تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

2018 –يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ (سانجى) ئۇرۇق يەرمەنكىسى باشلاندى

  ئۆز خەۋىرىمىز: سانجى ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك مەبلەغ سېلىش تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئۇيۇشتۇرغان، سانجى ئوبلاستلىق يېزا ئىگىلىك ئىدارىسى، سانجى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا رايونى قوللىغان 2018-يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ (سانجى) ئۇرۇق يەرمەنكىسى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا رايونىدىكى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆرگەزمە رايونىدا باشلاندى.

  بۇ نۆۋەتلىك ئۇرۇق يەرمەنكىسىدە «بازا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئۇرۇق شەھىرى بەرپا قىلىش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، ئۈچ كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يەرمەنكىدە، ئۇرۇق، كۆچەتلەرنىڭ ئەڭ يېڭى پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە ئۇرۇق ماشىنىلىرى كۆرگەزمە قىلىنىپ، ئۇرۇق سودىسى ۋە تۈرلەر ئۈستىدە كېڭىشىش، تۈرلەر بويىچە تېخنىكا ھەمكارلىق تونۇشتۇرۇش يىغىنى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىپ، سانجى ئوبلاستى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇرۇق ساھەسىدىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلەر نامايان قىلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، سانجى ئوبلاستىنىڭ كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش كۆلىمى بىر مىليون مودىن ئېشىپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ %40 نى ئىگەللىگەن؛ يىلىغا 400 مىڭ توننا ھەرخىل سورتلۇق ئۇرۇقلار ئىشلەپچىقىرىلىپ، مەھسۇلات قىممىتى 3 مىليارد يۈەنگە يەتكەن؛ سۈپەتلىك ئۇرۇقلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئاشۇرۇشتا قوشقان تۆھپە نىسبىتى %45 تىن ئېشىپ، ئۇرۇق يېتىشتۈرۈشكە قاتناشقان دېھقانلارنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 1000 يۈەندىن ئاشقان؛ نۆۋەتتە ئۇرۇقچىلىق كەسپى سانجى ئوبلاستىنىڭ تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم كەسىپلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى