تەڭرىتاغ تورى   ›   سۈرەت

3-نۆۋەتلىك «رىۋايەت تۈسىنى ئالغان شەھەر · بۇرچىن تەمى» مەززىلىك تائاملار بايرىمى باشلاندى

  8-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن، كاۋاپچى ئۇستاملار كۆڭۈل قويۇپ كاۋاپ پىشۇرۇپ، دۇنيا جېننىس رېكورتىغا ئىلتىماس قىلىشقا تەييارلىق كۆرمەكتە.

  تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇر ئېلىش، مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىش، يەرلىك مەھسۇلاتلارنى تاللاش، نەق مەيداندا دۇنيا جېننىس رېكورتىغا شاھىت بولۇش...... 2018-يىل 8-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 12:00دە، 3-نۆۋەتلىك «رىۋايەت تۈسىنى ئالغان شەھەر·بۇرچىن تەمى» مەززىلىك تائاملار بايرىمى ئالتاي ۋىلايىتى بۇرچىن ناھىيەسىدە باشلاندى. ئون مىڭدىن ئارتۇق شۇ جايدىكى ئامما ۋە ساياھەتچىلەر بۇرچىن ناھىيەسى دەريا قېشى كەچلىك بازىرىغا جەم بولۇپ، ئېرتىش دەرياسى بويىدىكى خۇشاللىق شاملىرىنى ياندۇردى.

  بۇ نۆۋەتلىك مەززىلىك تائاملار بايرىمىنى بۇرچىن ناھىيەلىك پارتكوم بىلەن بۇرچىن ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، بۇرچىن ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات ئىشخانىسى، ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى، مەدەنىيەت-تەنتەربىيە ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىشىپ ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ بايرام 8-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن تاكى 9-ئاينىڭ بېشىغىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، «بۇرچىن تەمى» مەززىلىك تائاملار ھەپتىلىكى، «گۈزەل بۇرچىن» كەشتىچىلىك ھەپتىلىكى، «بۇرچىندىكى مۇھەببەت ناخشىسى» ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيەت ھەپتىلىكى، «ئوقۇمۇشلۇق بۇرچىن» ھۆسنخەت-رەسىم كۆرگەزمىسى ھەپتىلىكى، «رەڭدار بۇرچىن» ساياھەت مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش ھەپتىلىكى قاتارلىق بەش چوڭ تېما پائالىيىتى، ھەر ھەپتىدە سەر خىل سورۇن، نادىر كۆرۈنۈشلەر بىلەن ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى