تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

كۆپچى مۆجىزىسىدىكى يېشىللىق ئىلھامى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزورچىسى

  بىپايان قۇم دېڭىزى ئالدىدا ئادەم ناھايىتى ئاجىز كۆرۈنىدۇ. ھالبۇكى، قۇملۇقنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇش يەنە ئادەمنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئوردۇس شەھىرىنىڭ كۆپچى قۇملۇقىدا بوستانلىقنىڭ ئىلگىرىلەپ، قۇمنىڭ چېكىنگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە ‹‹قاقاسلىقنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇش قەسىمى››نىڭ كۈچلۈك قۇدرىتىنى نامايان قىلىپ، دۇنيانىڭ چۆللىشىشنى تىزگىنلىشىدە زور مۆجىزە ياراتتى.

  چۆللىشىشنى تىزگىنلەش دۇنياۋى قىيىن تېما. ‹‹چىقسا بوران يۆتكىلەر قۇملار، ئۆتسە بىر يىل قالماس ئوت – چۆپلەر››. كۆپچى ئېلىمىزدىكى 7 – چوڭ قۇملۇق بولۇپ، ئىلگىرى تىزگىنلىگىلى بولمايدىغان ‹‹ھالاكەت دېڭىزى›› دەپ ئاتىلاتتى. يېشىللىقنى كېڭەيتىشتە بىر سۇڭ ئىلگىرىلەش، بىر قەدەم ئالغا بېسىش ئۈچۈن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشكە توغرا كېلىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئوردۇستىكى ھەر مىللەت كادىر، ئامما ئەۋلادمۇئەۋلاد كۈچ ئۇلاپ ئىشلەپ، پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، كۆلىمى 6000 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان قۇملۇقنى تىزگىنلىدى. قۇمنى تىزگىنلەش داۋامىدا ۋاڭ ۋېنبياۋ، ۋاڭ مىڭخەي، ئۆرگىندالا قاتارلىق قۇمدىن مۇداپىئە كۆرۈش ۋە قۇمنى تىزگىنلەشتىكى ئىلغار شەخسلەر ۋە تىپلار مەيدانغا كەلدى. ئۇلار قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان چىدامچانلىق ۋە ئەمەلىي ئىشلەش روھى بىلەن ‹‹قۇم ئىلگىرىلەش، ئادەم چېكىنىش››تىن ‹‹بوستانلىق ئىلگىرىلەش، قۇم چېكىنىش››تەك تارىخىي ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ‹‹ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان، قەتئىي بەل قويۇۋەتمەيدىغان، ئىلمىي يېڭىلىق يارىتىدىغان، كۆكەرتىش بىلەن بېيىش تەڭ راۋاجلانغان›› ‹‹كۆپچى روھى››نى يېتىلدۈرۈپ، قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە تەبىئەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ مەنىۋى ئابىدىسىنى تىكلىدى.

  قۇمنى تىزگىنلەش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، شۇنداقلا ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ بولۇپ، ئىلمىي ئۇسۇل قوللىنىش زۆرۈر. قۇم بىلەن ئۇزاق مۇددەت كۈچ سىنىشىش داۋامىدا، ئوردۇسلۇقلار تەكرار – تەكرار سىناق قىلىپ، قۇمنى تىزگىنلەشنىڭ ئۈنۈملۈك، ئاجايىپ تەدبىرلىرىنى يەكۈنلەپ چىقتى. قۇمنى تىزگىنلەش ئەقىل – پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەن دەپ تەرىپلەنگەن ‹‹جۇڭگونىڭ سېھىرلىك كۇبىكى›› ــــ كاتەكچە شەكىللىك ئوت – چۆپ قۇم توسۇقى، تەننەرخى تۆۋەن، ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان ‹‹سۇنى پارلاندۇرۇپ تېرىش ئۇسۇلى››، يەنە شۈرمەل تاشقىنى سۈيىدىن پايدىلىنىپ قۇملۇقنى نەملەشتۈرۈش ئۇسۇلى... ئوردۇسلۇقلار تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان، سىجىل يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىلمىي قۇمنى تىزگىنلەش يولىنى تېپىپ چىقتى، ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن قۇم ئاپىتىنى تۈگىتىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىنى تېپىپلا قالماي، يەنە ئىنسانىيەتنى چۆللىشىشنى تىزگىنلەشنىڭ پايدىلىق جۇڭگو تەجرىبىسى بىلەن تەمىنلىدى.

  قۇمنى تىزگىنلەش ھاياتلىق مەسىلىسى، شۇنداقلا تەرەققىيات تېمىسى بولۇپ، ئاخىرقى مەقسىتى قۇملۇق رايون خەلقىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈشتۇر. بۈگۈنكى كۆپچى قۇم تىزگىنلەش رايونىغا كىرگىنىڭىزدە، ئېتىز – ئېرىقلار گىرەلىشىپ كەتكەن، قۇشلار سايراپ، گۈللەر خۇش پۇراق چېچىپ تۇرغان سەھرا مەنزىرىسى كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ. بۇنداق زور ئۆزگىرىش يەرلىك ئەمەلىيەت جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن ‹‹پارتكوم، ھۆكۈمەت سىياسەت جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىش، كارخانىلار كەسىپلەشتۈرۈپ مەبلەغ سېلىش، دېھقان – چارۋىچىلار بازارلاشتۇرۇپ قاتنىشىش، پەن – تېخنىكىدا سىجىل يېڭىلىق يارىتىش››تەك تۆت چاق ئارقىلىق ھەرىكەتلىنىدىغان كۆپچى قۇمنى تىزگىنلەش ئەندىزىسىنىڭ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاشنىڭ نەتىجىسى. كۆپچى يېشىل تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، مۇكەممەل ئېكولوگىيەلىك كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ‹‹سۈزۈك سۇلار، يېشىل تاغلارنىڭ ئۆزى بىر بايلىق›› دېگەن ئۇقۇمنى جانلىق شەرھلەپ، كىشىلەرگە قۇملۇققا يوشۇرۇنغان تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى، بېيىش ئۈمىدىنى تونۇتتى.

  2017 – يىلى 9 – ئايدا، ‹‹قول تۇتۇشۇپ چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تىزگىنلەپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئورتاق بەخت – سائادەت يارىتايلى›› باش تېمىسىدىكى ‹‹بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئەھدىنامىسى››نىڭ 13 – قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنى ئوردۇس شەھىرىدە ئېچىلدى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسىدىكى چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ھەمكارلىق مېخانىزمى رەسمىي يولغا قويۇلدى. كۆپچى گۈزەل ‹‹يېشىللىق نام كارتىسى››نى چىڭ تۇتۇپ، چوڭ قۇملۇقتىن دۇنياغا يۈزلەنمەكتە، ھەم تېخىمۇ كۆپ يېشىللىق مۆجىزىلىرىنى يارىتىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئەقىل – پاراسىتىنى ۋە جۇڭگو كۈچىنى تەقدىم قىلغۇسى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاينىڭ 6 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • يېڭىسارنىڭ تونۇر كاۋىپى
  • ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان چوڭ جىلغىسى ساياھەت مەخسۇس لىنىيەسىنى ئاچتى
  • سايرام كۆلىنىڭ قىش مەنزىرىسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى