تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، گۈزەل يۇرت–ماكان قۇرۇپ چىقايلى

 بورتالا شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەريەم مەمەت

   مەن مائارىپچى ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم، دادام ئوقۇتقۇچى ھەم مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى. كىچىك چېغىمدا دادامنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئۇ بەش يېشىدا يېتىم قېلىپ، پارتىيەنىڭ تەربىيەلىشىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولغان ئىكەن. دادام دائىم: پارتىيە مېنىڭ شەپقەتچىم، پارتىيە ماڭا 2–قېتىم ھاياتلىق ئاتا قىلدى، دەيتتى، بۇ ئەينى چاغدىلا گۆدەك قەلبىمگە پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش ئۇرۇقىنى چاچقانىدى، مەن كۆڭلۈمدە: چوڭ بولسام چوقۇم دادامنىڭ شەپقەتچىسى——سۆيۈملۈك پارتىيەگە جاۋاب قايتۇرىمەن، دەپ قەسەم ئىچكەنىدىم.

   خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىدا يۈز بەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى كۆردۈم. بولۇپمۇ پارتىيە 18–قۇرۇلتىيى ۋە مەركەزنىڭ 2–قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان ھەر بىر سىياسەت، ئەلگە نەپ يەتكۈزىدىغان ھەر بىر ئەمەلىي ئىش ھەر مىللەت ئاممىنى ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈردى، بىز كۆرگەن بۇ ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىدىن كەلگەن. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت چوڭ ياخشى ۋەزىيەت ۋە ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشايدىغان بەختلىك تۇرمۇش بارلىققا كەلدى، پارتىيەنىڭ مېھىر–شەپقىتى خۇددى ئىللىق قۇياش نۇرىدەك ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

   ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىش جىنايى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، مىللىي ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ، بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. بىز جەزمەن كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنىڭ رەزىل ماھىيىتى ۋە زىيىنىنى ئېنىق تونۇپ، مەيدانىمىز مۇستەھكەم، بايرىقىمىز روشەن ھالدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، قاتتىق زەربە بېرىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

   پارتىيە ئەزاسى، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوقۇم ئاكتىپ ھەرىكەتكە كېلىپ، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، پائال ئاكتىپ كۈچ تارقىتىمەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئۈلگىسى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ نەمۇنىچىسى بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە ئىتتىپاقلىشىپ قول تۇتۇشۇپ، گۈزەل، بەختىيار يۇرت–ماكانىمىزنى ئورتاق ياخشى قوغداپ، ئىتتىپاق–ئىناق، ئاۋات–باي، مەدەنىي–ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى