شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى: شەھەر ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز گۇرۇھى تەبىئىي گاز شىركىتى ئابۇنىچىلار چوڭ زالى ۋە ھەرقايسى رايون، ناھىيەلىك تارماق شىركەتلەر ئابۇنىچىلار زالىدا 24 دانە ئەقلىي ئىقتىدارلىق POS ئاپپاراتى كىرگۈزدى، شەھەر ئاممىسى بۇ ئاپپارات ئارقىلىق بانكا كارتىسىنى سۈركەپ ياكى ئۈندىداردا چىقىم قىلىپ گاز سېتىۋالسا بولىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 7-كۈنى شىنجاڭ يېقىلغۇ گاز گۇرۇھى تەبىئىي گاز شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان تەبىئىي گاز سېتىۋېلىش شەھەر رايونىنى ئاساسەن قاپلىغان بولۇپ، يېقىندا بۇ شىركەت يەنە ئۈندىدار ئارقىلىق چىقىم قىلغىلى بولىدىغان تەبىئىي گاز سېتىش ئەقلىي ئىقتىدارلىق POS ئاپپاراتىدىن سەككىزنى كىرگۈزگۈپ، ئاممىغا تېخىمۇ قولايلىق ھازىرلىغان.