تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن

  بورتالا شەھەرلىك 5 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ چىندېل كوچا باشقارمىسى خۇڭيۈن مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1 – شۇجى پولات ئادىل

  مەن زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، دادام 35 يىللىق پارتىيە ئىستاژىغا ئىگە پارتىيە ئەزاسى، ئۇ دائىم ماڭا: بارلىقىمىزنى پارتىيە ۋە دۆلەت بەرگەن، دۆلەت ۋە جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇشىمىز كېرەك، دەپ تەربىيە قىلاتتى.

  شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر بۇ مۇنبەت تۇپراقتا ئورتاق ياشاپ كەلدى، كۆپچىلىك ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، ھەر بىر كىشى ئوخشاش بولمىغان خىزمەت ئورنىدا، ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇلدا سۆيۈملۈك يۇرت – ماكانىمىزنى قۇرماقتا، بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىنتىلمەكتە.

  لېكىن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مىللەتلەر ئارىسىدىكى قان قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت ۋە ھېسسىياتنى پارچىلاشقا ئۇرۇندى، ئۇلار ھىيلە – مىكىر ئىشلىتىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، ئەينەن ئەھۋالنى بىلمەيدىغان ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتتى. ئۇلار ئادىمىيلىكىنى يوقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىگۇناھ ئاممىغا زىيانكەشلىك قىلدى. ئۇلار ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە گۈللەپ ياشنىشىغا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ئىجتىمائىي ئىناقلىق ۋە مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلدى، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ئىلگىرىلەۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلدى. بىز بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايمىز، ئۇلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمىز.

  مائارىپ خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوقۇم بىر قەدەم ئالدىدا مېڭىشىم، سەپنىڭ ئالدىدا تۇرۇشۇم كېرەك، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، ھەرمىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈشكە، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەپ، ئىتتىپاق – ئىناق، ئاۋات – باي، مەدەنىي – ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

   پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تىرىشىپ ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ ‹‹سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان›› ياخشى كادىر بولۇپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا مەيدانىمنى مۇستەھكەم، بايرىقىمنى روشەن، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك قىلىپ، پارتىيەۋىلىككە، ئەخلاق – پەزىلەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈلگە بولۇپ، ئائىلەمگە، ئائىلە تەربىيەسىگە، ئائىلە ئىستىلىغا ئەھمىيەت بېرىپ، كومپارتىيە ئەزاسىغا خاس ئالىيجاناب پەزىلەت ۋە پاك خىسلەتنى ساقلايمەن.

  ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ 1 – سېپىدە تۇرۇپ، باش نىشاننى چۆرىدەپ، مەسئۇلىيەتچانلىق، مېھىر – مۇھەببەت بىلەن ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر، ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ئامما بىلەن دائىم بېرىش – كېلىش قىلىش، كۆپ جەم بولۇش، قويۇق ئالاقە قىلىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەملىشىپ، كومپارتىيە ئەزاسىغا خاس ياخشى ئوبراز تىكلەيمەن. ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئاھالىنى ئالىيجاناب ئەخلاق – پەزىلەت تۇرغۇزۇشقا، ياخشى ئىش قىلىشقا يېتەكلەپ، ھەرمىللەت ئاممىنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پاش قىلىپ، تەنقىدلەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇپ، ئىناق، مۇقىم، گۈزەل يۇرت – ماكانىمىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوغدايمەن.

  ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت جەريانىدا، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى كەم – كوتسىز ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى