تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

ئەمەلىي ئىشلەپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئىسلاھاتقا قايتا ئاتلىنايلى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزورچىسى

  ئۇلۇغ نەتىجە ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ، ئۇلۇغ ئىشلاردا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىش زۆرۈر. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى تارىخىي پەللىدە تۇرۇپ، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇش، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خىزمەتنى يەنىمۇ ئەمەلىي تۇتۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى جۇشقۇنلۇق بىلەن پۇختا، چوڭقۇر ئىلگىرى سۈردى. جۇڭگو زېمىنىدا ئۇرغۇۋاتقان ئىسلاھات كۈچى جۇڭگونى چوڭقۇر ئۆزگەرتمەكتە، شۇنداقلا دۇنياغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتمەكتە.

  ‹‹يېڭى دەۋردە يېڭى كەيپىيات، تېخىمۇ مۇھىمى، يېڭى نەتىجە بولۇشى كېرەك››. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيات يېڭى تەلىپىنى چۆرىدەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يېڭىباشتىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، سالمىقى تېخىمۇ زور، تەلىپى تېخىمۇ يۇقىرى، مەزمۇنى تېخىمۇ ئەمەلىي بولغان 158 تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كەلگۈسى بەش يىللىق ئىسلاھاتنىڭ ‹‹كاتتا قۇرۇلۇش چېرتيوژى›› شەكىللەندۈرۈلدى. يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسى تېخىمۇ قەتئىي، مېخانىزمى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ دەرىجىسى مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىغا ‹‹ئۆستۈرۈلدى››، بۇ كومىتېت ئىلگىرى – كېيىن بەش قېتىم يىغىن ئېچىپ، 60 نەچچە ئىسلاھات ھۆججىتىگە قاراپ چىقتى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئومۇمىيەت ۋە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ ھەم يىراق كەلگۈسىنى مەۋقە قىلىپ، تۈزۈلمە – مېخانىزمدىكى چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات پىلانىنى تۈزدى، ھەم دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، قاراتمىلىققا ئىگە ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ ھەم ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇردى، ھەم مەسئۇلىيەت، ۋەزىپە تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

  يېڭى پەللىدە ئىسلاھاتنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ۋەزىپە بارغانسېرى ئېغىر، قىيىنچىلىقمۇ بارغانسېرى زور بولىدۇ. ئىسلاھات ئىلگىرى سۈرۈلۈپ بۈگۈنگە كەلگەندە، ئىرادە تونۇشتىنمۇ مۇھىم، مەسئۇلىيەتچانلىق ئۇسۇلدىنمۇ ئاچقۇچلۇق ئورۇندا تۇرىدۇ. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىن ‹‹ئۈچنى ئۆزگەرتمەسلىك››تىن ئىبارەت يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش پىرىنسىپى بېكىتىلگىچە، ئاندىن ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئىسلاھات نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىشكىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزلىرىدە ۋە قايتا – قايتا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈش داۋامىدا، ئىسلاھات تەپەككۇرىنى يەنىمۇ بېكىتىپ، ئىسلاھات ئىرادىسىنى ئوچۇق بىلدۈرۈپ، ئىسلاھات تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتەك كۈچلۈك سىگنال تارقاتتى. ئاتقان ئوقنى قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ، ئۇلۇغۋار پىلان ئاخىرغىچە تۈزۈلىدۇ. ئىسلاھات ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتتا قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، يۇقىرى پەللىگە چىقىشتىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ.

  زور ئىسلاھاتنى يېتەكچى قىلىپ، مۇھىم نۇقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئاساسنى پۇختىلىغاندىلا، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى يېتەكلەپ، ئىسلاھاتنى پۇختا، ئۇزاققىچە ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەيلى ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ، ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇش، ئاساسىي ئىشلارنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسىنى پۇختىلاش، مەيلى پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىدا چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە – مېخانىزم ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش، ياكى خەينەن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنى ئىسلاھ قىلىش، ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشتە بولسۇن، نۇرغۇن زور ئىسلاھات تەدبىرى تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى ئاچتى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشنىڭ ئۈچ يىللىق ھەرىكەت يېتەكچى پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى فوندىنى مەركەز تەڭشەش تۈزۈمىنى ئورنىتىش، تەستىقلاش مۇلازىمىتىنى قولايلاشتۇرۇش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىسلاھاتلار تەرەققىياتتىكى قىيىن نۇقتا ۋە خەلق تۇرمۇشىدىكى چىگىش مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ئاممىنى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈردى. چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرگە قول تىقىشقا جۈرئەت قىلىپ، مەنپەئەت مۇقىملىشىپ قېلىش چىتلىقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تۈزۈلمە – مېخانىزمنى مۇكەممەللەشتۈرگەندە، ئىسلاھات ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ئىشلارنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلىغىلى بولىدۇ.

  ئىسلاھاتتا ھەم ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش، ھەم ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك، ئۇنىڭدىكى ئاچقۇچ يەنىلا ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە. بۇ، پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبە، شۇنداقلا يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى پىلانلاش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر. يېزىلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشقىچە، بىر قاتار سىرتقا ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ئەركىن سودا رايونى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە، مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش بويىچە ‹‹قايتا قاراپ چىقىش››نى يولغا قويۇشتىن مەركەزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش، مەخسۇس نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى تەشكىللەشكىچە، جايلار، تارماقلار پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، ۋىۋىسكا ئېسىپ نازارەت قىلدى، شۇنداقلا يېڭى ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈردى. ‹‹ئارىلىقتىكى توسالغۇ››لارنى تۈگىتىپ، ‹‹ئاخىرقى بىر كىلومېتىر››نى راۋانلاشتۇرغاندىلا، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يىلتىز تارتقۇزۇپ، ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئىسلاھات ئۇلۇغۋار پىلانىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

  ئىسلاھات پەقەت داۋاملىشىدۇكى، ئاخىرلاشمايدۇ، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھات يەنىلا زور ئىستىقبالغا ئىگە. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تېخىمۇ قەتئىي ئىرادە، تېخىمۇ ئىلمىي تەدبىر، تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەت ئارقىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرساق، چوقۇم يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنىڭ قالتىس سەھىپىسىنى پۈتەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاينىڭ 5 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى