تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 7 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، 7 – ئاينىڭ 31 – كۈنىدىكى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 7 – قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنى ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا – سانائەت مۇنبىرى، جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8 – نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ئېلىمىزنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتى ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى ئىلمىي ئانالىز قىلىپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، ھازىرقى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ۋە ئۆزگىرىشلەرنى چوڭقۇر ئانالىز قىلدى، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى ۋە مۇھىم مىزان بىلەن تەمىنلىدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىلمىي ھۆكۈمى ۋە قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشى، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  بىرىنچىدىن، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش، مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ۋەزىيىتى تەستە قولغا كەلگەن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى باشقۇرۇشتىكى يۇقىرى ئەقىل – پاراسىتى ۋە پىشقان ئىقتىدارىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى. بىز ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ يىلتىز تارتىپ ئەمەلىيلىشىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئىككىنچىدىن، قەتئىي تەۋرەنمەي دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايون بويىچە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق خىزمىتىنى ئەمەلىي، ئىنچىكە، چوڭقۇر ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، مۇقىملىق پايدىسىدىن ئۈزلۈكسىز مەنپەئەتلەندۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.

  ئۈچىنچىدىن، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتنىڭ رىتىمى ۋە سالمىقىنى ياخشى ئىگىلەپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە، تاشقى سودا، تاشقى مەبلەغ، سېلىنما، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  تۆتىنچىدىن، ئۈچ چوڭ جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىش كېرەك. پۇل مۇئامىلە خەۋپ – خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، پەسەيتىش بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نىشانى ۋە نامراتلارنى يۆلەش ئۆلچىمىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، 2020 – يىلى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى نامرات ئاھالىنىڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن قاراشنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  بەشىنچىدىن، ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئىچكىرىلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشۇش كېرەك؛ كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەدەنىيەت، ئېكولوگىيە، تەشكىللەپ گۈللەندۈرۈشنى چۆرىدەپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى تەشكىللەپ ياخشى يولغا قويۇش كېرەك؛ ساياھەت كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

  ئالتىنچىدىن، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا – سانائەت مۇنبىرى، جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8 – نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئاساسەن، ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، ئىسلاھات ۋە ئېچىۋېتىشنىڭ ئۆزئارا بىر – بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، بىر – بىرىنى تولۇقلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقئارادىكى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئىككى بازار، ئىككى بايلىقتىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  يەتتىنچىدىن، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش كېرەك. كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاشنى ھازىرقى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىسى قىلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سالمىقىنى زورايتىپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قەتئي تەۋرەنمەي شاللاپ، ياخشى تەرەققىيات مۇھىتى ھازىرلاپ، تىرىشىپ كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ بازار سۇبيېكتىنى تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچكە ۋە تېخىمۇ چوڭ بوشلۇققا ئىگە قىلىش كېرەك.

  سەككىزىنچىدىن، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئىقتىسادنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈپ ئاساس قىلىپ، بايلىق ئامىللىرىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا جۇغلىنىشىغا، سىياسەت – تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مايىللىشىشىغا، خىزمەت كۈچىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا قاراپ كۈچىيىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئۈنۈمى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

  توققۇزىنچىدىن، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا زور كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان توققۇز تۈرلۈك قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ياخشى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك.

  ئونىنچىدىن، پارتىيەنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ئىقتىساد خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى، چوڭ ئىشلارنى تۇتۇشى، چوڭ ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىشى؛ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشى؛ ھەرقايسى تارماقلار فۇنكسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، زىچ ماسلىشىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئىقتىساد خىزمىتى ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى؛ مەسىلە ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسەتلەرنى دەل جايىدا يولغا قويۇپ، پائال نەتىجە يارىتىپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىي، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىلىق، ساغلام تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تۈپ تەدبىر، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى››نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىنتىزام تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىنى چىڭىتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. ئىنتىزام ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام قانۇندىن قاتتىق بولۇش، ئىنتىزام بىلەن قانۇننى ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دائىملىق باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشتىكى ‹‹تۆت خىل ھالەت››نى قوللىنىپ، بالدۇر تۇتۇپ، كىچىكىدە تۇتۇپ، بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىپ، تۈزۈمنى چىڭىتىپ، ئىنتىزامنى كۈچەيتىش كېرەك. ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنىڭ ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەشتىن ئىبارەت ئۆتكۈر قوراللىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تۈزۈم بېكىتىپ، قائىدە تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئىجرا قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەيمىنىدىغان، ئېھتىيات قىلىدىغان، تۆۋەن چەكنى ساقلايدىغان قىلىپ، نازارەت ۋە چەكلىمىنى قوبۇل قىلىدىغان مۇھىتتا خىزمەت قىلىشقا ۋە ياشاشقا ئادەتلەندۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ ئىچكىرىلەپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش ــــ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنى نەزەرگە ئېلىپ چىقارغان زور ئىستراتېگىيەلىك قارارى بولۇپ، ئارمىيەنى سىياسىي ئارقىلىق قۇرۇش، ئارمىيەنى ئىسلاھات ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى پەن – تېخنىكا ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئورنىنى مۇستەھكەملەش، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ئارمىيە بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات›› دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، قىسىمغا پۈتۈن كۈچ بىلەن ماسلىشىپ، خىزمەت تەدبىرلىرىنى تەپسىلىيلەشتۈرۈپ، يۈرۈشلۈك سىياسەتلەرنى تۈزۈپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئارمىيەنىڭ ئىسلاھاتىنى قوللاپ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيەنىڭ ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىشىنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىش خىزمىتىنى تولۇق تاماملاپ، يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرى ئۈچۈن ئاكتىپ تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ <يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش، ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر>نى يولغا قويۇش پىكرى››، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ <تىجارەت ئىجازەتنامىسى بىلەن تىجارەت كىنىشكىسىنى ئايرىش> ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يولغا قويۇش لايىھەسى›› قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

  شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، شۈ خەيرۇڭ، تيەن ۋېن، جاڭ چۈنلىن، پېڭ جيارۈي يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.