تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

كومسومول بازىرىدىكى ئىتتىپاقلىق رىشتى

  ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز جاڭ جىڭ، گا لۇڭ

 ھەر مىللەت كەنت ئاھالىسى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا دائىم بېرىش – كېلىش قىلىپ تۇرغاچقا، مۇھەببىتى كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى؛ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھېكايىسى ھەرقايسى كەنتلەرنى قاپلىدى؛ 2100 دىن ئارتۇق ئائىلە ئۆزئارا تۇغقانلاشتى، كۆپچىلىك ئۆزئارا تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق تېخنىكىسى ئۆگەندى، دائىم بىر – بىرىنى يوقلاپ تۇردى، بېرىش – كېلىش قىلغانسېرى قېرىنداشلىق مېھرى چوڭقۇرلاشتى... ئاقسۇ ۋىلايىتى ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كومسومول بازىرىدا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خۇددى ھاۋاغا، سۇغا ئوخشاش كۆپچىلىكنىڭ كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىغا سىڭىپ كەتتى.

  8 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسى كومسومول بازىرىنىڭ يۇقارقى مەھەللە كەنت كومىتېتى زالىدا، دېھقان پەرھات كېرەم بىلەن ۋاڭ جيەنشېڭ كۈەيبەنگە تەڭكەش قىلىپ، پۇتۇڭخۇادا كەنت ئاھالىسىگە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. پەرھات كېرەم بىلەن ۋاڭ جيەنشېڭ ئىككى ئائىلىنىڭ مېھرى ئۈچ ئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەنىدى. ۋاڭ جيەنشېڭ: ئىككىمىزنىڭ بىر ئاتا – ئانىسى بار، دېدى. كىچىكىدىن چوڭ بولغانغا قەدەر، پەرھات كىيگەن پاختىلىق ئاياغلارنى ۋاڭ جيەنشېڭنىڭ ئاپىسى ئۆز قولى بىلەن تىكىپ بەرگەن. ھازىر بۇ موماي 70 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ، دائىم ھاسىسىغا تايىنىپ، كۆكتاتلىقتىن يېڭى كۆكتاتلارنى ئۈزۈپ، پەرھاتنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىپ بېرىدۇ.

  مەخمۇت تۇنىياز ۋاڭ جيەنشېڭنىڭ قوشنىسى. مەخمۇت تۇنىيازنىڭ 2009 – يىلى قىشتا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئۈچ خەنزۇ پاختا تەرگۈچىنى قۇتۇلدۇرۇۋالغانلىقىنى كەنت ئاھالىلىرى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ. مەخمۇت تۇنىياز مۇنداق دېدى: بىز ھەر مىللەت بىر ئائىلە كىشىلىرى، بىر ئائىلە كىشىلىرى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرۇشقا بولامدۇ؟

  سايىكەپە كەنتىدە، ھەر قېتىم پاختا تېرىش مەزگىلىدە، كەنتتىكى داڭلىق پاختا تېرىش ماھىرى، يىزۇ مىللىتىدىن بولغان كەنت ئاھالىسى جىپىبۇخامۇ شۇ كەنتتىكى جاڭ گوجۈنگە پاختا تېرىشىپ بېرەتتى. جىپىبۇخامۇ مۇنداق دېدى: سەككىز يىلنىڭ ئالدىدا بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بۇ يەرگە يېڭى كەلگەندە، جاڭ گوجۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىزگە چوڭ ياردەم قىلغان، بىز بۇ مېھىر – شەپقەتنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمىز. ھازىر پاختا تېرىش باشلانسىلا، ئاۋۋال ئۇنىڭ كېۋەزلىكىگە بارىمەن.

  ئىگىلىشىمىزچە، كومسومول بازىرىدا سەككىز مىللەت بار ئىكەن. بۇ يەردىكى خېلى كۆپ ئۇيغۇر كەنت ئاھالىسى خېنەن تەلەپپۇزى، سىچۈەن تەلەپپۇزىدا سۆزلىيەلەيدىكەن، تۇجا مىللىتىدىن بولغان كەنت ئاھالىسى مېھمانخانا ئۆيىگە شىنجاڭنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە گىلەملىرىنى سالىدىكەن، ھېيت – بايراملاردا ھەر مىللەت كەنت ئاھالىسى تاماق ئۈستىلىگە سۇ مەھسۇلاتلىرى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق نازۇنېمەتلەرنى تىزىدىكەن...

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى