ياشىن تورى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش كومىتېتى (مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى)نىڭ شەھەر مەمۇرىيتى ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش باشقارما باشلىقى لى جۈندىن ئىگىلىشىچە، دوستلۇق يولى ئۈرۈمچىدىكى نۇقتىلىق قاتناش تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2008-يىلى چوڭ كۆلەمدە بىر قېتىم رېمونت قىلىنغان، مەركىزىي شەھەردە ئاپتوموبىلنىڭ كۈندىن كۈنىگە كۆپىيىشى تەسىرىدە، 10 يىللىق ئىسسىق-سوغۇقنى بېشىدىن كەچۈرگەن دوستلۇق يولىنىڭ يۈزى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يىللىق نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرىنى تۈزەش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن.
لى جۈننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىم يول يۈزىنى ئۇنىۋېرىسال تۈزەش خىزمىتى گۈزەللەشتۈرۈش خىزمىتى ھەمدە مېترو قۇرۇلۇشىنىڭ ئاخىرىغا بىرلەشتۈرۈلۈپ ئېلىپ بېرىلىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پۈتۈن شەھەردىكى نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرى ئۇنىۋېرىسال تۈزىلىدىكەن. تۈزەش خىزمىتى پىيادىلەر يولىغا يېڭى تاش ياتقۇزۇش ۋە قىرغاق تېشىنى ئالماشتۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. قۇرۇلۇش ئاساسەن كېچىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، دۆلەت بايرىمىدىن بۇرۇن تاماملىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل تىيانشان رايونىدا 33 يول بۆلىكى تۈزىلىدىغان بولۇپ، 16 غول لىنىيە، 17 قوشۇمچە لىنىيە بار ئىكەن؛ سايباغ رايونى تەۋەلىكىدىكى 10 يول تۈزىلىدىكەن.