تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشتىكى ئۈلگىلەردىن، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئاۋانگارتلاردىن بولىمەن

  كۇچا ناھىيەسى ئۇچا بازارلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى ئابدۇۋېلى سامساق

  چېگرا ئىچى – سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋەتەننى پارچىلاش رەزىل مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى ھە دەپ تەرغىب قىلىپ، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان، باشقىلارنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى كەينى – كەينىدىن سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان سېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ئىنتايىن زور خەۋپ يەتكۈزدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ رەزىل نىيىتى ۋە كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان قەبىھ جىنايى قىلمىشى ئۇلارنىڭ جەمئىيەتتىكى زەھەرلىك ئۆسمە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئىسپاتلىدى.

  پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەت تەربىيەسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ جىنايى قىلمىشى ۋە كادىرلار قوشۇنىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەردىن قاتتىق نەپرەتلىنىمەن، مەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ۋە ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي، ھايات – ماماتلىق كۈرەش قىلىپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوغدايمەن.

  ۋەتەننىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى–تەرۇز قىلىشقا بولمايدۇ، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ. مەن خىزمەت داۋامىدا بوشاڭلىق، بىخۇدلۇق ئىدىيەسىنى قەتئىي يېڭىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تېررورچىلارغا قىلچە پۇرسەت بەرمەي، يوشۇرۇنىدىغان جاي قالدۇرماي، يېڭى دەۋردە تىنچ، بەختىيار، گۈزەل كۇچا قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

  سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەگە باشتىن–ئاخىر مۇتلەق سادىق بولىمەن. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ھەم بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ زور پىرىنسىپال مەسىلىدە باشتىن–ئاخىر كاللامنى ناھايىتى سەگەك تۇتۇپ، بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم، تونۇشۇم بىردەك، ئىچىم بىلەن تېشىم بىردەك، پوزىتسىيەم قەتئىي، قەدىمىم بىردەك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرىمەن، ھەم ئۆز ئەۋزەللىكىمنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەيمەن. پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە باشلامچىلىق بىلەن رىئايە قىلىپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە باشتىن–ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، ئىدىيەدە يادرونى قەلبىمدىن ئېتىراپ قىلىمەن، سىياسىيدا يادرونى قوغدايمەن، تەشكىلىي جەھەتتە يادروغا بويسۇنىمەن، ھەرىكەتتە يادروغا يېقىندىن ئەگىشىمەن.

  مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. سىياسىي ئىرادەمنى مۇستەھكەملەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى بىر قاتار ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تەۋرەنمەيمەن، بوشاڭلىق قىلمايمەن، ئىككىلەنمەيمەن، شەكىلۋازلىق قىلمايمەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىمەن، دائىم ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاجىز ھالقىلارنى تېپىپ چىقىپ، يوچۇقلارنى ئېتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلايمەن، مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىمەن. ‹‹ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش›› قاتارلىق تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشقا، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش تۇپرىقى ۋە بوشلۇقىنى ئورتاق يوقىتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى قەتئىي مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەيمەن.

  ئىقتىدارىمنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا يېتەكلەيمەن. قەتئىي ھالدا ئاممىۋى خىزمەتنى ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەپ، ئومۇمىي خەلق دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرىدىغان ئىجتىمائىي مۇھىت شەكىللەندۈرىمەن. ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى تەشكىللەپ، قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنى تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، بارلىق ئاممىنى پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىسىز خاتا سۆز، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىگە پايدىسىز ھەرىكەتلەرگە قارىتا، مەردانىلىك بىلەن ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، خاتا سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى دادىللىق بىلەن قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن ئەقىل ۋە كۈچ قوشىمەن. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ھەر مىللەت ئاكا – ئۇكا، ئاچا – سىڭىللار ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشساقلا، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ جىنايى مەقسىتىنى جەزمەن ئۈزۈل – كېسىل بىتچىت قىلالايمىز، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا جەزمەن يېتەلەيمىز، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى جەزمەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى