 دە، داشكۆلدىكى يېڭى سۇ قويۇپ بېرىش كىلاپانىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن، 19-قېتىملىق 2-باسقۇچلۇق تارىم دەرياسى تۆۋەنكى ئېقىنىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. بۇ قېتىملىق سۇ يەتكۈزۈشتە، تارىم دەرياسى تۆۋەنكى ئېقىنى قوش لىنىيەلىك ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش يولى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش كۆلىمى ئەڭ چوڭ دائىرىدە كېڭەيتىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 2000-يىلىدىن ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىز ئالدى-كەينى بولۇپ 19 قېتىم تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بەرگەن بولۇپ، سۇنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 7 مىليارد 73 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكەن.