تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ئاشقازان، ئۈچەينى قوغداش ئۇسۇللىرى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، چۇڭچىڭ، 8-ئاينىڭ 3-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر لى سۇڭ). يازدا تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغانلىقتىن، نۇرغۇن كىشى ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيدە تۇرۇشنى، سوغۇق ئىچىملىك ئىچىشنى، مۇزلىتىلغان تاۋۇز يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بۇنداق قىلغاندا ئاشقازان، ئۈچەيدىن مەسىلە چىقىشى مۇمكىن. داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشنى كونترول قىلىش، تولۇق پىشۇرۇلمىغان ياكى بىر كېچە قالدۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئەڭ ياخشىسى يېمەسلىكنىڭ ياز پەسلىدىكى ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىسى بار.

  تومۇز ئىسسىقتا ئاشقازان، ئۈچەينى قانداق قوغداش كېرەك؟ مۇتەخەسسىسلەر بۇنىڭغا بەش ئۇسۇل كۆرسەتتى:

  1. «كېسەلنىڭ ئېغىز ئارقىلىق كىرىشى» نىڭ ئالدىنى ئېلىش. پاكىز بولمىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىشنىڭ مۇھىم سەۋەبى، شۇڭا شەخسىي تازىلىققا دىققەت قىلىش، مېۋە، كۆكتاتلارنى پاكىز يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن يېيىش، پىشۇرۇلمىغان ياكى بىر كېچە قالدۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئەڭ ياخشىسى يېمەسلىك كېرەك.

  2. سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچىشنى كونترول قىلىش، سوۋۇتۇلغان قايناقسۇنى كۆپ ئىچىش كېرەك.

  3. كاۋاپ تۈرىدىكىلەرنى ئاز يېيىش، پىۋىنى ئاز ئىچىش، مايسىز، سۇيۇق، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى يېيىش كېرەك، بولۇپمۇ ئادەتتە ئاستا خاراكتېرلىك ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىكى بارلار تېخىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك.

  4. ئۆيدە ئادەتتە بىر قىسىم دورىلارنى، مەسىلەن، پىننە سۈيى (藿香正气水) قاتارلىقلارنى تەييارلاپ قويۇش كېرەك، ئاشقازان بىئارام بولغاندا مۇۋاپىق ئىچسە بولىدۇ؛ ئاموكسىتسىللىن (阿莫西林) نىڭ باكتېرىيە خاراكتېرلىك ئىچ سۈرۈشنى داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى، ئەمما ئىچ سۈرۈش قاتارلىق ئاشقازان، ئۈچەي يولى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.

  5. ئارام ئېلىش ۋاقتىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، بەدەن چېنىقتۇرۇش، ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، تاماكا، ھاراق تاشلاش، ساغلام روھىي ھالەتنى ساقلاش كېرەك، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەر.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى