تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

بوران – چاپقۇن گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىشنى توسۇيالمايدۇ

  ‹‹جاپا – مۇشەققەتكە بەرداشلىق بەرگەندىلا، مۇراد – مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ››. جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگتا ئۆتكۈزۈلگەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا – سانائەت مۇنبىرىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ مانا مۇشۇنداق بىر جۈملە قەدىمكى سۆزى بىلەن جۇڭگونىڭ جاپا – مۇشەققەتتىن قورقماي بېسىپ ئۆتكەن ئاجايىپ مۇساپىسىنى، بوران – چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ قولغا كەلتۈرگەن قالتىس نەتىجىلىرىنى خۇلاسىلىدى ۋە سۈپەتلىدى. بۇ، تارىخنىڭ يەكۈنى، شۇنداقلا رېئاللىقنىڭ ئىلھامى، كەلگۈسىنىڭ جاكارنامىسى. قەدىمىي مىللەت، ياش دۆلەت، بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلگەن مىليونلىغان خەلق بوران – چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ، ئىپتىخارلىنىش ۋە پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغان بۈگۈننى بارلىققا كەلتۈردى ھەم بوران – چاپقۇنغا قارىماي باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ گۈزەل كېلەچەككە ئاتلىنىدۇ.

  (1)

  ئىشلارنىڭ ئۇلۇغ بولۇشى نىشاننىڭ ئۇلۇغۋار بولۇشىغا باغلىق بولۇپلا قالماي، يەنە جەرياننىڭ ئۇلۇغۋار بولۇشىغىمۇ باغلىق؛ تۇرمۇشنىڭ گۈزەل بولۇشى بەھرىمەن بولۇشنىڭ مول بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كەچۈرمىشلەرنىڭ مول بولۇشىغا باغلىق. بوران – چاپقۇن ئىچىدە ئايلار ۋە يىللار ئۆتتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى بوران – چاپقۇن بىلەن ئېلىشىپ، نۇرغۇن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، قەدەممۇقەدەم باتۇرانە ئىلگىرىلەپ، شانلىق دەۋرنىڭ تارىخىي سەھىپىسىنى يارىتىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلدى.

  يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى چاغلارنى ئەسلىسەك، جۇڭگونىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئاران 10 مىليارد دوللاردىن ئاشاتتى، ئېغىر سانائەت ئاساسەن يوق دېيەرلىك ئىدى، يېنىك سانائەت پەقەت ئاز ساندىكى توقۇمىچىلىق كەسپىنى ئاساس قىلاتتى. رەئىس ماۋ زېدۇڭ خۇرسىنغان ھالدا: بىز ئۈستەل – ئورۇندۇق، قاچا – قۇچا، چۆگۈن ياسىغاندىن باشقا، بىرەر ئاپتوموبىل، بىرەر ئايروپىلان، بىرەر تانكا، بىرەر تىراكتورمۇ ياسىيالمىدۇق، دېگەنىدى. نامرات، قالاق، پۈتۈن جىسمىمىزنى جاراھەت قاپلىغان ۋەيرانە ھالەتتە جاھانگىرلىكنىڭ ئىقتىساد، ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى ئومۇميۈزلۈك قامىلىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۇرۇش ئوتى يالۇجياڭ دەرياسىغىچە تۇتاشقان ئېغىر تەھدىتكە تاقابىل تۇردۇق، ئۈچ يىللىق تەبىئىي ئاپەت مەزگىلىدىكى ئېغىر قىيىنچىلىقنى يەڭدۇق... مۇستەقىل، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان سانائەت سىستېمىسى ۋە خەلق ئىگىلىكى سىستېمىسىنى ئورناتتۇق، ‹‹نېفىت كەمچىل دۆلەت›› قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدۇق، ئۆزىمىزنىڭ ‹‹ئازاد›› ماركىلىق ئاپتوموبىلى، ‹‹شەرق قىزاردى›› ماركىلىق تىراكتورىنى ئىشلەپچىقاردۇق، دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان ‹‹ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ››نى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتۇق... جۇڭگو خەلقى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، سىياسىيدىلا ئەمەس، بەلكى ئىقتىسادتىمۇ بېلىنى رۇسلىدى، دۆلەتنىڭ قىياپىتى، خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا تۈپ ئۆزگىرىش بولدى.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىنى ئەسلىسەك، ئاشلىق بېلىتى، ياغ بېلىتى، گۆش بېلىتى، رەخت بېلىتى، قوشۇمچە يېمەكلىك دەپتىرى، سانائەت بېلىتى قاتارلىقلار پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايتتى، ھەتتا قەنت – گېزەك، پېچىنە – پىرەنىك، سەرەڭگە، سوپۇن سېتىۋېلىش ئۈچۈنمۇ بېلەت كېتەتتى؛ نەچچە ئەۋلادنىڭ بىر ئۆيدە تۇرۇشى ئىنتايىن ئومۇميۈزلۈك ئەھۋال بولۇپ، كېسەك ئۆي، كەپە ئۆي، ئۇزۇن كارىدورلۇق بىنا، كۆپ ئائىلىلىك ھويلا شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇشىدىكى چوڭقۇر ئىزنالار ئىدى؛ ۋېلىسىپىت، قول سائىتى، كىيىم تىكىش ماشىنىسى، رادىيو قاتارلىقلار كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئەتىۋارلىق بۇيۇملار ئىدى؛ فىرانسىيەنىڭ دېگول ئايروپورتىدا سائىتىگە 60 ئايروپىلان ئۇچۇپ قوناتتى، ھالبۇكى بېيجىڭ پايتەخت خەلقئارا ئايروپورتىدا سائىتىگە ئاران ئىككىلا ئايروپىلان ئۇچۇپ قونالايتتى؛ ياپونىيەنىڭ توكيودىكى چوڭ ماگىزىندا تاۋارنىڭ تۈرى 500 مىڭ خىلغا يېتەتتى، ھالبۇكى بېيجىڭ ۋاڭفۇجىڭ تۈرلۈك ماللار سارىيىدىكى تاۋارلارنىڭ تۈرى ئاران 22 مىڭ خىل ئىدى... مۇشۇنداق ماددىي ئەشيا قىس بولغان، تۇرمۇش نامرات بولغان، خەلق ئىگىلىكى ۋەيران بولۇش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەھۋالدا، بىز كەسكىن ھالدا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتەك ئىستراتېگىيەلىك تاللاشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىدىيەۋى قاراشتىكى قاتماللىقىنى پاچاقلاپ، تۈزۈلمە – مېخانىزم توسالغۇسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ماڭدۇق. بىز باھا ئۆتكىلىنى بۆسۈپ ئۆتۈشتەك جاپا – مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈردۇق، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جازاسىدىن ئىبارەت قىيىنچىلىقنى باشتىن كەچۈردۇق، ئاسىيا پۇل مۇئامىلە بورىنى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ زەربىسىنى باشتىن كەچۈردۇق، پەۋقۇلئاددە زور كەلكۈن، پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەش، سارس قاتارلىقلارنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈردۇق... بىپايان دېڭىزدا سۇ ئۈزۈشنى ئۆگىنىپ چېنىقىش داۋامىدا تېخىمۇ قەيسەرلەشتۇق، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن – تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى ۋە ئۇنىۋېرسال دۆلەت ئەمەلىي كۈچىدە تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىش ئىشقا ئاشتى، جۇڭگو خەلقى ‹‹بېلەت دەۋرى›› بىلەن خوشلىشىپ، ‹‹كىيىش – تويۇش باسقۇچى››نى بېسىپ ئۆتۈپ، ‹‹ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت››نى كۈتۈۋالدى.

  بوران – چاپقۇندىن كېيىن ئىشلار روناق تاپتى. بۈگۈن، جۇڭگو دۇنيادىكى 2 – چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇشتەك ئەمەلىي كۈچى بىلەن 1 مىليارد 300 مىليوندىن كۆپ كىشىنى قاپلىغان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر يىلى 13 مىليوندىن كۆپرەك كىشىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتەك مۆجىزىنى يارىتىپ، بالىلارنى يەسلىگە كىرىش، ئوقۇيدىغانلارنى ئوقۇش، ئىشلىگەنلەرنى ھەق ئېلىش، كېسەللەرنى داۋالىنىش، ياشانغانلارنى كۈتۈنۈش، ئۆيسىزلەرنى ئۆيى بولۇش، ئاجىزلارنى يار – يۆلەككە ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتەك خەلق تۇرمۇشى سەھىپىسىنى پۈتتى، مىليونلىغان خەلق قول تۇتۇشۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتەك 100 يىللىق ئارزۇغا ئاتلاندى... بۇ زور نەتىجىلەر، يارقىن سانلىق مەلۇماتلار جۇڭگو خەلقىنىڭ بوران – چاپقۇنغا بەرداشلىق بېرىدىغان پولاتتەك جىسمى، جۇڭگو خەلقىنىڭ بوران – چاپقۇندا ئاققۇزغان جاپالىق قان – تەرى بەدىلىگە كەلگەن بولۇپ، ئۇلارغا جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى ۋە ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن.

  (2)

  تاغ تىك ۋە خەتەرلىكلىكى بىلەن، دېڭىز مەۋج ئۇرۇپ تۇرغان دولقۇنى بىلەن ھەيۋەتلىك. بىز تاغۇ – دەريالارنى بېسىپ ئۆتتۇق، بىراق كەلگۈسىگە يېتىش ئۈچۈن يەنىلا تاغ – داۋانلاردىن ئېشىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. گۈزەل تۇرمۇش پارنىكتىكى تۇرمۇش، ۋاكۇئۇمدىكى تۇرمۇش ئەمەس، بوران – چاپقۇن دەل تۇرمۇشنىڭ ئۆزىدۇر.

  گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ‹‹تېز تەرەققىيات››تىكى قالدۇق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. بىز يىرىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يەنە ‹‹كۈچەپ ھالقىش››ىمىز كېرەك؛ شەھەرلەر بىلەن يېزىلار، شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ئوتتۇرىسىدىكى تەرەققىيات پەرقىنى كىچىكلىتىپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك، ۋەزىپە ئىنتايىن مۈشكۈل؛ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش نىسپىي ئارقىدا قېلىش، جامائەت بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرى كۆپ يۈز بېرىشتەك كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، دۆلەتنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك، ۋەزىپە ئېغىر، يول يىراق؛ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتتىكى تارىختىن قالغان قەرزنى قايتۇرۇپ، تېغى ياپيېشىل، سۈيى سۈپسۈزۈك، ئاسمىنى كۆپكۆك گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن ئۇزاققىچە تىرىشىشىمىز كېرەك... بۇلار تېز سۈرئەتتە يۈرۈش قىلغاندا چوقۇم يېتىشتۈرۈۋېلىشقا تېگىشلىك سەپتىن چۈشۈپ قالغان ئەزالار، بىز قايتا سەپەرگە ئاتلانغاندا چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك تەييارلىق.

  گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ‹‹تەرەققىي قىلغاندىن كېيىن››كى باش ئاغرىقلىرىنى تۈگىتىش كېرەك. بىز كونا مەسىلىلەرنى بىر – بىرلەپ ھەل قىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇن يېڭى مەسىلىگە دۇچ كەلدۇق، بىز قاتمۇقات تاغلارنى ھالقىپ ئۆتكەندىن كېيىن، كۆز ئالدىمىزدا يەنە يېڭى چوققىلار نامايان بولدى. 40 يىل تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلىگەن جۇڭگو جەمئىيىتىدە نوپۇس ئەۋزەللىكى ئاجىزلاشتى، تۈزۈم ئەۋزەللىكى، تېخنىكا ئەۋزەللىكى قېزىشقا موھتاج؛ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى زور دەرىجىدە يۈكسىلىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇقچىلىقى، ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى كۈنسېرى گەۋدىلەندى... ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان جۇڭگو خەلقى ماددىي تۇرمۇش، مەدەنىيەت تۇرمۇشىغا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇپلا قالماي، دېموكراتىيە، قانۇنچىللىق، ئادىللىق، ھەققانىيلىق، بىخەتەرلىك، مۇھىت قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەلىپىمۇ كۈنسېرى ئېشىپ، تېخىمۇ ياخشى مائارىپ، تېخىمۇ مۇقىم خىزمەت، تېخىمۇ رازى قىلارلىق كىرىم، تېخىمۇ ئىشەنچلىك ئىجتىمائىي كاپالەت، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك داۋالاش – ساقلىق ساقلاش مۇلازىمىتى، تېخىمۇ راھەت تۇرالغۇ شارائىتى، تېخىمۇ گۈزەل مۇھىتقا ئىنتىلدى... ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى كۈنسېرى ئاشتى. بۇلار بىز بۇ تەرەققىيات باسقۇچىغا كەلگەندىن كېيىن چوقۇم يۈزلىنىدىغان خىرىس، چوقۇم يېتىدىغان مەنزىل.

  گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ‹‹يەنىمۇ تەرەققىي قىلىش››تىن ئىبارەت جەزمەن ئۆتۈشكە تېگىشلىك بوسۇغىدىن ئۆتۈش كېرەك. مەۋقەنى يېڭى دەۋر شارائىتىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات بوشلۇقى يارىتىش، داۋاملىق يېڭى ماكان ئېچىش ئۈچۈن، ئىلگىرىلەش يولىمىزدىكى قاتمۇقات ئازگاللاردىن، خەتەرلىك ساھىللاردىن ھالقىپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، زور خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ جەڭنى ياخشى قىلىشقا؛ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، مەنپەئەتنى مۇقىملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ‹‹قاتتىق سۆڭەك››نى غاجىلاشقا؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ھالقىلىق، يادرولۇق تېخنىكىدا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ... يەنە شۇنى كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى تىنچ ئېقىۋاتقان ‹‹ئىچكى دەريا›› بولماستىن، بەلكى ھەر ۋاقىت دۇنيا ئىقتىسادىغا سىڭىشىپ داۋالغۇيدىغان ‹‹دۇنياۋى ئوكيان ئېقىمى››. بىز تىنچ تەرەققىياتتا، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئوچۇق ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز، لېكىن بەزىلەر ئويغانغان شىرنىڭ جانلىنىشىنى، غايەت زور ئەجدىھانىڭ كۆكتە پەرۋاز قىلىشىنى، 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى كۆرۈشنى خالىماي، ھە دەپ بىرتەرەپلىمىلىك، قورۇقچىلىق، سودا زومىگەرلىكى قىلىۋاتىدۇ، بۇ ئۆزىنى قاچۇرغىلى بولمايدىغان، چوقۇم تاقابىل تۇرۇشقا تېگىشلىك خىرىس.

  بوران – چاپقۇننى كۆپ باشتىن كەچۈرگەن كىشىنىڭ ئىرادىسى تاۋلىنىدۇ، ئازراق نەتىجە يارىتىپ توختاپ قالساق بولمايدۇ، چۈنكى ئالدىمىزدا يول تېخى ئۇزۇن. تارىخنى ئەسلىسەك، بىزنى ‹‹يەر شارىدا ياشاش سالاھىيىتىدىن مەھرۇم قېلىش›› غېمىدىن خالاس قىلغىنى جۇڭخۇا ئوغۇل – قىزلىرىنىڭ يېڭى دەۋر يارىتىشقا جۈرئەت قىلىش ئىرادىسىدۇر؛ بىزنىڭ ‹‹قان كېچىپ يول ئېچىش››ىمىزغا تۈرتكە بولغىنى مىليونلىغان خەلقنىڭ قەلبىدىكى بۆسۈشكە، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىش جاسارىتى، غەيرىتىدۇر. جۇڭگولۇقلار ئەمەل قىلىپ كەلگەن ‹‹ھەرىكەت پەلسەپەسى›› دەل بوران – چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەندىلا ھەسەن – ھۈسەننى كۆرگىلى بولىدۇ، تاغ ئېغىزىدىن ئۆتكەندىلا كەڭ تۈزلەڭلىككە چىققىلى بولىدۇ، دېگەندىن ئىبارەت.

  (3)

  تارىخ مۇساپىسىنى ئىگىلەش، تارىخىي ۋەقەنى تونۇشتا نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنى، رېئاللىق بىلەن كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرۇپ كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ، مانا بۇ تارىخ ئىلمى ساھەسىدىكىلەر دائىم دەيدىغان ‹‹چوڭ تارىخ قارىشى››. مۇشۇنداق نەزەر بىلەن جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش يارىتىش، گۈللىنىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ۋە دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان ھەر خىل بوران – چاپقۇنغا مۇئامىلە قىلساق، باشتىن – ئاخىر شاۋقۇن – سۈرەن ئىچىدە سەگەكلىكنى، داۋالغۇش ئىچىدە تەمكىنلىكنى ساقلىيالايمىز.

  شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ‹‹دۆلىتىمىز نى – نى ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىدىغان تارىخىي پۇرسەت مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ››. مىللىي گۈللىنىشنىڭ داۋان ئاشىدىغان ھالقىلىق باسقۇچىدا، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ تېپىلغۇسىز پۇرسەتكە تولغان ئۆزگىرىش باسقۇچىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بايراق كۆتۈرۈپ نىشان بەلگىلەپ، رولنى تۇتۇپ يول باشلاپ، تىرىشىپ غەيرەتكە كېلىپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈپ، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، كونا ئىللەتلەرنى تۈگىتىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلماقچى بولسىمۇ ھەل قىلىنمىغان بىر مۇنچە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئىلگىرى ۋۇجۇدقا چىقارماقچى بولسىمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرىلمىغان بىر مۇنچە چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، پارتىيە ئىنقىلابىيلىق جەھەتتىكى چېنىقىش داۋامىدا تېخىمۇ كۈچلىنىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدا تارىخىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچتى. بۇ يېڭى دەۋردە، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى داۋاملىق ئېشىپ، خەلق تۇرمۇشىغا ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈش تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈلدى، پارتىيەنىڭ ئۇيۇشۇشچانلىقى، ئىجادچانلىقى، جەڭگىۋارلىقى زور دەرىجىدە كۈچەيدى، مىليونلىغان خەلقنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش، ئارزۇغا يېتىش جاسارىتى ئۇرغۇدى ھەم داۋاملاشماقتا... يېقىندا جۇڭگو ئىقتىسادى كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ‹‹يېرىم يىللىق دوكلات››نى ئېلان قىلدى، GDP ى %6.8ئېشىپ، ئۇدا 12 پەسىل ئوتتۇراھال يۇقىرى سۈرئەتتە مۇقىم ئايلاندى، پۈتۈن مەملىكەت ئاھالىسىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم %6.6 ئەمەلىي ئاشتى، شەھەر – بازارلارنىڭ تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى ئۇدا ئۈچ ئاي %5تىن تۆۋەن بولدى، 10 مىڭ يۈەنلىك GDPنىڭ بىرلىك ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.2 تۆۋەنلىدى... جۇڭگو يەنىلا دۇنيادىكى تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى، يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور، ئېلاستىكلىقى ئەڭ يېتەرلىك دۆلەتلەرنىڭ بىرى. تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەت، پائال ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىشتەك ئاساسىي ئامىل دەل بىزنىڭ ئىشەنچ مەنبەيىمىز.

  بىز ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىنىڭ تۈپ تۈزۈم كاپالىتى›› ئىكەنلىكىدە تەۋرەنمەيمىز. تۈزۈم نېگىزگە، كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، ئۇزاق مۇددەت جاپالىق ئىزدەندى، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان بوشاشماي كۈرەش قىلىپ ئاچقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈردى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى. بۇ تۈزۈم پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق خوجايىن بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش بىلەن كۈچنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئۈنۈملۈك بىرلىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى زور دەرىجىدە ئازاد قىلىپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مىليونلىغان ئەمگەكچىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە رېئال مەنپەئىتىنى ئۈنۈملۈك ئىشقا ئاشۇردى، قوغدىدى، تەرەققىي قىلدۇردى. مۇشۇ تۈزۈم ئاساسىدا، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، كۆك ئاسماننى، سۈزۈك سۇنى، پاكىز زېمىننى قوغداش جېڭىنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، خەلق تۇرمۇشى بىخەتەرلىكى، جامائەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەدبىرلىرى كۈچلۈك بولدى... جۇڭگونىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلدى، بىزنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىي قىلىش، بوران – چاپقۇن سىنىقىدا غەلىبە قىلىش ئىرادىمىز، ئىشەنچىمىز پولاتتەك چىڭىدى.

  بىز تەمكىن ھالدا ‹‹دۇنيا ئىقتىسادىدىن ئىبارەت دېڭىزنى كىچىك كۆل، كىچىك دەريا – ئېقىنغا قايتۇرۇشنىڭ مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تارىخ ئېقىمىغا ماس كەلمەيدىغانلىقى››نى كۆرۈپ يەتتۇق. دۇنيا كۆپ قۇتۇپلىشىۋاتىدۇ، ئىقتىساد دۇنياۋىلىشىۋاتىدۇ، جەمئىيەت ئۇچۇرلىشىۋاتىدۇ، مەدەنىيەت كۆپ خىللىشىپ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى بارغانسېرى ئۆزئارا سىڭىشكەن يەر شارى كەنتىگە ئايلىنىپ، بىر – بىرىگە زىچ باغلانغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىش كىشىلەر قەلبىنىڭ ئىنتىلىشى، ئومۇمىي ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى بولۇپ قالدى. بەزىلەر شەخسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن ئېقىمغا، ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتكە قارشى ھەرىكەت قىلىپ، تاموژنا بېجى توسۇقىنى خالىغانچە ئېگىزلىتىپ، زومىگەرلىك توقمىقىنى ھەر يەردە ئوينىتىپ، بىر مەھەل كۆرەڭلىسىمۇ، لېكىن ئىقتىسادنىڭ تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىشى، سىياسىي تەرتىپنىڭ بۇزۇلۇشى قاتارلىق چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتنى ھەل قىلالماي، ئاخىرىدا يەنىلا ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چېپىپ، تارىخ ئېقىمىنى توسقىلى بولمايدىغانلىقىنىڭ دەلىلىگە ئايلىنىدۇ. دېرىزىنى ئېچىۋەتسە ھاۋا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، ئىشىكنى ئېچىۋەتكەندە بوشلۇق كېڭىيىدۇ. بىز تىنچلىق، ھەمكارلىق، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئاساسىي قىممەت يۈزلىنىشى قىلىپ، دەۋر ئېقىمى ئالدىدا، ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت ئېگىزلىكىدە تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت – سائادەت، تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىپ كېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز. داغدام يولدا مېڭىپ دۇنياغا مەنپەئەت ئېلىپ كەلسەك، مالىمانچىلىقلاردىمۇ سالماق بولۇپ، پۇختا قەدەم تاشلاپ، تارىخنىڭ ئىلگىرىلەش مەنتىقىسى داۋامىدا ئىلگىرىلەپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىدا تەرەققىي قىلالايمىز.

  ‹‹قارىغاي قېلىن قار ئاستىدا قالسىمۇ، يەنىلا قەددىنى تىك تۇتار››، ‹‹تۆت تەرەپتىن بوران چىقىپ سوقسىمۇ تىنماي، يېشىل بامبۇك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ سۇنماي››، ‹‹تام تۈۋىدىكى مېيخۇا گۈلى قەھرىتان سوغۇقتا تەنھا ئېچىلۇر››... جۇڭگولۇقلار قارىغاي، بامبۇك، مېيخۇا گۈلىنى ‹‹زىمىستاندىكى ئۈچ دوست›› دەپ تەرىپلەيدۇ، چۈنكى ئۇلار بوران – چاپقۇندىن قورقماي، قەھرىتان سوغۇقتا قەددىنى تىك تۇتىدۇ. بۇنداق قەيسەرانە كۈچ، باش ئەگمەيدىغان خاراكتېر ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بوران – چاپقۇندىن قورقماي، تىز پۈكمەي، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام بېرىپ كەلدى.

  (4)

  ئىقتىسادشۇناسلار ھەر بىر كىشىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرۈش ئارزۇسى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ زور يوشۇرۇن كۈچى، دەپ ھۆكۈم قىلدى. ھەر بىر كىشىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى جۇڭگو جەمئىيىتىنى جۇشقۇن، ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچكە، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى باشتىن – ئاخىر پۇختا ئاساسقا، پۈتمەس – تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئىگە قىلدى.

  ‹‹تىرىشىپ ئىشلىگەنلەر غەلىبە قازىنىدۇ، ھارماي – تالماي ئىلگىرىلىگەنلەر نىشانغا يېتىدۇ››. تېخىمۇ يۇقىرى، يىراق نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، مىليونلىغان جۇڭگو خەلقىنىڭ چولاق كەتمەندە بوز يەر ئېچىش، قاقاس تاغدا ئورمان بەرپا قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قۇرۇق گەپ كۆپ ئەلدىن بەرىكەت قاچار، ئىش كۆپ ئەلگە بەرىكەت ياغار، دەيدىغان ئاڭنى داۋاملىق ساقلاپ، كۈرەش پالىقىنى چىڭ تۇتۇپ، كۈرەش يەلكىنىنى ئېگىز چىقىرىپ، ئۆز يولىمىزدا ياخشى مېڭىپ، ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.

  ئەگەر سىز خىزمەت ئورنىڭىزدا ئالدىراش يۈرىدىغان پارتىيەلىك كادىر بولسىڭىز، چوقۇم ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە – ئېتىقادىڭىزنى چىڭىتىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن يەڭنى تۈرۈپ تىرىشىپ ئىشلەپ، شىجائەتلىك، ياراملىق بولۇپ، مۈشكۈل ۋەزىپىدە سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، جاپا – مۇشەققەت ۋە خەتەرنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭىز ئارقىلىق ئىشەنچ ۋە ئېتىقاد تارقىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىشىڭىز كېرەك.

  ئەگەر سىز ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئىشچى بولسىڭىز، قەددىڭىزنى رۇسلاپ، ئەمگەك نەمۇنىچىسىنى ئۈلگە قىلىپ، جاپالىق ئەمگىكىڭىز ئارقىلىق ئارزۇيىڭىزغا ئىنتىلىپ، قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانسىڭىز شۇ كەسىپنى سۆيۈپ، شۇ كەسىپنىڭ ئەھلى بولۇپ، ھەقىقىي ماھارەتنى، تېخنىكىنى ئىگىلەپ، قالتىس ئەمگەك ئىجادىيىتىڭىز بىلەن يېڭى دەۋردىكى چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋىنى بولۇشقا تىرىشىشىڭىز كېرەك.

  ئەگەر سىز ئېتىزدا ئەمگەك قىلىدىغان دېھقان بولسىڭىز، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئەمەلىيىتىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، باشتىن – ئاخىر بېيىپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش جاسارىتىڭىزنى ئۇرغۇتۇپ، مۇنبەت تۇپراقتا يىلتىز تارتىپ، دېھقانچىلىقنى قىزغىن سۆيۈپ، تېخنىكا ئۆگىنىپ، باشقۇرۇشقا پىششىق بولۇپ، جاپالىق تەرىڭىز بىلەن ئۈمىد ئېتىزىنى سۇغىرىپ، ئەمگەكچان ئىككى قولىڭىز بىلەن گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇپ چىقىشىڭىز كېرەك.

  ئەگەر سىز بازار قاينىمىدا جان تىكىپ ئېلىشىۋاتقان كارخانىچى بولسىڭىز، ئوقەتچىلىك ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، ئوقەتچىلىك ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ئىنتىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر كارخانىچىلىرىنىڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي كەسىپتە پۇت تىرەپ تۇرۇپ، سۈپەتكە كۆڭۈل بۆلۈپ، قالتىسلىقنى قوغلىشىپ، باشتىن – ئاخىر توختام ۋە ئىناۋەتكە ئەمەل قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىڭىزگە ئېلىپ، بازاردا بۆسۈشكە، سىناشقا جۈرئەت قىلىپ، ئىتتىك ئېقىندا دادىل ئېلىشىپ، تەرەققىيات داۋامىدا قىممىتىڭىزنى يارىتىپ، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇشىڭىز كېرەك.

  ئەگەر سىز باش چۆكۈرۈپ يېڭىلىق يارىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان پەن تەتقىقات خادىمى بولسىڭىز، ‹‹پەن – تېخنىكا گۈللەنسە مىللەت گۈللىنىدۇ، پەن – تېخنىكا قۇدرەت تاپسا دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ›› دېگەن مۇھىم تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاساسلىق جەڭگاھىغا پائال ئاتلىنىپ، يۈكسەك ئىرادە تىكلەپ، ئوڭۇشسىزلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، ئاچقۇچلۇق ساھەلەرنى، ‹‹گالدىن بوغۇدىغان›› يەرلەرنى نىشانلاپ، زېھىن قويۇپ تەتقىق قىلىپ، ھارماي ئىزدىنىپ، سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، باتۇرلۇق بىلەن پەن – تېخنىكىنىڭ يېڭى يۇقىرى پەللىسىگە يامىشىپ، يېڭى دەۋردە ئىگىلىك تىكلەپ تۆھپە يارىتىشىڭىز كېرەك.

  ئەگەر سىز جاپاغا چىداپ تىرىشىپ ئوقۇۋاتقان ئىستىقباللىق ياش ئوقۇغۇچى بولسىڭىز، دەۋر ئاتا قىلغان تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى قەدىرلەپ، ئۇلۇغ غايە تۇرغۇزۇپ، كۈرەش قىلغۇچىغا ئايلىنىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن راست ئىلىمنى ئۆگىنىپ، ھەقىقىي ئىقتىدار يېتىلدۈرۈپ، ھاياتىڭىزدىكى تۇنجى تۈگمىنى ياخشى ئېتىپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئەخلاق – پەزىلەتلىك، سەمىمىي بولۇپ، باشتىن – ئاخىر ياشلىق جاسارىتىنى، ياشلىق شىجائىتىنى ساقلاپ، دەۋرگە خاس يېڭى قىياپەتتە سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرىدىن بولۇشىڭىز كېرەك.

   ئەگەر سىز...

  20 نەچچە يىل ئىلگىرى، ‹‹ھەقىقىي قەھرىمان›› دېگەن ناخشا پۈتكۈل جۇڭگو زېمىنىدا ياڭرىغانىدى، ‹‹ھاياتلىقتىكى ھەربىر مىنۇتنى چىڭ تۇتۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن قەلبىمىزدىكى ئارزۇغا ئاتلىنايلى››، بۇ ناخشا ھېلىھەم كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدۇ. 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ‹‹بوران – چاپقۇننى باشتىن كەچۈرمەي تۇرۇپ، قانداقمۇ ھەسەن – ھۈسەننى كۆرگىلى بولسۇن›› دەيدىغان ئېتىقادى بار، ئۇلار ئارزۇغا يېتىش يولىدىكى ‹‹ھەقىقىي قەھرىمان››لاردۇر، ھەر كىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، جاپاغا چىداپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلانغاندىلا، ھېچقانداق نەرسە توسۇپ قالالمايدىغان يېڭىلمەس قۇدرەتلىك كۈچ ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.

  بوران – چاپقۇننىڭ بولۇشى نورمال ھالەت، بوران – چاپقۇنغا باش ئەگمەسلىك روھىي ھالەت، بوران – چاپقۇندا ئىلگىرىلەش جاسارەت. بۈگۈنكى جۇڭگو دەل بوران – چاپقۇندا ئۆسۈپ يېتىلىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ. ‹‹ئورمانلىقتىن ئۆتكەندە يوپۇرماقلارنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىغا قۇلاق سالماي، نەزمە ئېيتىپ تەمكىنلىك بىلەن يول يۈرۈش›› كېرەك، مەيلى قانداق بوران – چاپقۇن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا ئاتلانغان قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ.

   (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاينىڭ 7 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى