تىيانشان تورى ئىختىيارىي مۇخبىرى لو چىڭخۇا خەۋىرى، فوتوسى: باي ناھىيەسىنىڭ سايرام بازىرى شاھمەھەللە كەنتىدىكى مەدەنىيەت مەيدانىدا، ئاھالىلەر گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ كەسكىن ئارغامچا تارتىشىش مۇسابىقىسى ئېلىپ بارماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل 8-ئاينىڭ 8-كۈنى دۆلەت تەرىپىدىن بېكىتىلگەن «ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش كۈنى»نىڭ ئون يىللىقى بولۇپ، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش، مەدەنىي، ساغلام بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىش ئۈچۈن، 8-ئاي كىرگەندىن باشلاپ، كەنتتە ۋالىبول، ۋاسكىتبول، ئارغامچا تارتىشىش قاتارلىق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئاكتىپلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى يەنىمۇ بېيىتىلدى.
مەنبە: ئاقسۇ گېزىتى