تەڭرىتاغ تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   تەبىئەت

چىڭخەي كۆلىنى ئايلىنىش سەپىرى

ماھىرلار لېدۇ-شىنىڭ مۇسابىقە بۆلىكىدە مۇسابىقىلەشمەكتە. (جيا خەييۈەن فوتوسى)

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: بۇ يىلقى ياز پەسلىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2018-يىللىق 10-نۆۋەتلىك چىڭخەي كۆلىنى ئايلىنىش خەلقئارا تاشيول ۋېلسىپىت مۇسابىقىسىدە، توختىماي ئايلىنىۋاتقان ۋېلسىپىت چاقلىرى چىڭخەي ئۆلكىسى تەۋەسىدە نەچچە مىڭ كىلومېتىرنى بېسىپ، بۇ يەردىكى ھەر بىر گىياھ ۋە تۇپراققا باشقىچە ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كەلدى.

تۇنجى باسقۇچلۇق مۇسابىقە لېدۇ-شىنىڭ مۇسابىقە بۆلىكىدە، ماھىرلار كۆك ئاسمان ۋە بۇلۇتلارنى «قوغلىشىپ»، ئالغا ئىلگىرلىمەكتە. (جيا خەييۈەن فوتوسى)

  

شىنىڭنى ئايلىنىش ئىككىنچى مۇسابىقە بۆلىكىدە، بىر ماھىر خەيخۇ تەنتەربىيە مەركىزىدىن ئۆتمەكتە. (جيا خەييۈەن فوتوسى)
ماھىرلار دوبا-گۈيدې ئۈچىنچى مۇسابىقە بۆلىكىدە مۇسابىقىلەشمەكتە. (جيا خەييۈەن فوتوسى، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان)
ماھىرلار دوبا-گۈيدې ئۈچىنچى مۇسابىقە بۆلىكىدە، خۇاڭخېچىڭ چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتمەكتە. (لۇ مى فوتوسى)
ماھىرلار گۈيدې-لوڭياڭشيا بوغۇزى تۆتىنچى مۇسابىقە بۆلىكىدىكى قىسقا ئارىلىق ۋە يۇقىرى ئېگىزلىكتە رىقابەتلەشمەكتە. (جيا خەييۈەن فوتوسى)
گۈيدې-لوڭياڭشيا بوغۇزى تۆتىنچى مۇسابىقە بۆلىكىدىكى رەڭلىك تۇغلار ئېسىۋېتىلگەن ئۆزگىچە مۇسابىقە يولى. (جيا خەييۈەن فوتوسى)
ماھىرلار گۈيدې-لوڭياڭشيا بوغۇزى تۆتىنچى مۇسابىقە بۆلىكىدە مۇسابىقىلەشمەكتە. (لۇ مى فوتوسى)
ماھىرلار لوڭياڭشيا بوغۇزى-قۇشلار ئارىلى بەشىنچى مۇسابىقە بۆلىكىدە مۇسابىقىلەشمەكتە، لوڭياڭشا بوغۇزى مەنزىرە رايونى بارغانسېرى يىراقلاشماقتا.
ماھىرلار لوڭياڭشيا بوغۇزى-قۇشلار ئارىلى بەشىنچى مۇسابىقە بۆلىكىدە گۈزەل چىڭخەي كۆلى ساھىلىدا كېتىپ بارماقتا. (ياڭ شۇۋدې فوتوسى)
ماھىرلار لوڭياڭشيا بوغۇزى-قۇشلار ئارىلى بەشىنچى مۇسابىقە بۆلىكىدە چىڭخەي كۆلى ساھىلىدا كېتىپ بارماقتا. (جيا خەييۈەن فوتوسى)
بەشىنچى مۇسابىقە بۆلىكى بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدىكى «ئەڭ گۈزەل مۇسابىقە بۆلىكى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، «گۈللەر دېڭىزى» گۈزەل كۆل مەنزىرىسىگە ئاجايىپ ھۆسن قوشقانىدى. (جيا خەييۈەن فوتوسى)
ماھىرلار لوڭياڭشيا بوغۇزى-قۇشلار ئارىلى بەشىنچى مۇسابىقە بۆلىكىدە مۇسابىقىلەشمەكتە. (جيا خەييۈەن فوتوسى)
ماھىرلار چىليەن ناھىيەسىدىكى ئالتىنچى مۇسابىقە بۆلىكىدە دۆڭگە چىقىشتا مۇسابىقىلەشمەكتە. (ياڭ شۇۋدې فوتوسى)
ماھىرلار چىليەن ناھىيەسىدىكى ئالتىنچى مۇسابىقە بۆلىكىدە دۆڭگە چىقىشتا مۇسابىقىلەشمەكتە. (سۇڭ جۇڭيۇڭ فوتوسى)
ماھىرلار چىليەن-مېنيۈەن يەتتىنچى مۇسابىقە بۆلىكىدە مۇسابىقىلەشمەكتە. ئەتراپتىكى يۈز چاقىرىم ئارىلىقتا تۈرلۈك گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن بولۇپ، ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى. (جيا خەييۈەن فوتوسى)
چىليەن-مېنيۈەن يەتتىنچى مۇسابىقە بۆلىكىدە، مۇسابىقە يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قوي پادىلىرى ماھىرلارغا «مەدەت بەرمەكتە». (سۇڭ جۇڭيۇڭ فوتوسى)
چىليەن-مېنيۈەن يەتتىنچى مۇسابىقە بۆلىكىدە، ماھىرلار چىليەن ناھىيەسى ئېباۋ بازىرىدىن ئۆتمەكتە. (جيا خەييۈەن فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى