تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن

  قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى گۈلجاپ

  مەن تەمىنات – سودا كوپىراتىپى خىزمەتچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، كىچىكىمدىن باشلاپلا ئاتا – ئانام ماڭا باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش، سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش توغرىسىدا تەربىيە بېرەتتى، مېنى مەدەنىيەت بىلىملىرىنى تىرىشىپ ئۆگىنىپ، دۆلەتكە، جەمئىيەتكە ياراملىق ئادەم بولۇشقا ئىلھاملاندۇراتتى. مەن ئاتا – ئانامنىڭ مۇشۇنداق تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئىدىيە جەھەتتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش ئىرادەمنى چىڭىتتىم، ئېتىقاد جەھەتتە پارتىيەگە قەتئىي ئەگىشىپ مېڭىش ئىرادەمنى تاۋلىدىم.

  ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇزاق مۇددەت ئاساسىي قاتلامدا خىزمەت قىلدىم، ئاشۇ ۋاقىتتىكى شارائىتنى ئويلىسام، ئۇنى ئاساسىي قاتلامنىڭ ھازىرقى شارائىتىغا سېلىشتۇرسام، ھەقىقەتەنمۇ چەكسىز ئويلارغا چۆمىمەن. بۈگۈنكى كۈندە، تۆۋەن كاپالەت، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش سۇغۇرتىسى شەھەر – يېزىلارنى تولۇق قاپلىدى، مەدەنىيەت – مائارىپ، داۋالاش –ساقلىقنى ساقلاش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەخت تۇيغۇسى، ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەتراپىمىزدىكى ئەمەلىي ئۆزگىرىشلەر، ھەممىسى كۆپچىلىك ئېرىشكەن ئەمەلىي نەپلەر. بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدىن، ۋەتىنىمىزدىن ئىبارەت كۆپ مىللەتلىك چوڭ ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ.

  پارتىيەنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدە، مەنمۇ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ يېتىلىپ ئالغا بېسىپ، ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمغا چىقتىم. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پارتىيە بەرگەن، كومپارتىيە بولمىغان بولسا مېنىڭ ھازىرقى بەختلىك تۇرمۇشۇم بولمىغان بولاتتى، پارتىيەنىڭ مېھىر – شەپقىتىنى ئېسىمدە چىڭ ساقلايمەن، مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايمەن.

  ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈشىمىزنى خالىماي، ‹‹مىللەت››، ‹‹دىن››نى دەستەك قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقاتتى، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلدى، مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتتى، ھەق – ناھەقنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلدى، تارىخنى ۋە پاكىتنى بۇرمىلىدى، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ئۆزلىرىنىڭ رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن جىنايەتلىك قارا قولىنى بىگۇناھ ھەر مىللەت ئاممىغا ئۇزاتتى. ئۇلارنىڭ قەبىھ قىلمىشلىرىغا قەتئىي تاقەت قىلىپ تۇرماسلىقىمىز، قەتئىي زەربە بېرىشىمىز كېرەك. بىز تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نى كوچىدىن ئۆتكەن چاشقان ئۇر – ئۇرغا قالغاندەك ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇشىمىز، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پاكىز قېزىپ، پاكىز تازىلاپ، ئۈزۈل – كېسىل يوقىتىشىمىز كېرەك.

  ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشلامچىلىق بىلەن ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش نىزامى›› ھەم تۈرلۈك قانۇن – نىزاملارنى ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى تەشۋىق قىلىپ، يولغا قويۇلۇشىنى ياخشى نازارەت قىلىپ، ‹‹نىزام››دا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىمنى باشلامچىلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزىمەن. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا يۈكلەنگەن تۈرلۈك مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئادا قىلىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى نازارەتچىلىك خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويىمەن. ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ جىنايى ماھىيىتى ۋە رەزىل ئەپت – بەشىرىسىنى ئۈزۈل – كېسىل ئېنىق تونۇشنى، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئاڭلىق قوغداشنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ ۋە ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا يېتەكلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە كۈچ قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى