تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

سېغىز چايناش ئۈچەي، ئاشقازانغا پايدىسىزمۇ؟

2017  -يىلى 20-دېكابىر، ليەنيۈنگاڭ شەھىرى خەيجۇ تەرەققىيات رايونىدىكى بىر كەمپۈت ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ئىچىدە، ئىشچىلار ئىسمېنا قوشۇپ ئېكىسپورت قىلىنىدىغان كەمپۈتلەرنى ياسىماقتا.

    نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، سېغىز چاينىغاندا ئېغىزنى خۇشپۇراق قىلغىلى، چىشنى ئاسرىغىلى بولىدىكەن. شۇڭا كىشىلەر سېغىز چايناشنى ياخشى كۆرىدىكەن. ۋاھالەنكى سېغىزنى ئۇزۇن چايناشمۇ ياخشى ئادەت ئەمەس. ئۇنداقتا سېغىز چاينىغاننىڭ قانداق پايدا، زىيانلىرى بار ؟

    خۇالوڭ تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، نۇرغۇن ئاشقازان كېسىلى مۇتەخەسىسلىرى قورساق ئاچ ھالەتتە سېغىز چاينىغاندا كۆڭلى ئېلىشىپ، باش قېيىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىقىنى، بۇنداق بولغاندا ئاسانلا ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان؛ شۇنداقلا سېغىز چايناش ۋاقتى 20 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى، بولمىسا سېغىز چاينىغاندا ئاجرىلىپ چىققان ئىچكى ئاجراتمىلارنىڭ ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى زىيانغا ئۇچرىتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

    ئۇنداقتا، سېغىز چايناش ئۈچەي، ئاشقازانغا پايدىسىزمۇ؟ كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، گۇاڭجوۋ جۇڭيى داشۆسى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىنىڭ مەقئەت، ئۈچەي بۆلۈمى مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى سۈن فىڭ «ساغلاملىق ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، قورساق قىسىمىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ ھەركۈنى سېغىز چايناپ بەرگەن بىمارلار سېغىز چاينىمىغان بىمارلاردىن 2-3 كۈن بۇرۇن دوختۇرخانىدىن چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئوپېراتسىيە، ناركوزنىڭ تەسىرىدە بىمارنىڭ ئۈچەي قورساق قىسمى تەسىرگە ئۇچراپ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى ئاستىلايدىكەن؛ ھەمدە ئاسانلا ئوپېراتسىيەدىن كېيىن كۆڭلى ئېلىشىش، ھەتتا ئۈچەي توسۇلۇشتەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدىكەن. ئېغىز چايناش ھەرىكىتى قىلغاندا، ئېغىز بوشلۇقى ۋە يۇتقۇنچاق قاتارلىق ئورگانىزىملارنىڭ خىمىيەۋىلىك ۋە مېخانىكىلىق سەزگۈچىنى غىدىقلاپ، ئىمپۇلسى مېڭە مەركىزى رايونىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئاداشقان نېرۋىلارنى قوزغايدۇ، بۇنىڭ ئىپادىسى، ھەزىم قىلىش بېزى ئاجىرالمىسى تېزلىشىپ، ئاشقازان، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى، بوشۇتىشى تېزلىشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى