تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

داۋالاش ئىختىساسلىقلىرى ‹‹ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى››دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ، ھەرمىللەت ئاممىغا بەخت ياراتتى

   شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ ۋا خەۋەر قىلىدۇ: گېزىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان بىر گۇرۇپپا داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ‹‹ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى››دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كادىرلار ۋە ئامما، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق قارىدى: داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ‹‹ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى››دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ياردەمگە ئېرىشكۈچى دوختۇرخانىلارنىڭ دىياگنوز قويۇپ داۋالاش ئىقتىدارى، پەنلەر قۇرۇلۇشى، باشقۇرۇش سەۋىيەسى، قوشۇن قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردا كۆرۈنەرلىك ئۆسۈش بولدى، بۇ، ‹‹ئاساسىي قاتلامغا ئەڭ يېقىنلاشقان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى››، ‹‹ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئەلرايى قۇرۇلۇشى››.

   بۇ يىل، گۇاڭدۇڭدىن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە كەلگەن داۋالاش مۇتەخەسسىسى، دوكتور لى خۇڭشېڭنىڭ قەشقەر ۋىلايەتلىك 1–خەلق دوختۇرخانىسىدا شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقىنىنىڭ ئىككىنچى يىلى. ئۇ داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ‹‹ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى››دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قارىتا چوڭقۇر تەسىراتىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: داۋالاش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ‹‹ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى››دە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشى ياردەمگە ئېرىشكۈچى دوختۇرخانىلاردا، مەيلى قاتتىق ماتېرىيال ئەسلىھەلىرى ياكى داۋالاش سەۋىيەسىدە بولسۇن، زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر. شىنجاڭغا كەلگەن بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئاغرىقلارنىڭ بىزگە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ بارغانسېرى ئېشىۋاتقانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلدىم، كۆپچىلىكنىڭ چېھرىدىكى كۈلكىمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى.

   خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسى تەكشۈرۈش بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى جيا شىنلەنگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلارنىڭ كېلىشى ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدا يېڭى بىر پەللىگە ئۆرلىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بەردى. جيا شىنلەن مۇنداق دېدى: بۇ بىرنەچچە يىلدا، دوختۇرخانىمىزدا ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىچكى جەھەتتىكى باشقۇرۇش ۋە داۋالاش مۇلازىمىتى سەۋىيەسىدە زور ئىلگىرىلەش بولدى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ياردىمىدە، تېخنىكا سەۋىيەممۇ كۆرۈنەرلىك ئۆستى. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەر ھەم ئوقۇتقۇچى، ھەم كۆۋرۈك بولۇپ، بىزنى داۋالاش تېخنىكىسى ساھەسىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتۈشكە ئۈزلۈكسىز يېتەكلىدى. 

   ‹‹ماناس›› داستانىنىڭ ئەل ئىچى ۋارىسى دۆۋلەت قارى: خەۋەرلەردە ئېيتىلغان قەشقەرلىك ئاغرىق ئەمەت ئابدۇراخمانغا ئوخشاش، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلار مېنىڭمۇ ھاياتىمنى قۇتقۇزۇپ قالدى، دېدى. بۇلتۇر 5–ئايدا دۆۋلەت قارى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ داۋالاش ئارقىلىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرى ‹‹قەلب ئىللىتىش پىلانى››نىڭ تۇنجى ياردەمگە ئېرىشكۈچىسى بولۇش سۈپىتىدە قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغانىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئۈرۈمچى ياكى تېخىمۇ يىراق جايلارغا بېرىپ يۈرەك ئوپېراتسىيەسى قىلدۇراتتۇق، ھازىر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلارنىڭ ياردىمىدە، ئىشىك ئالدىمىزدىلا ئىنتايىن ياخشى داۋالىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۇق.  

   72 ياشلىق ئىمىنىخان نىيازنىڭ سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى بار ئىدى، ئۇ ھەر ھەپتىدە تۇرپان شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىدا قان دىيالىزى قىلىپ داۋالىناتتى، داۋالىنىش مەزگىلىدە ئۇ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان خۇنەنلىك دوختۇر تاڭ ۋېنبىن بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. ئىمىنىخان نىياز مۇنداق دېدى: دوختۇرخانىغا يېڭى كەلگەن ۋاقتىمدا ئۆز ھاجىتىمدىن چىقالمايتتىم، تاڭ دوختۇرنىڭ داۋالىشى بىلەن ھازىر ئۆزۈم ماڭالايدىغان، يەنە يېنىك ئۆي ئىشلىرىنى قىلالايدىغان بولدۇم. تاڭ دوختۇر كېسىلىمنى داۋالاپلا قالماي، ئادەتتىمۇ ماڭا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، ۋاقتى بولسىلا يېنىمغا كېلىپ، مەن بىلەن تۇغقىنىدەك مۇڭداشتى، تاڭ دوختۇرنىڭ تۇرپاندا يەنە نەچچە يىل ئارتۇق تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

   تۇرپان شەھەرلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان خۇنەنلىك كادىر لى چياڭ مۇنداق دېدى: كىشىلەرگە بېلىق بەرگەندىن كۆرە، بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىپ قويغان ياخشى. بىز ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، تۇرپان ئۈچۈن بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغان داۋالاش ئەترىتى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى