تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىدىكى بىر مەھەللىدە ياشانغانلار چېچىنى ھەقسىز ياساتتى

  ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى (مۇخبىر ياڭ لىجۇ) خەۋىرى. تۆت يىلدىن بۇيان، ھەر دۈشەنبە سەھەردە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نەنخۇدىكى ئەنجۈ 1-قارار ئولتۇراق رايونىنىڭ ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزىدە ساتىراشلار ياشانغانلارنىڭ چېچىنى خالىسانە ياساپ كەلدى.

  8-ئاينىڭ 6-كۈنى سەھەردە مۇخبىر نەنخۇدىكى ئەنجۈ 1-قارار ئولتۇراق رايونىنىڭ ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزى ئىشىكى ئالدىغا يەتتە ئورۇندۇق، ئورۇندۇق يېنىغا چاچ ياسايدىغان جابدۇقلارنىڭ قويۇلغانلىقىنى، ئۈچ ساتىراشنىڭ ياشانغانلارنىڭ چېچىنى ياساۋاتقانلىقىنى، ياشانغانلارنىڭ ئۆچرەت تۇرۇپ ساقلاۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  بۇ ساتىراشلار مەھەللە ئەتراپىدىكى بىر ساتىراشخانىدىن كەلگەن بولۇپ، دۇكان باشلىقى كەي مى: «بۇ مەھەللىدە 60 ياشتىن ئاشقانلار كۆپ، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلىشىمىز كېرەك، مەن ياشانغانلارغا ياردەم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسىگە ئېرىشتىم، بۇنداق قىلىشىمغا ئەرزىيدۇ، دەپ قارايمەن» دېدى.

  شەن دېجيې ياشانغانلار پائالىيەت مەركىزى جىڭجۈي تىياتىرى خور ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى بولۇپ، ئۇ: «پائالىيەت مەركىزىمىزدىكى ياشانغانلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە چېچىنى ياسىتىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ساتىراشلارغا رەھمەت ئېيتىدۇ ھەم ئۇلارغىمۇ ئىش قىلىپ بېرىشنى ئويلايدۇ. بىر قېتىم چاچ ياساۋاتقاندا ئۇلارنىڭ جابدۇقى بۇزۇلۇپ كەتتى، ئارىمىزدا ياش ۋاقتىدا رېمونتچى بولغانلار بار، ئۇلار بىردەمدىلا جابدۇقلارنى ئوڭشاپ بولدى، شۇنىڭدىن كېيىن ساتىراشلارنىڭ جابدۇقلىرى بۇزۇلۇپ قالسا، بىز ياردەملىشىپ رېمونت قىلىدىغان بولدۇق» دېدى.

  تۆت يىلدىن بۇيان، كەي مى شاگىرتلىقتىن دۇكان باشلىقلىقىغا ئۆستى، ئۇ دەسلەپتە ئۆزى يالغۇز جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرىنى قىلغان بولسا، ھازىر باشقا خادىملارنىمۇ باشلاپ كېلىپ قىلىدىغان بولدى، ئۇلار ھەر دۈشەنبە ئەتىگەن سائەت 9:30 دىن چۈش سائەت 1 گىچە مەھەللىدىكى 20 نەچچە ياشانغان كىشىنىڭ چېچىنى ھەقسىز ياساپ كەلدى، ئۇلار بەزىدە يەنە بالىلارنىڭمۇ چېچىنى ھەقسىز ياساپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ساتىراشخانا ساتراشلارنى ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز ياشانغانلارنىڭ ئۆيىگە ئوتتۇرىچە ئايدا بىر قېتىم بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشقا تەشكىللىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى