جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: يېقىندا، سىچۇەنلىك بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىدىغان فوتوگراف سۈرەتكە تارتقان بىر قاتار شىزاڭ رىخازى جىلوڭ جىلغىسىنىڭ مەنزىرىسى كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. جىلوڭ جىلغىسىغا تۇنجى قەدەم قويغان كىشىدە قارلىق تاغ، مۇزلۇق، ئوتلاق، يايلاق، باياۋان، كۆلدىن ئىبارەت مەنزىرە ئامىلى تەق بولغان سىزما سۈرەت قوينىغا كىرىپ قالغاندەك سېزىم پەيدا بولىدۇ.
ھىمالايا تېغىنىڭ «يېرىلىشى»دىن ھاسىل بولغان تاغ ئارىسىدا، جىلوڭ جىلغىسى ھەم چوڭقۇر ھەم ئۇزۇن ھالەتتە جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ. ئۆزگىچە يەر شەكلى تۈپەيلى بۇ جايدىكى تاغ چوققىلىرى ئېگىز ھەم تىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، نۇرغۇن دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 6000 مېتىردىن ئاشىدىغان تاغ چوققىلىرىدىن يىلبويى قار كەتمەيدۇ.جىلوڭ جىلغىسى كىشىلەرگە تەبىئەتنىڭ شۇ قەدەر سىرلىق ۋە كۆپ خىللىقىنى چىن مەنىدىن ئاشكارلايدۇ، بۇ كىچككىنە تاغ جىلغىسىدا كىشىلەر بىر يىلدىكى تۆت پەسىل ئۆزگىرىشى بىلەن يېقىن ئارلىقتا ئۇچرىشالايدۇ.
(ياڭ جيەن فوتوسى)