جۇڭگو ئاياللىرى گېزىتى خەۋىرى. نۇرغۇن كىشى تومۇز ئىسسىقتا شامالدۇرغۇچنى ئېچىپ قويۇپ ئۇخلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇيقۇ مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دېيىشىچە، شامالدۇرغۇچ زىيادە سەزگۈرلۈك، زىققا، تېرە قۇرغاقلىشىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى ئاسانلا پەيدا قىلىدىكەن، مۇتەخەسسىسلەر زىيادە سەزگۈر كىشىلەرنىڭ باشقا ئۇسۇلنى تاللاپ سالقىندىشىنى تەۋسىيە قىلدى.
ئەنگلىيە ئۇيقۇ مۇتەخەسسىسى مارك رېددىك مۇنداق دېدى: «بىر قىسىم كىشىلەر شامالدۇرغۇچ ئاستىدا ئۇخلىغاندا ياخشى ۋە سالقىن ئۇخلىيالايدۇ؛ يەنە بىر قىسىم كىشىلەردىكى ئۇخلىيالماسلىق، زىققا كېسىلى پەيدا بولۇش، ياكى كۆز قۇرغاقلىشىش شامالدۇرغۇچ تەسىرىدىن بولۇشى مۇمكىن».
رېددىك مۇنداق دېدى: شامالدۇرغۇچ توپا-چاڭ ۋە گۈل چېڭىنى ئۇچارتىدۇ، زىيادە سەزگۈر، زىققا كېسىلى بار كىشىلەر شامالدۇرغۇچنى ئېچىپ قويۇپ ئۇخلىسا بىئارام بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن سىرت، شامالدۇرغۇچ ئۇزاق مەزگىل ئىشلىتىلسە ئۆي ئىچى ھاۋاسى قۇرغاقلىشىدۇ-دە، تېرە، كۆز، ئېغىز، كاناي ۋە بۇرۇن قۇرغاقلىشىش كېلىپ چىقىپ، ئۇخلاشقا تەسىر يېتىدۇ.