تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

بىر كۈندە قانچىلىك كۆك چاي ئىچكەندە ساغلاملىق ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ؟

  خەلق تورى خەۋىرى. كۆك چاينىڭ ئاساسلىق فۇنكسىيەلىك تەركىبى كاتېخىن. كاتېخىننىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىك خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش، ئۆسمە پەيدا بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق كۆپ خىل بىيولوگىيەلىك رولى بار.

  كۆك چاي ئىچىشنىڭ ساغلاملىققا پايدىسى بار. «جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش ئوزۇقلۇق قوبۇل قىلىش پايدىلىنىش مىقدارى (2013)» دا كۆرسىتىلىشىچە، كۆك چاي تەركىبىدىكى كاتېخىننى قوبۇل قىلىش مىقدارى ئوخشاش بولمىسا، ساغلاملىق ئۈنۈمىمۇ ئوخشاش بولمايدىكەن:

  1. كۈنىگە كۆك چايدىن 250 مىللىگىرام كاتېخىن قوبۇل قىلغاندا، كاتېخىننىڭ ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولىنى كۆزەتكىلى بولىدۇ.

  2. كۈنىگە 400 مىللىگىرام كاتېخىن قوبۇل قىلغاندا، بەدەن ئېغىرلىقى ھەمدە قان قەنتى، قان بېسىمى، قان مېيى قاتارلىق يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكىنىڭ خەتەرلىك ئامىللىرى تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن يۈرەك قان تومۇرى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىمۇ تۆۋەنلەيدۇ.

  3. كۈنىگە 600 مىللىگىرام كاتېخىن قوبۇل قىلغاندا، ئەرلەرنىڭ مەزى بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۆۋەنلەيدۇ. ئەمما تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، چاي ئىچىشنىڭ ئاشقازان راكى ۋە دوۋسۇن راكىغا تەسىرى بولمايدىكەن.

  ھەربىر ئىستاكان كۆك چايدا تەخمىنەن 100 مىللىگىرام كاتېخىن بولىدۇ، شۇڭا كۈنىگە ئاز دېگەندە ئۈچ ئىستاكان كۆك چاي ئىچكەندە ئاندىن بەدەنگە نىسبەتەن ساغلاملىق ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ. دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، بىر ئىستاكان كۆك چايدا تەخمىنەن 2 گىرام كۆك چاي بولىدۇ، كۆك چاينى قايتا-قايتا دەملەشكە ماس كەلمەيدۇ، 2 قېتىم دەملەپ بولغاندىن كېيىن ئالماشتۇرۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى