تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شامال بىلەن كۆتۈرۈلگەن ئۇلۇغ دولقۇن

  ــــ پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرگەنلىكى توغرىسىدا مۇلاھىزە

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

  ‹‹ئۆتكەن نەچچە يىلدىن بۇيان ئىسلاھاتتا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھاتنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ››.

  19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 1 – يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش بۇيرۇقى چىقاردى.

  ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەينەندە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇش، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار زور ئىسلاھاتلار ئارقا – ئارقىدىن يولغا قويۇلدى، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىسلاھاتلار ئۈستىدە ئىزدىنىشلەر ئارقا – ئارقىدىن باشلاندى، ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىسلاھاتى، تەستىقلاش مۇلازىمىتىنى خەلققە قولايلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرى سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى...

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇش، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ھەقىقىي تۇتۇشقا تۈرتكە بولدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يېڭى تەدبىرلەر تۈركۈم – تۈركۈملەپ يولغا قويۇلدى، يېڭى ھەيۋەتلىك دولقۇنلار ئارقا – ئارقىدىن كۆتۈرۈلۈپ، شامالغا ئەگىشىپ كۆتۈرۈلگەن ئۇلۇغ دولقۇندا پۇختا قەدەمدە بېسىلغان ئىسلاھات مەنزىرىسى جانلىق نامايان بولدى.

  ‹‹شۇنى باشتىن – ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەككى، ئىسلاھات پەقەت داۋاملىشىدۇكى، ئاخىرلاشمايدۇ›› ــــ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەخسەن ئۆزى رەھبەرلىك قىلىپ، شەخسەن ئۆزى ئىلگىرى سۈردى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىنىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىلىپ، داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات ئۇلۇغۋار ئىشلىرى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى

  ئىسلاھات ئالغا سىلجىتىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، تونۇشتىنمۇ بەكرەك مۇھىم بولغىنى ئىرادە بولدى.

  پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ‹‹2020 – يىلىغا بارغاندا، مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا ھەل قىلغۇچ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش›› نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ھازىر بۇنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى تاماملاندى.

  تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىرگەنسېرى، قىيىن باسقۇچقا شۇنچە يېقىنلىشىمىز، تاغقا يولۇققاندا يول ئاچىدىغان، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سالىدىغان ئىسلاھات روھىغا شۇنچە موھتاج بولىمىز.

  يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانىغا يۈزلەنگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپىنى چۆرىدەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ئىسلاھاتىنىڭ رەڭگارەڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى:

  ئىسلاھات ئىرادىسى تېخىمۇ قەتئىي بولدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش قايتا تەكىتلەندى، ‹‹ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش›› يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەدبىرىگە كىرگۈزۈلۈپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  ئىسلاھات ئىدىيەسى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئۆتكەن بەش يىلدىكى تارىخىي ئۆزگىرىشلەر يەكۈنلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور بۆسۈش مەركەزلىك شەرھلەندى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەڭ تۈپ مۇۋەپپەقىيەت سۈپىتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش ئەمەلىيىتى ئاساسىدا شەكىللەنگەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئائىت بىر يۈرۈش مۇھىم ئىدىيەسى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ۋەزىيەتكە بېقىپ يۈكسىلىپ، قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

  ئىسلاھات يۆنىلىشى تېخىمۇ روشەنلەشتى. تەمىنلەش سىستېمىسىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىنىپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى؛ 2 – نۆۋەتلىك يەر ھۆددىگەرلىكىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن يەنە 30 يىل ئۇزارتىلىپ، يېزىلارنىڭ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ؛ سىستېمىلىق پۇل مۇئامىلە خەۋپىنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتەك تۆۋەن چەكنى ساقلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ... پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا مۇھىم ساھەلەر ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ئىسلاھات قەدىمى تېخىمۇ كۈچلۈك بېسىلدى. زامانىۋى ئىگىلىك سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ئىجادچان دۆلەت قۇرۇش، دۆلەت مەبلىغى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئومۇميۈزلۈك ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك سىياسىينى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ چىقىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا 158 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئىسلاھاتتىن ئىبارەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بۇ روشەن بايرىقى ۋە ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگونىڭ بۇ دەۋر ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ روشەنلەشتى.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرىكىگە ئوخشاش، ئىسلاھاتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى مەھكەم تۇتۇپ، مۇھىم ئىسلاھاتلارنى شەخسەن ئۆزى ئورۇنلاشتۇرۇپ، زور ئىسلاھات لايىھەلىرىنىڭ ئۆتكىلىنى شەخسەن ئۆزى ئىگىلەپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى شەخسەن ئۆزى سۈرۈشتۈرۈپ، شەخسەن ئۆزى ئاۋۋال ئىشلەپ، باشقىلارغا ئۈلگە بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلدى.

  ئىسلاھاتنىڭ ئۇرۇقى ھامان ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتىدە بىخلىنىدۇ. ھەر قايسى جايلارغا، ساھەلەرگە كەينى – كەينىدىن بېرىپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش داۋامىدا، ئىسلاھات ئوي – پىكرى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدى.

  قەھرىتان سوغۇق مەزگىلى بولسىمۇ، خۇەيخەي ئىقتىساد رايونىنىڭ مەركىزىي شەھىرى شۈجوۋنىڭ سۇلىرى سۈزۈك، ئاسمىنى كۆپكۆك ئىدى، قۇياش ئىللىق نۇرىنى چېچىپ تۇراتتى.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى يېپىلىپ بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم جايلارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بېرىپ، بىرىنچى بېكەت بولغان جياڭسۇنىڭ شۈجوۋ شەھىرىگە كەلدى.

  ‹‹دۆلەت كارخانىلىرى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى جەڭگىۋار قوشۇن بولۇشى كېرەك››، ‹‹بايلىق مەنبەلىرى قۇرۇپ كەتكەن رايونلاردا ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش بىر چوڭ ئىش››، ‹‹يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا ماددىي مەدەنىيلىك بىلەن مەنىۋى مەدەنىيلىكنى تەڭ تۇتۇش كېرەك››... ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن بايلىق تىپىدىكى شەھەرلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقىچە، يەنە يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكىچە باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى.

  باشقىلار مېڭىپ باقمىغان يولدا مېڭىشقا جۈرئەت قىلغاندىلا، باشقىچە ھاسىلاتلارغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ. جياڭسۇدىن خەينەنگىچە، خۇبېيدىن شەندۇڭغىچە باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھات ئۈنۈمىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئىسلاھاتقا بولغان تونۇشىنى تەكىتلەپ، ئىسلاھات كۈچلىرىنى مۇجەسسەملىدى.

  4 – ئايدىكى خەينەندە ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى.

  بوئاۋ لېچىڭ خەلقئارالىق داۋالاش ساياھىتىنى ئالدىن يولغا قويۇش رايونى پىلانلاش سارىيى، دەرىجىدىن تاشقىرى شال كۆرگەزمە ئېتىزىغا كېلىپ، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئىقتىساد ئالاھىدە رايونىنى ياخشى قۇرۇپ چىقىشقا ئېنىق تەلەپلەرنى قويۇپ، خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا قارىتا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى... باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنىشقا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى.

  باش ياز پەسلىدە، شەندۇڭ زېمىنىدا ھەممە ئىش تېز راۋاج تاپتى.

  مەھەللىلەرنى زىيارەت قىلىپ، كارخانا ۋە يېزىلارغا بېرىپ، دېڭىز – ئوكيان پەن – تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى سوراپ، ئېكولوگىيەنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنىڭ يېڭى قىياپىتىنى كۆرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئاجىزلىقتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان مۇساپىسىگە ئائىت دوكلاتنى ئاڭلاپ، يېڭى – كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشى توغرىسىدا سۆزلەشتى... باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى تەرەققىيات قارىشىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم قوللانمىغا ئىگە قىلدى.

  ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان چاڭجياڭ دەرياسى شىددەت بىلەن مەۋج ئۇرۇپ ئىلگىرىلىمەكتە.

  خۇبېي يىچاڭ ۋە جىڭجوۋ، خۇنەن يۆياڭ ۋە سەنشيا توسمىسى رايونى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىنى كۆچۈرۈش، قانۇنسىز پىرېستانلارنى تۈزەش، دەريا سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىنى تىزگىنلەش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈردى، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى... باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا توغرا ئىگىلەشكە تېگىشلىك بەش مۇناسىۋەتنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قوغداش بىلەن تەرەققىياتنىڭ دىيالېكتىكىلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئىگىلەشنى مۇھىم تەپەككۇر بىلەن تەمىنلىدى.

  ئىسلاھات مۇساپىسىدە پەقەت ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدىغان باشلىنىش نۇقتىسىلا بار. كەلگۈسى كۆزلەنگەن ھەر بىر ئورۇنلاشتۇرمىدا ئىسلاھات تەدبىرلىرى يەنىمۇ روشەنلەشتى.

  ئەزىمەتلەرلا دەۋر دولقۇنىدا مەڭگۈ مەزمۇت تۇرالايدۇ.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش 40 يىللىق جاپالىق مۇساپىنى بېسىپ، قىيىن باسقۇچقا كىردى. ئىسلاھات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك بىر قاتار چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت، قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدۇق، رەئىس شى جىنپىڭ 2018 – يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە مۇنداق چاقىرىق قىلدى: ‹‹ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىپ، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سېلىپ، ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك››.

  ئىسلاھات، تەرەققىياتنىڭ تومۇرى توغرا تۇتۇلدى. 2017 – يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئېچىلغان مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش شەرتىدە، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا قەدەمنى تېخىمۇ تېزرەك ئېلىش كېرەك. ئۇل خاراكتېرلىك، ھالقىلىق ساھەلەردىكى ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش ھەم ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 – ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى يەنىلا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە ماسلىشىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش نىشانىنى پۇختا ئىگىلەپ، ھەرقايسى ساھە، ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئىسلاھاتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  توغرا يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرلىرى پىلانلاپ بېكىتىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 1 – يىغىنىدا ئۈچنى ‹‹ئۆزگەرتمەسلىك››نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جەزمەن چىڭ تۇرىدىغان پىرىنسىپلارنى يەنىمۇ تەكىتلىدى. يىغىندا يەنە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى بويىچە، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقىنى تىرىشىپ كۈچەيتىپ، خىزمەت سالمىقى ۋە ئىزچىللىقىنى ساقلاپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پىلانلىق، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئۆتكەلدە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋەزىيىتى قايتا يارىتىلدى. 2018 – يىلى 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى تۇنجى قېتىم بارلىققا كېلىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتكۈل جەمئىيەتكە سالمىقى تېخىمۇ زور، تېخىمۇ ئەمەلىي بولغان تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى تارقاتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىندا مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك باشلانغانلىقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى بىر باسقۇچقا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئىسلاھات چوڭقۇر قاتلاملىق مەنپەئەت ئەندىزىسىنىڭ تەڭشىلىشى ۋە تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يەنىمۇ تاقىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ مۇرەككەپلىكى، سەزگۈرلۈكى، مۈشكۈللۈكى تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ، پارتىيەنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا بولغان بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئىسلاھات خىزمىتىگە تۈرتكە بولۇش زۆرۈر.

  دەل جايىدا كۈچەش تەدبىرىگە ماھىر بولۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 2 – يىغىنىدا بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىغا ئاساسەن، ‹‹پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىنىڭ مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش يىرىك پىلانى (2018 – يىلىدىن 2022 – يىلىغىچە)››دا 158 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى رەتلىنىپ، باشلامچى ئورۇنلار، ئىسلاھات سۈرۈكى، ئىسلاھاتنىڭ نىشان تەدبىرى، نەتىجە شەكلى قاتارلىق ئامىللار ئېنىق كۆرسىتىلىپ، كەلگۈسى بەش يىلدىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ‹‹كاتتا قۇرۇلۇش چېرتيوژى›› شەكىللەندۈرۈلۈپ، ‹‹2022 – يىلىغا بارغاندا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان – ۋەزىپىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش›› بۇيرۇقى چۈشۈرۈلدى.

  ئىسلاھات قەدىمىنى پەقەت ئالغا ئىلگىرىلىتىشكىلا بولىدۇ. ھەر قېتىملىق بايرىقى روشەن ھالدا سىرتقا جاكارلاشتا، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئىرادىسى تېخىمۇ ئېنىق نامايان قىلىندى.

  2017 – يىلى 11 – ئاينىڭ 10 – كۈنى، ۋىيېتنام داناڭ. ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا – سانائەت ساھەسى باشلىقلىرىنىڭ ئۇچرىشىش يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ پۈتۈن دۇنياغا مۇنداق جاكارلىدى: ‹‹جۇڭگو ئىسلاھاتىنىڭ ساھەسى تېخىمۇ كېڭەيتىلىدۇ، تەدبىرى تېخىمۇ كۆپەيتىلىدۇ، سالمىقى تېخىمۇ ئاشۇرۇلىدۇ››.

  گېپى گەپ بولۇش، ئىشى نەتىجىلىك بولۇش. دىققەتنى مەنپەئەت توسالغۇسىدىكى ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك چەكلىمىلەرنى بۇزۇپ تاشلاش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئېگىز يەلكىنىنى ھەممە يەردە لەپىلدىتىپ، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەش: بىر قاتار مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئارقا – ئارقىدىن يولغا قويۇلۇشى ئىسلاھاتتا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇش، ئېچىۋېتىشتە ھاياتىي كۈچ بولۇشتەك روشەن پوزىتسىيەنى ئىپادىلىدى؛ ئاچقۇچلۇق ساھەلەردىكى 60 نەچچە تۈرلۈك ئىسلاھات ھۆججىتى ئومۇميۈزلۈك ئېلان قىلىنىپ، ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى قايتا مۇجەسسەملەپ، كۈچلۈك تەدبىر بىلەن قالدۇق مەسىلىنى ھەل قىلىشتەك مىسلى كۆرۈلمىگەن سالماقنى نامايان قىلدى.

  ‹‹ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت جۇڭگونىڭ ئىككىنچى قېتىملىق بۇ ئىنقىلابى جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپلا قالماستىن، دۇنياغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى!›› بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2018 – يىللىق يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن ‹‹ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، گۈللەندۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەلگۈسىگە يېتەكچىلىك قىلايلى›› سەرلەۋھىلىك ئاساسىي مەقسەت نۇتقىدا، رەئىس شى جىنپىڭ 40 يىلدىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈشتە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە توپلىغان قىممەتلىك تەجرىبىلىرىنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، يېڭى دەۋردە جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن جىپسىلىشىپ تەرەققىي قىلىشىنى كۈچەيتىشتە يېڭى سەھىپە يارىتىش مۇستەھكەم ئېتىقادى ۋە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىرىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى.

  نەچچە كۈن ئىلگىرى، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگتا ئۆتكۈزۈلگەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سودا – سانائەت مۇنبىرىدە رەئىس شى جىنپىڭ: ‹‹دەۋر ئېقىمى يېتىپ كەلدى، ئېقىمغا ئەگىشەلمىگەنلەر ئارقىدا قالىدۇ، شاللىنىپ كېتىدۇ›› دەپ كۆرسىتىپ، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشقا پايدىسىز بارلىق تۈزۈلمە – مېخانىزم توسالغۇلىرىنى تۈگىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارى ۋە بازار ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتىدىغان ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  غازاڭنىڭ ئورنىنى بىخ ئالار، سۇلار ئۈزۈلمەي ئاقار.

  ‹‹بىر دۆلەت، بىر مىللەت گۈللەنمەكچى بولىدىكەن، جەزمەن تارىخنىڭ ئالغا بېسىش لوگىكىسىدا ئالغا بېسىشى، دەۋرنىڭ تەرەققىيات دولقۇنىدا تەرەققىي قىلىشى كېرەك››. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياغا جاكارلىغاندەك: ‹‹جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى جەزمەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ، شۇنداقلا چوقۇم مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ!››

  ‹‹چوققىلارغا بىر – بىرلەپ ھۇجۇم قىلىپ، قىيىن ئۆتكەللەردىن بىر – بىرلەپ ئۆتۈش›› ــــ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىر قاتار ئىسلاھاتلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تېخىمۇ زور، باشلىنىش نۇقتىسى تېخىمۇ يۇقىرى، جاسارىتى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى كەيپىيات نامايان قىلىندى

  ئىسلاھات قانچە چوڭقۇرلاشقانسېرى، زىددىيەت شۇنچە گەۋدىلىنىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدىن باشلاشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولىمىز.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچى چۆرىدىلىپ، سالمىقى تېخىمۇ زور، تەلىپى تېخىمۇ يۇقىرى، تەدبىرلەر تېخىمۇ ئەمەلىي بولغان بىر تۈركۈم ئىسلاھات ۋەزىپىلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلدى، ئىسلاھات خىزمىتىگە تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇلدى، تېخىمۇ چوڭ جەڭ ئېلان قىلىندى. خىرىس ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز جەزمەن تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييارلىنىپ، داۋاملىق ئىزدىنىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇش، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خىزمەتنى يەنىمۇ ئەمەلىي تۇتۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشىمىز كېرەك.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسىدا، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، مۇھىم ئومۇمىيەتلىككە ئىگە ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈردى، تېخىمۇ كۆركەم، ھەيۋەتلىك ئىسلاھاتنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانى تەدرىجىي نامايان بولدى.

  بۇ، كەلگۈسى تېخىمۇ كۆزلەنگەن ئىسلاھات زور ئورۇنلاشتۇرمىسى ـــــ

  2018 – يىلى 3 – ئاينىڭ 11 – كۈنى چۈشتىن كېيىن، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، 13 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىدا ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى›› ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  ئاساسىي قانۇن ــــ دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇشنىڭ ئومۇمىي نىزامنامىسى. ئاساسىي قانۇن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىگەندىلا، ئاساسىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتى غالىب ئورۇندا تۇرىدۇ.

  پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشى باشتىن – ئاخىر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بىلەن ماس قەدەمدە بولدى. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى.

  2017 – يىلى 9 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىدا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنى باشلاش قارار قىلىنىپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئومۇمىي تەلىپى ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشقا تېگىشلىك ‹‹تۆت پىرىنسىپ›› ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىيىتى ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ چىقارغان مۇھىم قارارى.

  پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 – ئومۇمىي يىغىنى پارتىيە تارىخىدا بىر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئارقىلىق ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىپ، دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى توغرا ئىگىلەش ئاساسىدا، ئاساسىي قانۇنغا بۇ قېتىمقى تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  ئاساسىي قانۇنغا بۇ قېتىمقى تۈزىتىش كىرگۈزۈش، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن زور نەزەرىيەۋى قاراش ۋە مۇھىم فاڭجېن – سىياسەتلەرنى دۆلەتنىڭ نېگىزلىك قانۇنىغا كىرگۈزۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئەمەلىيەت داۋامىدا ئېرىشكەن زور نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئاساسىي قانۇن بەلگىلىمىسى دەرىجىسىگە كۆتۈردى.

  ‹‹بۇ، جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغانلىقىغا 40 يىل بولغان پەيتتە، ئۈستقۇرۇلما ساھەسىدىكى بىر قېتىملىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش››. مانا بۇ چەت ئەل جامائەتچىلىكى بەرگەن باھا.

  ئەگەر ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۈچۈن سېلىنغان تۈپ ئۇل تاش دېيىلسە، ئۇنداقتا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى تۈرلۈك ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان تۈزۈلمە – مېخانىزم توسالغۇسىغا دەل جايىدا بېرىلگەن زەربە دېيىشكە بولىدۇ.

  2018 – يىلى 5 – ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنى، بېيجىڭ يۆتەن بېيشياۋجيې 2 – نومۇر.

  دۆلەت ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ۋەزىپىسى بىرلەشتۈرۈلگەن دۆلەت داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى كىشىلەرنىڭ تەقەززالىق بىلەن كۈتۈشى ئارقىسىدا رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى.

  بۇنىڭ بىلەن، ئۈچ ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لايىھەسىدە بېكىتىلگەن ۋىۋىسكا ئېسىشقا تېگىشلىك يېڭىدىن قۇرۇلغان ياكى قايتا تەشكىللىنىپ قۇرۇلغان 25 تارماقنىڭ ھەممىسى ۋىۋىسكا ئېسىشنى تولۇق تاماملىدى.

  پارتىيە، دۆلەت، خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى، فۇنكسىيەسىنىڭ تەقسىملىنىشىدە دۇچ كەلگەن ۋەزىپە تەكرارلىنىش، تارقاق ھەم ئارىلاش بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن، 2015 – يىلىلا باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىن ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تەلەپ قىلغانىدى.

  شۇنىڭدىن كېيىن، باش شۇجى كۆپ قېتىم ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان يىغىنلاردا يەنە بۇ تېمىنى مۇھاكىمە قىلغان ھەم پارتىيە 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 3 – ئومۇمىي يىغىنى ھۆججەت لايىھەسىنى تۈزۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىقىنى شەخسەن ئۆزى ئۈستىگە ئېلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئاپپارات ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا بىر يۈرۈش مۇھىم يېتەكچى ئىدىيەنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  2018 – يىلى مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 1 –، 2 – يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ‹‹ۋەزىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە سەرخىللاشتۇرۇش ئاچقۇچ››، ‹‹ئالدى بىلەن يېڭىسى تىكلەنسە، ئاندىن كونىسى يوقىلىدۇ، يېڭىسى تىكلەنمىگۈچە كونىسى ئۆزلۈكىدىن يوقالمايدۇ››، ‹‹توغرا يۆنىلىشتە ماسلاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە تىك يۆنىلىشتە راۋانلاشتۇرۇش›› قاتارلىق كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپپارات ئىسلاھاتىنىڭ ئىلمىي، تەرتىپلىك، سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

  بۇ، بىر مەيدان سىستېمىلىق، بىر پۈتۈن گەۋدىلىك، قايتا قۇرۇش خاراكتېرلىك زور ئۆزگىرىش ــــ چېتىلىدىغان مەركەز ۋە دۆلەت ئاپپاراتلىرى تارماقلىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار 80 دىن ئاشىدۇ، ھەم پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلار توغرا يۆنىلىشلىك بىرتۇتاش پىلانلانغان، ھەم مەركەز ۋە يەرلىك تىك يۆنىلىشلىك بىرتۇتاش پىلانلانغان بولۇپ، سالمىقى، كۆلىمىنىڭ زورلۇقى، چېتىلىدىغان دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، توقۇنۇشىدىغان مەنپەئىتىنىڭ چوڭقۇرلۇقى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە بولدى.

  قىسقىغىنا نەچچە ئايدا، يېڭىدىن قۇرۇلغان ياكى قايتا قۇرۇلغان تارماقلار ۋىۋىسكا ئېسىش، تەشكىللەش، ‹‹ئۈچنى بېكىتىش›› لايىھەسىنى تۈزۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى كەينى – كەينىدىن تاماملىدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتى جۇشقۇن، توسالغۇسىز ئېلىپ بېرىلىپ، ئاپپاراتلارنى سەرخىللاشتۇرۇشنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەسىرى دەسلەپكى قەدەمدە نامايان قىلىندى.

  جامائەتچىلىك: بۇ قېتىمقى ئاپپارات ئىسلاھاتى دولقۇنىدا، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 40 يىلدىن بۇيانقى سىياسىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنىڭ بىرى، دەپ قارىدى.

  ئۇل پۇختىلىنىپ، تۈۋرۈك تىكلىنىپ، لىم قويۇلدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ‹‹جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش›› باش نىشانىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى.

  بۇ، تېخىمۇ يۇقىرى پەللىدە تۇرۇپ، ئىسلاھاتقا قايتا ئاتلىنىش ــــ

  2018 – يىلى، خەينەن ئىقتىسادى ئالاھىدە رايونى قىران چاغلىرىنى كۈتۈۋالدى.

  30 يىل بۇرۇن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەينەندە ئۆلكە تەسىس قىلىش ھەم مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى ئالاھىدە رايون قۇرۇپ، خەينەننى بىر چەت ئارالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېلىمىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىنىڭ مۇھىم كۆزنىكىگە ئايلاندۇرۇشنى قارار قىلغان.

  30 يىلدىن كېيىن، خەينەن قايتىدىن ھالقىشقا ئاتلاندى.

  4 – ئاينىڭ 13 – كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خەينەندە ئۆلكە تەسىس قىلىنىپ، ئىقتىسادى ئالاھىدە رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا تەنتەنىلىك ھالدا مۇنۇلارنى جاكارلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن خەينەن ئارىلىدا ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنى قوللاپ، خەينەننىڭ جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشى ئۈستىدە تەدرىجىي ئىزدىنىش ۋە ئۇنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشنى قوللاپ، ئەركىن سودا پورت سىياسىتى ۋە تۈزۈم سىستېمىسىنى قەدەم – باسقۇچلارغا بۆلۈپ بەرپا قىلىشنى قارار قىلدى.

  ئىككىنچى كۈنى، ‹‹جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ خەينەننىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قوللاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى›› رەسمىي ئېلان قىلىنىپ، 27 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، خەينەننى يېڭى ئۈلگە قىلىپ، دۇنياغا جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىدىدىن ئالغا سىلجىتىشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى نامايان قىلدى... يېڭى يۈكسەكلىك، يېڭى ئىستراتېگىيە، يېڭى ئورۇنلاشتۇرما خەينەنگە كەلگۈسىدە چەكسىز يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلىش بوشلۇقى ئاتا قىلدى.

  خەينەننىڭ ئىسلاھاتقا قايتا ئاتلىنىشى 30 يىللىق ئۇزاق ۋاقىتقا سىڭدۈرۈلدى، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ ئىسلاھاتى قىسقىغىنا بىر يىلدا يەنە تېزلىتىلدى.

  رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى ‹‹13 – بەش يىل›› مەزگىلىدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىر تاختا شاھماتنى ياخشى ئوينىشىدا ھەل قىلىشقا تېگىشلىك قىيىن مەسىلە. بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي رايونى دەل ئېلىمىز رايون تەرەققىياتىنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىقىنىڭ بىر تىپىك كارتىنىسى.

  كۆپ قېتىم چوڭقۇر كۆزدىن كەچۈرۈپ، قايتا – قايتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ‹‹كۆپ نۇقتىنى بىر شەھەر قىلىش، كونا شەھەرنى قايتا تەشكىللەش›› تەسەۋۋۇرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسى يۈرۈشتۈرۈلۈپ ماسلاشتۇرۇلغان مەركەزلىك كۆتۈرۈش ئورنى دەلىللەنگەنگە قەدەر، باش شۇجى شى جىنپىڭ شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ تەسىس قىلىنىشىغا بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەسەۋۋۇرنى تەدرىجىي رېئاللىققا ئايلاندۇردى.

  تەسىس قىلىنغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شيۇڭئەن يېڭى رايونى ‹‹دۇنياۋى نەزەر، خەلقئارا ئۆلچەم، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، يۇقىرى نۇقتىدىن ئورۇن بەلگىلەش››تە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىچە تەرەققىيات قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، پەن – تېخنىكىنى باشقۇرۇش، ‹‹ئۆي – زېمىن ئىگىلىرى››نى باشقۇرۇش قاتارلىق تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىيات ئۈلگە رايونىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى.

  شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان مەملىكەت بويىچە ئۆرنەك رايون قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىدا، شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا ئىسلاھاتتا ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشتە تېخىمۇ چوڭ ھوقۇق بېرىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش – تەرەققىي قىلدۇرۇش، شەھەرنى ئىدارە قىلىش، جامائەت مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، ئاۋۋال بۆسۈپ ئۆتۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  جەنۇبىي دېڭىز ياقىسىدىن كەلگۈسىدىكى شەھەرگىچە، جۇڭخۇانىڭ بىپايان زېمىنىغا نەزەر تاشلاندى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى ئىسلاھات تەدبىرى تېخىمۇ قەتئىي بولدى، ئىشىك سىرتقا تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىلدى؛ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرى تەقلىد قىلىنىپ كېڭەيتىلدى، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت يەرمەنكىسىگە تەييارلىق كۆرۈش چىڭ تۇتۇلدى، مەملىكەت بويىچە چېگرادىن كىرىش، چىقىش گۇۋاھنامىسىنى بېجىرىشكە ‹‹بىر قېتىم قاتراش›› ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› سودىسى ۋە سېلىنما ماجىراسىدىكى كۆپ مەنبەلىك تالاش – تارتىشنى ھەل قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىلدى...

  40 يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇغلانمىسىدىكى مول ئۇزۇقلۇق تەركىبلەر ۋە ئۆتكەن بەش يىلدىكى ئىسلاھاتتا توپلانغان قىممەتلىك تەجرىبىلەر قوبۇل قىلىندى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىقىرىلدى:

  دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئاساسىدا، 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 1 – يىغىنىدا يەنە كۆل باشلىقى تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، كۆل رايونى بوشلۇقىنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەش چىڭىتىلىپ، كۆل سۇ مەنبەسىنى ئاسراش، سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش كۈچەيتىلدى؛ ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش شەكلىدىكى چوڭقۇر ئىسلاھات يەنىمۇ ئالغا سىلجىلىتىپ، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 3-يىغىنىداە خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىپ، خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى ھەر تەرەپلىمە، تولۇق جەريان، تولۇق قاپلاش بويىچە يولغا قويۇش ئارقىلىق، مالىيە بايلىقىنىڭ سەپلىنىش ئۈنۈمى ۋە ئىشلىتىلىش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلدى...

بۇ، تېخىمۇ خەتەرلىك ساھىلدىكى ئىسلاھات جېڭى ــــ

تارىخ ھەمىشە بەزى پەۋقۇلئاددە يىللاردا كىشلەرگە قوبۇل قىلىشقا بولىدىغان ئەقى-پاراسەت، داۋاملىق ئىلگىرلەشكە بولىدىغان كۈچ ئاتا قىلىدۇ.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى كۈتۈۋېلىنغان پەيتتە، ئىسلاھات يەنە يېڭى تارىخى ئۆتكەلگە دۇچ كەلدى، ئۇنىڭ مۇرەككەپلىك دەرىجىسى، سەزگۈرلۈك دەرىجىسى، مۈشكۈللۈك دەرىجىسى 40 يىل ئىلگىرىكىدىن قېلىشمايدۇ.

كونا قائىدە -يوسۇنغا ئېسىلىۋالغاندا، چىقىش يولى بولمايدۇ، قورقۇپ ئىلگىرىلىمىگەندە، پۇرسەت قولدىن كېتىدۇ، پەقەت تېخىمۇ زور ئىرادە، تېخىمۇ كۈچلۈك جاسارەت بىلەن قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغاندىلا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ يېپيېڭى ۋەزىيىتىنى ياراتقىلى بولىدۇ.

نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش ــــ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشىدىكى جەزمەن غەلبە قىلىشقا تېگىشلىك ئۈچ چوڭ جەڭنىڭ بىرى. ئېغىر نامراتلىق ئۆتكىلىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش ــــ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىكى ئەڭ مۇھىم خىزمەت.

مەسىلە ئالدىدا قەتئىي چېكىنمەي، قىيىنچلىق ئالدىدا پۈتۈن كۈچ بىلەن جەڭگە ئاتلىنىش كېرەك.

2018-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلبە قىلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» قاراپ چىقىلىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەت، تېخىمۇ پۇختا خىزمەت بىلەن كۈچ توپلىنىپ، نامراتلىكتىكى ئەڭ قىيىن، ئەڭ مۇستەھكەم ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىندى.

ئىش ۋۇجۇدقا چىقمىغۇچە، بەل قويۇۋەتمەسلىك كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش باسقۇچىدا، ئىسلاھاتنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدە دىققەتنى كۈچەشكە تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، بىرىنچى قول رەھبەر ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولۇش، دىققەتنى مەسلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىش، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، نازارەتنى كۈچەيتىشنى تېخىمۇ تەكىتلەپ، ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلغان،  دەل جايىدا بولغان ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىگە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك. 

19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 1-يىغىنىدا «نامرات كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنى كۈچەيتىپ، خىزمەتلەرنى باشقۇرۇشقا تاللاپ ئەۋەتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، بەزى جايلاردا كۆرۈلگەن كەنتتە تۇرۇپ نامراتلارنى يۆلەش جەريانىدا ئادەم تاللاش مۇۋاپىق بولماسلىق، باشقۇرۇش قاتتىق بولماسلىق، ئىستىل دۇرۇس بولماسلىق، كاپالەت كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر بىۋاستە كۆرسىتىپ بېرىلىپ، تۈزۈلمە-مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، نامرات كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرىنى تاللاپ ئەۋەتىش دەل جايىدا بولۇش، نامراتلارنى يۆلەش پۇختا بولۇش، ئامما رازى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

    نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشلا ئەمەس.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىدىغان ئىسلاھات تەدبىرلىرى كەينى – كەينىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

  كارخانا ئىشچى – خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش غەملەشتە تۇنجى قەدەم پۇختا تاشلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەر – يېزا ئاھالىسىنىڭ ئاساسىي كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنى بېكىتىش ۋە ئاساسىي كۈتۈنۈش پۇلىنى نورمال تەڭشەش مېخانىزمى ئورنىتىلدى؛ شاڭخەي پۇل مۇئامىلە سوت مەھكىمىسى تەسىس قىلىنىپ، بېيجىڭ، گۇاڭجوۋ ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىنىپ، يېڭى ئىقتىساد، يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ئۈزلۈكسىز ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى؛ ھۆكۈمەت سېتىۋېلىش مۇلازىمىتىدە ئۈچىنچى تەرەپ ئۈنۈمنى باھالاش ئالغا سىلجىتىلىپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەتنى باشقۇرۇش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى؛ ئىستاتىستىكىدا ساختىلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش، ساختىلىق قىلىشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ ھەقىقىي، توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

  بۇ، خەلق تۇرمۇشىغا يەنىمۇ نەپ يەتكۈزۈشتىكى ئىسلاھاتنىڭ يېڭى يۆنىلىشى ـــــ

  ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات پەسلىدە، شەندۇڭ بىنجوۋدىكى پاكىز ۋە رەتلىك شىزىليۇ كەنتىگە كىرسىڭىز، سەھرا ئارامگاھلىرىنىڭ مېھمانلار بىلەن تولغانلىقىنى كۆرىسىز.

  يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئارقىلىق، شەندۇڭ زېمىنىدىكى بارغانسېرى كۆپ كەنت ئەخلەت دۆۋىسى، پاشا – چىۋىنلار ئۇچۇپ يۈرىدىغان مەينەتچىلىك بىلەن خوشلاشتى، ئۇنىڭ ئورنىنى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش فۇنكسىيەلىك رايونلارغا ئايرىلغان، ئەخلەت ۋە پاسكىنا سۇ تەرتىپلىك تىزگىنلىنىدىغان يېپيېڭى مەنزىرە ئىگىلىدى.

  2018 – يىلى 2 – ئايدا، 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 1 – يىغىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان ‹‹يېزىلارنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى››نىڭ تولۇق تېكىستى ئېلان قىلىندى.

  يېرىم يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن ئۆلكە كونكرېت يولغا قويۇش لايىھەسىنى چىقاردى، يۈز مىليونلىغان دېھقاننىڭ تۇرمۇش سۈپىتىگە چېتىلىدىغان ئىسلاھات تېزلىكتە يۇقىرى قاتلامدىن پىلانلاشتىن بىر پارچە، بىر پارچىدىن قۇرۇلۇش خەرىتىسى بولۇپ ئەمەلىيلەشتى.

  خەلق تۇرمۇشىغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش كۆپلەپ كۆزلەندى، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەندىشىلەر كۆپلەپ تۈگىتىلدى. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا خەلقنى مەركەز قىلغان قىممەت يۆنىلىشىگە باشتىن – ئاخىر ئەمەل قىلىنىپ، خەلق ئاممىسى كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتىلىق، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىسلاھاتنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىندى.

  ــــ سۈپەتلىك، ئادىل بولۇش نىشانىغا يۈزلىنىلدى، مائارىپ ئىسلاھاتى شەھەر – يېزا مائارىپىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئىمتىھان ئارقىلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئاساسىدا، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلارغا قاراپ يەنىمۇ كېڭەيدى.

  ـــــ مەۋقە دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش، دوختۇرخانا بىلەن دورىنى ئايرىش، ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئومۇميۈزلۈك تورلاشتۇرۇش قاتارلىق داۋالاش ئىسلاھاتى ئاساسىغا قويۇلدى، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان يولغا قويۇلغان ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى تەربىيەلەش ۋە ئىشلىتىش بويىچە رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى، تەقلىدىي دورىلار بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئىشلىتىش سىياسىتى قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرى يەنىمۇ ئىسلاھ قىلىنىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كېسەل كۆرسىتىش قىممەت، قىيىن بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.

  ــــ ئىلگىرىكى شەھەر – يېزا نوپۇسىنى بىرتۇتاش تىزىملاش تۈزۈمىنى كۈچەپ يولغا قويۇش، تۇرۇش كىنىشكىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، نوپۇسى يوقلارنى نوپۇسقا ئېلىش مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرىدىن كېيىن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئىجارە ئۆيدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق نوپۇسنى شەھەر ئاممىۋى نوپۇسىغا ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشىنى چەكلەيدىغان قورغان ۋە توسالغۇلار يەنىمۇ تۈگىتىلدى.

  ياشانغاندا كۈتۈنۈشتىن داۋالىنىشقىچە، مائارىپتىن ئىشقا ئورۇنلىشىشقىچە، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىن ئىجتىمائىي ئىشلارغىچە... پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دەل جايىدا چىقىرىلغان بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى باشتىن – ئاخىر خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىدى.

  ئىرادە مۇستەھكەملەندى، جاسارەت تولۇپ تاشتى، ئىسلاھاتتىكى ھەر بىر خەتەردىن ئۈزلۈكسىز بۆسۈپ ئۆتۈلۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ھاياتىي كۈچى بارغانسېرى ئۇرغۇتۇلماقتا.

  ‹‹يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئىسلاھاتنى پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاچقۇچ يەنىلا ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەشتە›› ــــ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جايلار، تارماقلار ھەم پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەيدەكچىلىك قىلدى، ھەم يېڭى ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى ۋەزىيەت ياراتتى

  2018 – يىلى 7 – ئاينىڭ 17 – كۈنى، ئىسلاھاتقا دائىر ئىككى ئاخبارات خەۋىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى:

  سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ئې جىڭپىڭ مۇنداق جاكارلىدى: 2016 – يىلى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكىدە دەريا باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىلىپ، 1 مىليوندىن ئارتۇق دەريا باشلىقى ئىش ئورنىغا چىقتى، نۇرغۇن دەريا – كۆل ‹‹ھېچكىمنىڭ كارى بولماسلىق››تىن ‹‹باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇش››، ‹‹باشقۇرۇلماسلىق››تىن ‹‹ياخشى باشقۇرۇلۇش››قا ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى، دەريا – كۆللەرنىڭ ئەھۋالى تەدرىجىي ياخشىلاندى.

  دۆلەت باج باش ئىدارىسى مۇنداق جاكارلىدى: بۇ يىل 5 – ئايدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان قوشۇلما قىممەت بېجى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باجنى كېمەيتىش ئۈنۈمى تەدرىجىي گەۋدىلىنىپ، ئىسلاھ قىلىنغان تۇنجى ئايدىلا 34 مىليارد 800 مىليون يۈەن ساپ باج كېمەيتىلدى، ئەمەلىي ئىقتىساد كارخانىلىرى تېخىمۇ يېتەرلىك كۆچمە مەبلىغىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، رەقەملىشىش قاتارلىق يېڭى ئىقتىسادىي ساھەلەرگە سالدى.

  بىر قولدا پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن يېڭىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسىنى تۇتۇشتىن ئىبارەت بىر كۈندىكى ئىككى خەۋەر ھازىر جايلار، تارماقلارنىڭ ئىسلاھاتنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنىڭ جانلىق ئىنكاسى ئىدى.

  ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، قىيىن نۇقتىسىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە.

  ‹‹چوقۇم ئەمەلىيەتچىل بولۇش روھى بىلەن، ھەقىقىي، ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك››. 19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 2 – يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى باسقۇچتا ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش خىزمىتى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  19 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ۋە مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئاچقان بەش قېتىملىق يىغىننىڭ ئالاقىدار خەۋەرلىرىدە ‹‹ئەمەلىيلەشتۈرۈش›› دېگەن سۆز ئۇدا 16 قېتىم كۆرۈلدى.

  ‹‹ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ شەكىلۋازلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش››، ‹‹تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ساقلانغان زىددىيەت ۋە قىيىنچىلىقنى ئېنىقلاپ، ئوبدان چۈشىنىپ، خىزمەتنى ئەمەلىي، چوڭقۇر، ياخشى ئىشلەش››، ‹‹تۈزۈمنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەجرىبىلىرىنى جانلاندۇرۇش، كادىرلارنى نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۇختا چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك›› ... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپى بويىچە، جايلار، تارماقلار پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسلاھات تەدبىرلىرى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرتۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىسى بولۇشقا تىرىشتى.

  سىجىل كۈچەش، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئورۇنلاشتۇرۇلغان زور ئىسلاھاتلار ئارقا – ئارقىدىن ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم بەردى ــــ

  ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش ــــ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئورۇنلاشتۇرۇلغان زور ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ بىرى، شاڭخەيدىن باشلاپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنىڭ دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى، تەقلىد قىلغىلى ۋە ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى ئۈستىدە قەدەممۇ قەدەم ئىزدىنىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئومۇملۇقىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىندى.

  2018 – يىلى 3 – ئاينىڭ 28 – كۈنى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىدا ئۈچ لايىھە قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، گۇاڭدۇڭ، تيەنجىن، فۇجيەن ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى.

  بۇ، 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى بۇ ئۈچ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى قاراپ چىققاندىن كېيىن، ئەركىن سودا سىناق رايونى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم قەدەم.

  پارتىيە 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش باشتىن – ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە جايلار، تارماقلارنىڭ خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇلدى ھەم بۇ ئارقىلىق بىر قاتار زور ئىسلاھاتلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلدى:

  باھا ئىسلاھاتى ‹‹بازار ئارقىلىق باھا بېكىتكىلى بولىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى بازارغا تاپشۇرۇش، ھۆكۈمەت ئورۇنسىز ئارىلىشىۋالماسلىق›› يۆنىلىشىنى چۆرىدەپ، كۆپ تەرەپكە قاراپ تەرەققىي قىلىپ، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈپ ھەم يۇقىرى قاتلاملىق لايىھە شەكىللەندى، ھەم داۋالاش ۋە دورىگەرلىك، ئېنېرگىيە، قاتناش، سۇ ئېلېكتىر، ھەتتا مەنزىرە رايونى، مەخسۇس ئاپتوموبىل قاتارلىق نۇرغۇن ساھە تەدرىجىي قويۇۋېتىلىپ، كارخانىنىڭ يۈرۈشۈش تەننەرخى، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش تەننەرخى، ئاۋامنىڭ تۇرمۇش تەننەرخى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى.

  يېزا يەر ئىسلاھاتى ‹‹يەر بايلىقىنى جانلاندۇرۇش، يېزىلارنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىش››نى مەۋقە قىلىپ، يېزا ھۆددە يېرىنىڭ ‹‹ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش›› ئىسلاھاتى، يېزا يېرىنى ئېلىش، كوللېكتىپنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش يېرىنى بازارغا سېلىش، ئۆيلۈك يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم تۈزۈملەردە يېڭىلىق يارىتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ غايەت زور ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى بارلىققا كەلتۈردى.

  مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ‹‹كۆچمەس مۈلكى بار كىشىلەر قەتئىي ئىرادىلىك كىشىلەردۇر›› دېگەننى مەركەزنىڭ ھۆججىتىگە كىرگۈزۈپ، ھەر خىل بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلەشتە ‹‹كۆڭلىنى خاتىرجەم›› قىلدى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى: ئۆتكەن يەتتە يىلدا، دۆلىتىمىزدە پاتېنت ئىلتىماس قىلىش مىقدارى باشتىن – ئاخىر دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى؛ ئۆتكەن ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا، مەملىكەت بويىچە 130 مىڭ كەنت – مەھەللە يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تاماملىدى، ئەنخۇيدا ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تاماملانغان كەنتلەرنىڭ كوللېكتىپ مۈلكىنىڭ قىممىتى بىر يىلدا %39.4 ئاشتى.

  ئەلۋەتتە، ‹‹رىم بىر كۈندىلا قۇرۇپ چىقىلغان ئەمەس››.

  پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىگە قارىتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنۇلارنى ئېنىق تەلەپ قىلدى: ‹‹يولغا قويۇلغان ئىسلاھات لايىھەلىرىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تېخى تاماملانمىغان ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى چىڭ تۇتۇپ تېز ئىشلەش، لايىھەنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ بولغانلار يەنە ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك››.

  مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ نازارەت قىلىپ، ئىسلاھاتنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشكە ھەقىقىي تۇتۇش قىلىپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش ــــ

  ئىسلاھات قەيەرگىچە ئىلگىرى سۈرۈلسە، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشمۇ شۇ يەرگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى.

  تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ تېزدىن ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم يارىتىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىسلاھاتنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش سىجىل كۈچەيتىلدى.

  2018 – يىلى 6 – ئاينىڭ 20 – كۈنى، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش بويىچە ‹‹قايتا قاراپ چىقىش›› جەريانىدا جياڭسۇ تەيجۇنىڭ تەيشىڭ شەھىرىنىڭ نەچچە ئون مىڭ توننا خىمىيە سانائىتى قالدۇقىنى چاڭجياڭ دەرياسى بويىغا قانۇنسىز كۆمۈۋېتىپ، 2016 – يىلى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە تاپشۇرغان مەسىلىنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا بېجىرىپ، ماھىيەتتىن تۈزەتمەيلا تۈزىتىپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلغانلىقىنى بايقاپ، ئۇلارنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى.

  ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىنغاندىن تارتىپ 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنىگىچە، شۇ جايدىكى مۇناسىۋەتلىك ئالاقىدار بەش مەسئۇل خادىمغا چارە كۆرۈلدى.

  بۇ يىل 5 – ئاينىڭ ئاخىرى، 1 – تۈركۈمدىكى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش بويىچە ‹‹قايتا قاراپ چىقىش›› باشلاندى. 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنىگىچە، ئالتە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئون ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندا نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش بويىچە ئورۇنلىشىپ، جەمئىي 38 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق ئۈنۈملۈك پاش قىلىش ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلدى، جايلاردىكى 4305 ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈردى.

  مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش بويىچە ‹‹قايتا قاراپ چىقىش››نىڭ ئۆتكۈر خەنجىرى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتى جەريانىدىكى ئىشنى ئەپلەپ – سەپلەپ ئۆتكۈزۈۋەتكەن نۇرغۇن ‹‹ساختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش›› قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بەردى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تەشكىللىگەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ۋە مەخسۇس نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مېخانىزم قاتلىمىدىن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىسلاھاتنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ‹‹ھەقىقىي ئەسلىگە كەلتۈردى››.

  پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى شەندۇڭ، خېيلۇڭجياڭ، سىچۈەن، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق جايلارنىڭ ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى تېز تەشكىللىدى، يەنە ياشلار، ئۆسمۈرلەر مەكتەپ پۇتبول خىزمىتى ئەھۋالى، دېڭىزنى دائىرىلەپ تىندۇرۇشنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەش چارىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، سودىيە، پىروكۇرورلار ئىشتات تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى مەخسۇس نازارەت قىلىپ تەكشۈردى.

  نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش خادىملىرى 1 – سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، مەسىلە تىزىملىكىنى تەكشۈرۈپ، مەھەللە، كارخانا، يېزا قاتارلىق جايلارنىڭ ئىسلاھاتلارنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ ھەم ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش جەھەتتىكى بىر تۈركۈم پايدىلىق تەجرىبىلىرىنى ئۈنۈملۈك بايقىدى، شۇنداقلا بىر قىسىم جايلاردا ساقلانغان ئىسلاھاتقا بولغان تونۇش ئېنىق بولماسلىق، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كۈچلۈك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ ئەينەن ئىنكاس قىلدى، ھەم خىزمەتلەردىكى يېتەرسىزلىكلەرنى كەسكىن تەنقىدلىدى، شۇنداقلا تۈزىتىش تەكلىپىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئالاقىدار ئىسلاھاتلارنىڭ يەنىمۇ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم كۆرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.

  پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈنۈم يارىتىپ، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ــــ

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %6.8 بولۇپ، ئۇدا 12 پەسىل %6.7 تىن %6.9 كىچە بولغان ئوتتۇرا يۇقىرى سۈرئەتنى مۇقىم ساقلىدى.

  تەتقىقات ئاپپاراتلىرى مۇنداق قارىدى: يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېز يېتىلدۈرۈشنىڭ مەنبەسى مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇق بېرىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىپ، باجنى كېمەيتىش قاتارلىق ئىسلاھات تەدبىرلىرى قويۇپ بەرگەن ھاياتىي كۈچتۇر. ئەمما، بازار كۆزلىمىسىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلىنىشى تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئارىلاشما ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، كارخانىلارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى؛ كارخانىچىلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدىغان، قوغدايدىغان نۇقتىلىق تەدبىرلەردە دەسلەپكى ئۈنۈم كۆرۈلدى، كارخانىچىلارنىڭ روھى كۈنسايىن گەۋدىلەندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىسلاھاتى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، باج، پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى پائال ئالغا سىلجىتىلدى، ئومۇميۈزلۈك سىرتقا ئېچىۋېتىش تەشەببۇسكارلىق بىلەن تېزلىتىلدى.

  ياخشى ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە سىجىل ئالغا سىلجىتىلغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىگە دۇنيا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇردى. جۇڭگودىكى ئامېرىكا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ ‹‹2018 – يىللىق جۇڭگونىڭ سودا مۇھىتىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى››دا كۆرسىتىلىشىچە، %74 ئەزا كارخانا 2018 – يىلى جۇڭگودىكى سېلىنمىسىنى ئاشۇرماقچى بولغان، بۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نىسبەت ھېسابلىنىدۇ.

  ئىسلاھاتنىڭ ئۈنۈمى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ‹‹ئىناۋەت››ىنى ئۆستۈردى، شۇنداقلا خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، چېھرىگە كۈلكە يۈگۈرتتى.

  بۇ يىل 4 – ئايدا، جېجياڭ يىۋۇدىكى مەمۇرىيەت مۇلازىمەت مەركىزى ئىش بېجىرىش زالىغا كەلگەن ئامما بۇ يەردە ‹‹بىر قېتىم قاتراپ بېجىرەلمىگەن ئىش›› كۆزنىكى تەسىس قىلىنغانلىقىنى بايقىدى.

  يىۋۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئۆزىدىن ‹‹قۇسۇر›› ئىزدەيدىغان جاسارەت بىلەن بۇ يەردە تەرتىپلىك نۆۋەتچىلىك قىلىپ، ئاممىدىن ‹‹ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش›› ئىسلاھاتى توغرىسىدا پىكىر – تەكلىپ ئالدى ھەم ئامما ئىش بېجىرگەندىكى ئەمەلىي مىساللارغا بىرلەشتۈرۈپ، تەھلىل ۋە ئانالىز قىلدى ھەم قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، توسالغۇلارنى تۈگەتتى.

  2018 – يىلى 3 – ئايدا، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 1 – يىغىنىدا ‹‹تەستىقلاش مۇلازىمىتىنى ئاممىغا قولايلاشتۇرۇشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر››نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، بۇ ئىسلاھاتنىڭ جايلاردا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئىش بېجىرىش، ئىگىلىك تىكلىشى زور دەرىجىدە قولايلاشتۇرۇلدى.

  7 – ئايدا، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىدا دىققەت داۋاملىق مۇشۇ نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ‹‹جېجياڭ قاتارلىق جايلارنىڭ <ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم قاتراش> ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مەركەز قاتلىمىدىن ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار تىزىملىكى ھەم خىزمەت تەكلىپى›› قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، مەركەز قاتلىمىدىن خەلق ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئاساسىي قاتلام ئىسلاھاتى ئۈچۈن تۈزۈمنى كۈچەيتىش ۋە سىياسەت تۈزۈش توغرىسىدا ئىزدىنىلدى.

  خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە بەخت تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇش دەل ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قىممەت يۆنىلىشى.

  ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىشكە ئالاقىدار رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش تېخىمۇ كۆپ ئاھالىنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىغۇچىلارنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەل، كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنى دىياگنوز قويۇپ داۋالاش ۋە داۋالاشقا بۇيرۇپ بېرىش، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش – ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىگە تۈرتكە بولدى.

  تۈرلەرنى باھالاپ بېكىتىش، ئىختىساسلىقلارغا باھا بېرىش، ئاپپاراتلارنى باھالاش ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى قېتىرقىنىپ تەھلىل قىلىش، قالتىس نەتىجە يارىتىشقا ئىنتىلىش، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان پەن تەتقىقات مۇھىتى يارىتىشقا تۈرتكە بولدى.

  دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىش ھەققىنى قارار قىلىپ بېكىتىش مېخانىزمى ئىسلاھاتى دۆلەت كارخانىلىرى خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىدى.

  ...

  بارغانسېرى كۆپ ئىسلاھات نەتىجىلىرى كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولدى.

  2018 – يىلى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر 156 ۋەزىپىنى ئايدىڭلاشتۇردى. پىلاننى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ‹‹خام خىيال قىلماسلىق، قۇرۇق تېرە تاراقشىتماسلىق››تەك ئېنىق تەلىپى بويىچە، ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، تېخىمۇ قويۇق، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان ئىسلاھات كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  يېڭى دەۋر يېڭى مۇساپىنى باشلايدۇ، يېڭى بۇرچ يېڭى نەتىجىلەرنى چاقىرىدۇ.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مەۋقەنى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ۋە مۇستەھكەم پۇختا ئۇلغا قويغاندا، قىيىن باسقۇچقا داۋاملىق قەدەم قويۇۋاتقان ھەيۋەتلىك مۇساپىدە، ئىسلاھات ئۇلۇغ ئىشلىرى چوقۇم دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەيدۇ، يېڭى دەۋرنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتىدۇ.

  (مۇخبىرلار خو شاۋگۇاڭ، جاڭ شياۋسۇڭ، لو جېڭگۇاڭ، خۇ خاۋ، لىن خۇي)

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاينىڭ 5 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.