تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

«ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۇلارغا قاتتىق زەربە بېرىمەن

  جىمىسار ناھىيەلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس ما دېلىن

  كۆپ يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كىچىكىمدىن پارتىيەنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلدۈم، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا تەدرىجىي ئۆسۈپ يېتىلىپ، ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمغا چىقتىم، قەلبىم پارتىيەگە بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتى بىلەن تولدى.

  مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى تەربىيەلەپ، ھەق – ناھەقنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىمنى ئاشۇرۇپ، كادىرلار، ئاممىنى شىنجاڭنىڭ ‹‹تۆت تارىخ››ىنى توغرا تونۇشقا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈش چىن ھېسسىياتىنى قوزغىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشقا پائال تۆھپە قوشىمەن.

  نۇرغۇن پاكىت شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ‹‹مىللەت›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ‹‹دىن›› تونىغا ئورىنىۋېلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ، مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە ئارازلىق پەيدا قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى جىنايى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ باردى، ئۇلار زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋاسىتىسى ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ۋەتەننى پارچىلاش جىنايى مەقسىتىگە يېتىشكە ئۇرۇندى. ئۇلار ھەر مىللەت ئاممىغا ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلدى، ئۇلار مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتىمىزدىكى ئېغىر بالايىئاپەت، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى، ئۇلارغا چوقۇم لەنەت ئوقۇشىمىز، ئۇلارنى قامچىلىشىمىز، قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشىمىز، يىلتىزىدىن قۇرۇتۇشىمىز، قىلچە يۇمشاق قوللۇق قىلماسلىقىمىز كېرەك.

  بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغانلىكى كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قانۇن بويىچە قەتئىي تەۋرەنمەي زەربە بېرىپ، ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك. ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنى››، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى››، ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى›› قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا ئاساسەن، تېررورلۇق، بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىيلىك ۋە ئۇلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق، ئېغىر بىر تەرەپ قىلىپ، پەردە ئارقىسىدىكى قوللىغۇچى ۋە پىلانلىغۇچىلارنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۇلارغا قاتتىق زەربە بېرىشىمىز كېرەك. ‹‹كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چاقىدىغان›› ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى ئۈزۈل – كېسىل يوقىتىپ، ماركسىزملىق ئىدىيە ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  مەن سىياسىي سەزگۈرلۈكۈمنى ھەقىقىي ئاشۇرۇپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ۋە زور پىرىنسىپال مەسىلىلەردە، باشتىن – ئاخىر تونۇشتا مۈجمەل بولمايمەن، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولمايمەن، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەيمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى باشلامچىلىق بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، باشلامچىلىق بىلەن خاتا قاراش ۋە خاتا گەپ – سۆزلەرنى تەنقىدلەيمەن. سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىش، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشقا ماھىر بولىمەن، مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش داۋامىدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشكە ماھىر بولىمەن؛ سىياسىي ئىنتىزام، سىياسىي قائىدىنى كۈچەيتىپ، بايرىقىم روشەن ھالدا توغرا ئىدىيە ۋە پىكىرنى قوللاپ، ھەر خىل خاتا پىكىر ئېقىمىنى توسىمەن، تۇتۇشقا، باشقۇرۇشقا، بوران – چاپقۇنلاردا كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي جان تىكىپ كۈرەش قىلىش ئىرادىسى، ئىشەنچىسى، جاسارىتى بىلەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە ئۆلۈكىنىمۇ قويىدىغان جاي قالدۇرمايمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى ئۈزۈل – كېسىل يوقاتقاندىلا، شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغدىغىلى بولىدۇ، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىپ، مەڭگۈ تىنچ، بەختلىك گۈزەل تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى