خەلق تورى خەۋىرى. ئۆتكۈر قاناشچان بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى ئادەتتە «قىزىل كۆز كېسىلى» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپ، ياز پەسلىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ بىرى. بۇ كېسەللىك ئاساسلىقى بىمارنىڭ كۆز ئاجراتمىلىرىنى تۇتقان قول، بۇيۇم ياكى سۇ قاتارلىقلاردىن يۇقىدۇ.
«قىزىل كۆز كېسىلى» ئادەتتە تېز قوزغىلىدۇ، كېسەللىك ئىككى كۆزدىن، ياكى بىر كۆزدىن باشلىنىدۇ، بىر كۆزدىن باشلانسىمۇ تېز سۈرئەتتە يەنە بىر كۆزگە يۇقىدۇ. ئاساسلىق ئىپادىلىرى كۆزگە بىر نەرسە كىرىپ كەتكەندەك ھېس قىلىدۇ، كۆز ئاغرىيدۇ شۇنداقلا يورۇقتىن قورقۇپ ياش ئاقىدۇ، ئاز بىر قىسىم بىماردا پۈتۈن بەدىنى قىزىش، ماغدۇرسىزلىنىش، كېكىردەك ئاغرىش ۋە مۇسكۇل ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئادەتتە كېسەللىك ئالامەتلىرى 1-2 كۈندە يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ، 3-4 كۈندىن كېيىن بارا-بارا پەسىيىدۇ، 7-10 كۈندىن كېيىن ئەسلىگە قايتىدۇ.
قىزىل كۆز كېسەللىكى ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقىدىغان كېسەللىك، قىزىل كۆز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىمى شەخسىي تازىلىقنى ياخشى قىلىش، باشقىلار بىلەن بىر لۆڭگىنى، داسنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك، مەينەت قول بىلەن كۆزنى ئۇۋۇلىماسلىق كېرەك.
سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى، يەسلى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلار ساغلاملىق باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئەگەر ئۆيدە بىرەيلەننىڭ كۆزى قىچىشسا، قىزىرىپ قالسا، كۆز ئاجراتمىلىرى كۆپەيسە، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆرۈنۈشى ھەم ئايرىۋېتىش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك. بۇنىڭدىن سىرت، كۆز دورىسى ياكى مەلھىمى بولسۇن، بىر ئادەم بىرنى ئىشلىتىشى، گىرەلەشمە يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى، كۆزگە دورا تېمىتىپ بولغاندىن كېيىن دەرھال قولنى يۇيۇشى كېرەك.