تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

ئالتاي ۋىلايىتى دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى مۇستەھكەملىدى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مېي لى خەۋەر قىلىدۇ: باشلامچى كارخانا، چوڭ سودىگەرلەرنى بىرتۇتاش باشقۇرۇپ تىجارەت قىلىش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، كۆلەملەشكەن، كەسىپلەشكەن تىجارەتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمگەك – مۇلازىمەتنى قايتا تەقسىملەپ، نامرات ئائىلىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى؛ نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنى تولۇقلىما مەبلەغنى باشلامچى كارخانا، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى قاتارلىقلارغا پاي قىلىپ قوشۇشقا، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان نوپۇسنى ‹‹كارخانا (كوپىراتىپ، دېھقانچىلىق مەيدانى)غا كىرىپ ئىشلەپ ئىش ھەققى ئېلىش، پاي قوشۇپ پاي ئۆسۈمى ئېلىش››قا رىغبەتلەندۈردى ۋە قوللىدى... ئالتاي ۋىلايىتى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش تەدبىرىدە يېڭىلىق يارىتىشتا ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملىدى.

  ئالتاي ۋىلايەتلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى تاڭ يەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2018 – يىلى، ئالتاي ۋىلايىتى نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىغان كەنت، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەرنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلمىغان ئائىلىلەرنى نۇقتىلىق يۆلەش خىزمىتىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي نىشانى قىلىپ، نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇش، قايتىدىن نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلدى.

  ئالتاي ۋىلايىتى باشلامچى كارخانىلارنىڭ كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە كۈچىشىگە مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ، يېزا ئىگىلىكنىڭ كەسىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى ۋە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹جۇغراپىيەلىك بەلگە تاۋار ماركىسى + ئېلېكتىرونلۇق سودا + نامراتلارنى يۆلەش›› ئەندىزىسىنى پائال يولغا قويۇپ، دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.جېمىنەي ناھىيەسىنىڭ قارجاۋ بازىرى قارا جىرا كەنتىدىكى چارۋىچى سېرىك تالاپقان: مەن بۇ يىل ئەتىيازدا، 60 نەچچە قويۇمنى ‹‹يۈبوخۈي›› چارۋىچىلىق تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىگە سېتىپ بېرىپ، ھەر بىر قويدىن 100 يۈەن ئەتراپىدا ئارتۇق پايدا ئالدىم، دېدى. ئىگىلىشىمچە، جېمىنەي ناھىيەسى مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى ئاجرىتىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلىلەرنىڭ كالا، قويلىرىنى سېتىۋالغان، ھەر بىر كىلوگىرامىنىڭ سېتىۋېلىش باھاسى بازار باھاسىدىن بەش يۈەن يۇقىرى بولغان. بۇ يىل 2 – ئايدا، جېمىنەي ناھىيەسى ئېلېكتىرونلۇق سودا ماگناتى ‹‹ئالى بابا›› نۇقتىلىق يۆلەيدىغان ناھىيە بولدى. ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى بىلەن جېمىنەي ناھىيەسىدىكى ‹‹يۈبوخۈي››، ‹‹يىكاڭ›› ئورگانىك ئۇنچىلىقى قاتارلىق باشلامچى كارخانىلار ھەمكارلاشتى. بۇنىڭ بىلەن يەرلىك دېھقان – چارۋىچىلارنىڭ كالا، قوي گۆشلىرى، بۇغداي قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى كەڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا بازىرىغا كىردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر تۈركۈم نامرات ئاھالىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  ئالتاي ۋىلايىتى نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تولۇقلىمىسى، ئىگىلىك تىكلەش كاپالەتلىك قەرزى، يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇكاپاتى قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىكى ئېكولوگىيەلىك تېرىقچىلىقى، چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق ۋە 3 – كەسىپ مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەرنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنى مۇناسىپ تېخنىكا بويىچە تەربىيەلىدى. ئەمگەكچىلەرنى كۆپلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان ئەمگەك كۆجۈملەشكەن ۋە مۇلازىمەت تىپىدىكى نامراتلارنى يۆلەش كەسىپلىرى، نامراتلارنى يۆلەش باشلامچى كارخانىلىرى، دېھقانلارنى يۆلەش كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىغا نۇقتىلىق يار – يۆلەك بولۇپ، نامرات ئەمگەكچىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى تىرىشىپ كېڭەيتتى. ئالتاي شەھىرىنىڭ خاندىغات مۇڭغۇل يېزىسى جوساتى كەنتىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئائىلە نۇربېك خىمۇللا ئائىلىسى بۇ يىل يېڭىدىن ئەمىن ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، ئۆيدە سۇ، توك، كەڭ بەلباغلىق تور بار بولۇپ، ھويلىسىدا 80 كىۋادرات مېتىرلىق كالا قوتىنى بار ئىدى. نۇربېك مۇنداق دېدى: مەن بۇ يىل پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، چارۋىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆپرەك كالا بېقىپ، كىرىمىمنى ئاشۇرىمەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالتاي ۋىلايىتى ‹‹بىر تۇتاش پىلانلاش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئەسلىھەلىرى يۈرۈشلەشكەن بولۇش، بىخەتەر ئىشلىتىش›› پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇش تەلىپىگە ئاساسەن، كەنت بويىچە ئىلگىرى سۈرۈشنى تۇتقا قىلىپ، 107 نامرات كەنتنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، نامرات كەنتلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆي، مەركەزلەشتۈرۈپ سۇ بىلەن تەمىنلەش، يول، يېزا توك تورى، ئۇچۇرلاشتۇرۇش، ئەخلەت، پاسكىنا سۇنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ‹‹كەنت، ئائىلىلەرگە كىرگۈزۈش››تىن ئىبارەت ئاخىرقى نۇقتا قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ، ‹‹ئاخىرقى بىر كىلومېتىر››، ‹‹ئەڭ يىراقتىكى بىر ئائىلە كىشىلىرى›› مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، نامرات كەنتلەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى تېزدىن ياخشىلاپ، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەر بولۇش، يوللار راۋان بولۇش، توك كاپالەتكە ئىگە بولۇش، كەڭ بەلباغنى كەنتلەرگە كىرگۈزۈش، مۇھىتى پاكىز بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان كەمتۈكلۈكلەرنى تىرىشىپ تۈگىتىپ، نامرات نوپۇس، نامرات كەنتلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى ياخشىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى