8-ئاينىڭ 6-كۈنى مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار سەنئەت ماھارىتىنى كۆرسەتمەكتە.
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 8-ئاينىڭ 6-كۈنى، 2018-يىللىق لياڭشەن يىزۇلار مەشئەل بايرىمى، ئەنئەنىۋى يىزۇ گۈزىلىنى تاللاش مۇسابىقىسى جاۋجۆ ناھىيەسى گۇكېدىې يايلىقىدا ئۆتكۈزۈلدى. سچۇەن، يۈننەن، گۈيجوۋ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 45 نەپەر يىزۇ ياش ئوغۇل-قىزلىرى ئارىسىدىن، كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى، سەنئەت ماھارىتى كۆرسىتىش، ئۇنىۋېرسال نومۇر ئورۇنلاش، زېھىن سىناش قاتارلىق ھالقىلار بويىچە، ئابرويلۇق مويسىپىتلار تەرىپىدىن گۈزەل قىز ۋە جەڭگىۋار يىگىتلەر تاللاپ چىقىلدى.
(لۈي مىڭزىې فوتوسى)