تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشەنچلىك سىردىشى

  ــــ سانجى ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى دانەنگۇ ئۆزبەك يېزىسى نەنگۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتى توغرىسىدا

  مۇخبىرىمىز جاڭ تىڭ

   ئۇلار نەنگۇ كەنت ئاھالىلىرىگە ئەڭ تونۇش كىشىلەر، شۇنداقلا كەنت ئاھالىلىرى ئەڭ ئىشىنىدىغان كىشىلەر.

  ئۇلار كەنت ئاھالىلىرىگە ئالاقىدار ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئۆيمۇئۆي كىرىپ تەپسىلىي چۈشەندۈردى؛ كەنتتىكى چوڭ – كىچىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇلارنىڭ سىيماسى بار... ئۇلار سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى دانەنگۇ ئۆزبەك يېزىسى نەنگۇ كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى.

  7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1 – شۇجى شېن جۇڭچۈەن مۇنداق دېدى: ئاممىنىڭ ئىشىدا كىچىك ئىش يوق. ھەر بىر ئىشنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ياخشى قىلىپ، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەرگەندىلا ئاممىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلىغىلى بولىدۇ. كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتى ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنى ئۈنۈملۈك تۇتقا قىلىپ، ھەر بىر ئىشنى قەلبى، كۈچى، مېھرى بىلەن ياخشى قىلىپ، ھەقىقىي مۇھەببىتى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشەنچىگە، ئەمەلىي ئىشلەش روھى ئارقىلىق كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشتى.

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ تەلەپلىرى ھەل قىلىندى

  ‹‹مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسىدا خۇشاللىق ئىشلار كۆپ، بەزىلەر ناخشا ئېيتسا، بەزىلەر ئۇسسۇل ئوينايدۇ؛ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى سۆزلىنىدۇ، بىز ھازىر مەدەنىي، ئىناق يېڭى نەنگۇ قۇرۇۋاتىمىز...››. 7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، نەنگۇ كەنتىنىڭ مەدەنىيەت چوڭ ھويلىسى شاد – خۇراملىققا چۆمگەن بولۇپ، كەنت ئاھالىسى مىرەنبېك ئەكبەربېكنىڭ ئاقىنلار ئېيتىشىشى كۆپچىلىكنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  ھازىر، بۇنداق ئويۇنلار نەنگۇ كەنتىدە ھەر ھەپتىدە ئوينىلىدۇ، كەنت ئاھالىلىرى دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىپ بولۇپ، بۇ يەردە نەغمە – ناۋا قىلىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينايدۇ.

   بۇ يىل، كەنت ئاھالىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان مەدەنىيەت پائالىيەت مەيدانى كەمچىل بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، خىزمەت ئەترىتى 100 مىڭ يۈەن مەبلەغ ھەل قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يۇمشاق دېتال، قاتتىق دېتال جەھەتلەردىن ئۆلچەمگە يەتكەن كەنت دەرىجىلىك مەدەنىيەت ھويلىسى بەرپا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەنتنىڭ چارۋىچىلار ئۇسسۇل ئەترىتى، ئاقىنلار ئېيتىشىشى ئەترىتى، بۈركۈت ئۇسسۇل ئەترىتى ۋە قىزىل ناخشا خور ئەترىتىدىن ئىبارەت تۆت چارۋىچىلار ئەدەبىيات – سەنئەت ئەترىتى قۇرۇشىغا ياردەم قىلىپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى زور دەرىجىدە قاندۇردى.

  كەنت ئاھالىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە قارىتا، خىزمەت ئەترىتى باشتىن – ئاخىر ‹‹بىرمۇبىر ئىنكاس قايتۇرۇش، بىرمۇبىر ئەمەلىيلەشتۈرۈش››نى ئىشقا ئاشۇردى. ھازىرغىچە، خىزمەت ئەترىتى كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت›› بەنزىسىگە ھەمكارلىشىپ، ئاممىنىڭ 130 نەچچە تۈرلۈك قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى.

  ھويلا – ئاران ئىگىلىكى راۋاجلاندۇرۇلۇپ، كىرىم ئاشۇرۇلدى

  7 – ئايدىكى نەنگۇ كەنتى يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، دېھقانلارنىڭ ھويلىسىدا كۆكتات، مېۋىلىك دەرەخلەر بۈك – باراقسان ئۆسكەنىدى. نەنگۇ كەنتى چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغان، دېھقانچىلىق بىلەن چارۋىچىلىق بىرلەشتۈرۈلگەن چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش يېڭى كەنتى بولۇپ، بۇ يىل خىزمەت ئەترىتى ھويلا – ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى بۆسۈش ئېغىزى قىلدى.

  ئەتىيازدا، خىزمەت ئەترىتى 15 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ ئاجرىتىپ، 12 مىڭ تۈپ كۆكتات مايسىسى سېتىۋېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ھەقسىز تارقىتىپ بەردى ھەم نەق مەيدان كۆرەك يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، چارۋىچىلارنى كۆكتات تېرىقچىلىق تېخنىكىسى بويىچە مەركەزلىك تەربىيەلىدى.

  كەنت ئاھالىسى پەرىزات دۈسەنباي كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: كۆكتات تېرىپ، مېۋىلىك كۆچەت تىكتۇق، ھويلىمىز گۈزەللىشىپلا قالماي، يەنە كىرىمىمىزمۇ ئاشتى.

  خىزمەت ئەترىتى مۇھىتنى گۈزەللەشتۈرۈش، كەنت ئاھالىلىرىنى ساغلام تۇرمۇشقا يېتەكلەش بىلەن بىللە، ‹‹ئون يۇلتۇز دەرىجىلىك›› مەدەنىي ئائىلە بەرپا قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، ‹‹ئون يۇلتۇز دەرىجىلىك›› مەدەنىي ئائىلە بەرپا قىلىش، باھالاش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كەنت بويىچە ناچار ئۆرپ – ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش، يېڭى ئىستىلنى پائال ئەۋج ئالدۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈردى.

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش يولى كېڭەيتىلدى

  7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، خامخور قول ھۈنەر بۇيۇملىرى ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا بىر نەچچە ئايال قۇرۇت، سېرىق ماي تەييارلاۋاتاتتى.

  ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەرجان مۇنداق دېدى: ھازىر قۇرۇت، سېرىق ماي، قايماق قاتارلىق بەش – ئالتە تۈرلۈك سۈت مەھسۇلاتىمىزنىڭ بىر قىسمى ساياھەت نۇقتىلىرىدا، بىر قىسمى ئەتراپتىكى ناھىيە، شەھەرلەردە سېتىلىدىغان بولدى، بۇلتۇر ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىز 450 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى.

  ئۆمەرجان ئىلگىرى كىچىك كۆلەمدە سۈت مەھسۇلاتلىرى ياسايتتى، ئۇ ئىزچىل ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن مەبلەغ كەمچىل بولۇش ۋە ئورۇن مەسىلىسىدىن بېشى قاتقانىدى. بۇلتۇر، خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭغا 100 مىڭ يۈەن تەرەققىيات مەبلىغى ھەل قىلىپ بەردى، ئۇ، ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇپ، كەنتتىكى تۆۋەن كىرىملىك ئون ئائىلىنى كوپىراتىپقا قاتناشتۇردى. بۇ يىل خىزمەت ئەترىتى ئۇنىڭغا يەنە ئىشلەپچىقىرىش ئورنى ھەل قىلىپ بەردى، ئۇ يەنە ئۈسكۈنە كىرگۈزۈپ، ئىشلەپچىقىرىش كۆلىمىنى كېڭەيتمەكچى بولدى.

   كەنت ئاھالىسى ئابىلخازىر خاتى ئەر – خوتۇن ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا خىزمەت تاپتى. ئابىلخازىر مۇنداق دېدى: خوتۇنۇم سۈت مەھسۇلاتى ياسايدۇ، مەن كالا باقىمەن، بىز بىر ئايدا 4000 يۈەن كىرىم قىلالايمىز، بۇنىڭدىن كېيىن مەن داۋاملىق تىرىشىپ ئىشلەيمەن.

  ھازىر، خىزمەت ئەترىتى ئات باقمىچىلىقى، سۈت مەھسۇلاتلىرى، كەشتىچىلىك، چارۋىچىلار ئارامگاھى، ناۋايلىق قاتارلىق ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى قۇرۇپ، مەبلەغ توپلاپ، ھەرقايسى ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا ياردەم قىلدى. كەنت ‹‹ئىككى كومىتېتى›› ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرى بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرنى كوپىراتىپقا ئىشچىلىققا قوبۇل قىلدى، ھازىر، تۆۋەن كىرىملىك كىشىدىن 20نى قوبۇل قىلدى. خىزمەت ئەترىتى ‹‹ياخشى ئىشلىگەنلەرنى مۇكاپاتلاش››تىن ئىبارەت مۇكاپاتلاش، تولۇقلىما بېرىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ھەر بىر پەسىلدە سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەنلەردىن مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاپ مۇكاپاتلاپ، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەرنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى