تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇدۇللاشتۇردى

  چېن چۈەنگو، جاڭ چىڭۋېي، شۆھرەت زاكىر، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن پائالىيەتكە قاتناشتى

  مۇخبىرلىرىمىز ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا، يۈەن لېي خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 3 – كۈنىدىن 6 – كۈنىگىچە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جاڭ چىڭۋېي باشچىلىقىدىكى خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى تەكشۈردى ۋە ئۇدۇللاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۈەننىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى لى پېڭشىن ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  8 – ئاينىڭ 3 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن خىزمەت سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. چېن چۈەنگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ھەم پۈتۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلققە ۋاكالىتەن خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ شىنجاڭغا تەكشۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شەرقىي شىمالدىكى كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى باشتىن – ئاخىر مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خاس كەسىپلەرنى قېزىپ، ‹‹ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى››دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەمتۈرتكە سۇپىسىنى قۇرۇپ، ئالتاي ۋىلايىتى ۋە بىڭتۈەن 10 – شىسىنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بۇنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلايدۇ.

  چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن – تۆۋەنگىچە ھەممەيلەن يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈردى، شىنجاڭدا ئومۇمىي ۋەزىيەت مۇقىم بولغان، ۋەزىيەتنى كونترول قىلغىلى بولىدىغان، ۋەزىيەت ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەن ھالەت بارلىققا كەلدى. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 –، 3 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوغداپ، يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۈچ چوڭ ھەل قىلغۇچ جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دىنلارنىڭ ئېجىل – ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، بىڭتۈەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالاھىدە غەمخورلۇقىغا، خېيلۇڭجياڭ خەلقىنىڭ خالىس ياردىمىگە جاۋاب قايتۇرىمىز.

  جاڭ چىڭۋېي ئالدى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان خېيلۇڭجياڭنى قوللاپ، ياردەم بېرىپ كەلگەنلىكىگە ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلارغا كۆيۈنگەنلىكى، غەمخورلۇق قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، شىنجاڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلىرىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ قېتىم شىنجاڭغا كېلىشىدىكى مەقسىتى: بىرىنچىدىن، تەكشۈرۈش، ئۆگىنىش، ئۆرنەك ئېلىش. شىنجاڭنىڭ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىش، ‹‹قەتئىي ھالدا ئىككىنى قوغداش››، ھەرمىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇشقا يېتەكلەشتىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى تەدبىر ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىدىن ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر سېلىشتۇرۇپ پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەمەلىي، تەپسىلىي ئىزچىللاشتۇرىمىز. ئىككىنچىدىن، ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇش. خېيلۇڭجياڭ بىلەن شىنجاڭ چېگرا رايونغا جايلاشقان، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىگە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت بۇ زور سىياسىي ۋەزىپىنى تاپشۇرۇشى ئىككى تەرەپنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشى ئۈچۈنمۇ پۇرسەت يارىتىپ بەردى. خېيلۇڭجياڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ مائارىپ، پەن – تېخنىكا قاتارلىق ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشنى ئاكتىپ قانات يايدۇرۇپ، دائىم بېرىش – كېلىش قىلىپ، ھېسسىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق ئۈچۈن ئاساس سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بېيداخۇاڭ گۇرۇھى بىلەن شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، ئۆزئارا ئۆگىنىشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، ئىككى جاينىڭ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. ئىككى تەرەپنىڭ نىشانلىق ياردەم بېرىشنى پۇرسەت بىلىپ، قار – مۇز ساياھەتچىلىكى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، سىرتقا ئېچىۋېتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى چوڭقۇر ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. جاڭ چىڭۋېي شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ كۈندىن – كۈنگە يۈكسىلىشىگە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشىگە، تىرىشىپ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

  خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى شىنجاڭدىكى مەزگىلدە ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئالتاي شەھىرى، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ۋە بىڭتۈەن 10 – شىسىنىڭ بېيتۈن شەھىرى، 183 – تۈەن، 187 – تۈەنگە چوڭقۇر چۆكۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرلىرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، نامرات ئائىلىلەرنى يوقلىدى ھەم ئۇلاردىن ھال سورىدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ھەم شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنى يوقلىدى ھەم ئۇلاردىن ھال سورىدى.

   خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى ۋە ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى خەيتاۋ، گەن رۇڭكۈن، جاڭ يۈپۇ، دۇ خېپىڭ، سۈن شېن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن، ۋاڭ يۇڭمىڭ، ماغاۋ سېيتقامزا، كۇڭ شىڭلۇڭ قاتارلىقلار مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.