ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فەن مىڭ خەۋىرى، فوتوسى: بۈگۈر ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالى چېتىغا جايلاشقان غەربىي شىمال نېفىتلىكى نېفىت قېزىش 1-زاۋۇتىدىكى نېفىت ئىشچىلىرى تومۇز كۈنلىرىدىكى 40 سېلسىيە گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىغا قارىماي تەبىئىي گازنى تازىلاش ۋە يېنىك گىدروكاربون ئىشلەپچىقىرىش ئۈچ يۈرۈش قۇرۇلمىسىنى چوڭ دائىرىدە رېمونت قىلىش ئارقىلىق، تەبىئىي گازنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش-سېتىش ساقلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ يىل قىش ۋە كېلەر يىلى ئەتىيازدا تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئالدىراش ئىشلەۋاتقان ئىدى.
بۇ قېتىمقى چوڭ دائىرىدە رېمونت قىلىش خىزمىتى قۇدۇقنى تاقاش ۋە تۆۋەنكى ئېقىندىكى ئاھالىلەرنى گاز بىلەن تەمىنلەش خىزمىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتى ناھايىتى ئېغىر ئىدى، زاۋۇت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە خىزمەتلەر پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، نېفىت گازى قۇدۇقى ئېتىلغان مەزگىلدىكى بېسىمنى ئۆلچەش خىزمىتى ياخشى ئىشلىنىپ، مەھسۇلات مىقدارىنىڭ ئايلىنىشى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، زىياننى ئەڭ يۇقىرى نىسبەتتە تۆۋەنلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىندى.
تومۇز ئىسسىقتا پارتىيە ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە كۆرسىتىپ، رېمونت قىلىشنىڭ بارلىق جەريانلىرىغىچە ئىنچىكىلىك بىلەن مەشغۇلات ئېلىپ باردى. تازىلاش باسقۇچىدا ئۇلار ھېرىپ-چارچاشتىن قورقماي، مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە خىزمەت قىلىپ، كېرەكسىز سۇ، كېرەكسىز مايلارنى قانۇن، بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلدى.