تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىجتىمائىي خەۋەرلەر

جىمىسار ناھىيەسى دەريالارنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى تۈزىدى

  تىيانشان تورى ئىختىيارىي مۇخبىرى ۋېي جاۋچۈن، يې بېي خەۋىرى: قۇرۇلۇش ماشىنىلىرىنىڭ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازى بىلەن، جىمىسار ناھىيەسى بېيتىڭ بازىرى يۈجياگۇڭ يېزىسىدىكى دەريا يولىدا چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنىسى قۇرۇلۇش ئېلىپ بارماقتا ئىدى.

  بېيتىڭ بازىرى رايونىدا بەيياڭ دەرياسى بىلەن دۇڭدا لۇڭكوۋ دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىلىق دەريا بولۇپ، دەريا يولى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 9 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ قېتىمقى تۈزەش خىزمىتى ئاساسلىقى دەريانىڭ لاتقىلاردىن توسۇلۇشى، قۇرۇلۇش ئەخلەتلىرى، تاشلاندۇقلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشى قاتارلىقلارنى تۈزەش ئارقىلىق، دەريا سۈيىنىڭ راۋان ئېقىشىغا ۋە دەريا بويى رايونلارنىڭ مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

  بۇ يىل جىمىسار ناھىيەسى «سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تىكلەپ، مۇھىتنى تۈزەش خىزمىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن قانات يايدۇردى، ئاھالىلار ئىنكاس قىلغان مۇھىت توغرىسىدىكى قىزىق نۇقتا ۋە قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى بىرمۇبىر ھەل قىلدى. بۇ قېتىمقى قۇرۇلۇشنىڭ يولغا قويۇلۇشى جىمىسار ناھىيەسىنىڭ مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنىڭ تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى بولۇپ، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشنىڭ باشلىنىشى بولدى، بۇنىڭدىن كېيىن جىمىسار ناھىيەسى دەريا ۋە دەريا بويىدىكى رايونلارنىڭ مۇھىت تازلىقىنى ئاسراپ، مۇھىتنى ئاسراش تەشۋىقاتىنى كۈچەپ ئىشلەپ، تەدرىجىي ھالدا دەريانى قوغداش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئورتاق قوغداشقا يېتەكلەيدىكەن.

  مەنبە: سانجى گېزىتى

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى