تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئەخلاق تەربىيە

بالىڭىز جاھىللىق قىلغاندا مۇنداق قىلىڭ ‏

  خەلق تورى خەۋىرى. بالا بەك جاھىل، تەرسا بولسا، ئاتا-ئانا چارچايدۇ. يېقىندا، ئامېرىكىدىكى «ئاكتىپ كۈچ» تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، بۇ تۈردىكى بالىلارغا قارىتا، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇلارنى ئۆز ئىختىيارلىقىغا قويۇپ بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى، ئۇلارنى تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشكە سەل قارىماسلىقى كېرەكلىكىنى، بۇ خىل بالىلارغا تاقابىل تۇرۇشتىكى 7 خىل ئۇسۇلنى كۆرسەتكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

 1. بالا جاھىللىق قىلغاندا، ئاتا-ئانا ئاچچىقلانماسلىقى كېرەك. بالىلار گەپ ئاڭلىمىغاندا، ئاتا-ئانىلار ئالدى بىلەن چوڭقۇر نەپەس ئېلىپ ياكى باشقا بىر تىنچ مۇھىتتا بىر، ئىككى مىنۇت تۇرۇپ، ئاندىن بالا بىلەن سۆزلىشىشى كېرەك، بولمىسا ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش تەسلىشىپ، ئاتا (ئانا)-بالىلىق مۇناسىۋەتكە تەسىر يېتىشى مۇمكىن.

 2. بالىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بېقىش كېرەك. بالا غەرەز ئۇقمايدىغان ھەرقانداق قىلمىش قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاتا-ئانا بولغۇچى ئۆزىنى تۇتىۋالغاندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن بالىدىن نېمىشقا بۇنداق قىلغانلىقىنى سوراپ بېقىشى، بالىنىڭ نۇقتىسىدىن تۇرۇپ مەسىلىلەرنى ئويلاپ بېقىشى كېرەك.

 3. بىرلىكتە پىلانلاش. بالا بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى بىرلىكتە نىشان بېكىتىپ، ئاندىن قانداق قىلىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى جەزملەشتۈرۈش.

 4. ئۆزى ئۈلگە بولۇش. بالىنىڭ نۇرغۇن قىلمىش ئادىتىنىڭ مەنبەسى ئاتا-ئانا، بالىنىڭ جاھىل، تەرسا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرى ئۈلگە بولۇشى كېرەك. ئەر-ئايال زىددىيەتلىشىپ قالغاندا تەمكىنلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك، بولمىسا ئەر-ئايال ئارىسىدىكى ھېسسىياتقا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، بالىغا ناچار ئۈلگە بولىدۇ.

 5. يامان گەپنى باشتا دەپ قويۇش. ئىنتايىن جاھىل، تەرسا بالىلارغا قارىتا، ئاتا-ئانىلار كۆپ قېتىم ئەسكەرتسىمۇ يەنە جاھىللىق، تەرسالىق قىلسا، ئالدىنئالا قاتتىق، ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك، بالىلارغا ئاتا-ئانىلارنىڭ ئېيتقىنى بويىچە قىلمىغاندا قانداق جازالاشقا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ قويۇش، يىغىشتۇرغىلى بولمايدىغان ۋەزىيەت پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

 6. تاللاش بېرىش. مەسىلىگە ئۇچرىغاندا، ئاتا-ئانىلار بالىلارغا ھەرخىل تاللاشلارنى بەرسە بولىدۇ.

 7. ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشنى مۇستەھكەملەش ۋە يېتىلدۈرۈش. جاھىل بالىلارنىڭمۇ ئىپادىسى ياخشى ۋاقىتلىرى بولىدۇ، بۇنداق ۋاقىتتا بالىلارنىڭ قىلمىشىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئىززەت-ھۆرمىتىنى تىكلەش كېرەك، بالىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ تەنقىدكىلا ئۇچرايدىغان ئوبيېكتىپ ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك، بۇنداق ئاكتىپ كەيپىياتنىڭ ئىجابىي ھەرىكەتلەرنى مۇستەھكەملىشىگە پايدىسى بار. ئاتا-ئانىلار مۇۋاپىق مۇكاپاتلاش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، بالىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغاندا ئېغىزدىلا ماختاپ قويماي، ماددىي بۇيۇم ياكى پارچە پۇل بىلەن مۇكاپاتلىسا بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • باغراش كۆلى سۇ ئۈستى باغچىسى ئالقىشقا ئېرىشتى
  • نەنسەندىكى رەڭگارەڭ گۈل دېڭىزى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • نارات مەنزىرە رايونىدا يەككە كۈندە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچىلەر سانىدا رېكورت يارىتىلدى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى