تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

چىن مۇھەببىتىنى سىڭدۈرۈپ، جان–دىل بىلەن ئىشلەش

——سانجى ئوبلاستلىق سۈپەت–تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ گۇچۇڭ ناھىيەسى نىڭشى بېيۋەن بازىرى ئەرتۇن كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش››خىزمەت ئەترىتى توغرىسىدا

شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭتىڭ

   گۇچۇڭ ناھىيەسى شىبېيۋەن بازىرى ئەرتۇن كەنتىنىڭ يېرى ئاز، نوپۇسى كۆپ بولۇپ، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قىيىن ئىدى. سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق سۈپەت–تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىنىڭ كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت›› بەنزىسىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىناۋىتىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، ئاممىۋى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، تۈرلۈك چارە–ئاماللار بىلەن كىرىمنى ئاشۇرۇپ، بېيىش يولىنى كېڭەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ۋە تەرەققىياتنى چەكلەۋاتقان بىر تۈركۈم قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلدى.

   ھازىر كەنتنىڭ يوللىرى راۋانلىشىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چىرايىغا كۈلكە يۈگۈردى؛ مەكتەپكە بارىدىغان يولغا چىراغ ئورنىتىلىپ، بالىلارنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ يورۇدى؛ يېڭىدىن قۇدۇق قېزىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كۆزلىرى ھاياجانلىق ياشلىرىغا تولدى...

   ئائىلىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تەدبىر قوللىنىلىپ، كىرىمنى ئاشۇرۇش ‹‹يۈرۈشلۈك مۇلازىمىتى›› يولغا قويۇلدى 

   مەن 7–ئاينىڭ 29–كۈنى ئەرتۇن كەنتىدىكى رازاق يۈسۈپنىڭ بېغىغا كېلىپ، پەيلىرى پارقىراپ كەتكەن ھەر خىل يەرلىك توخۇلارنىڭ دانلاپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم.

   بىر يىل ئىلگىرى، رازاق يۈسۈپ ئائىلىسى تۆۋەن كىرىملىك ئائىلە ئىدى. ئۇنىڭ تېرىلغۇ يېرى ئاز بولۇپ، ئەينى چاغدا بېيىش غەيرىتىمۇ يېتەرسىز ئىدى، بېغىنىمۇ ياخشى پەرۋىش قىلمىغاچقا، تۇرمۇشى غورىگىل ئۆتەتتى.

   خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئائىلە زىيارىتى جەريانىدا رازاق يۈسۈپنىڭ بېغىنىڭ باقمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ماس كېلىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۇنى بېغىدا يەرلىك توخۇ بېقىشقا سەپەرۋەر قىلدى. دەسلەپتە رازاق يۈسۈپ ‹‹توخۇ بېقىشقا مەبلەغ كېتىدۇ، باقمىچىلىق تەجرىبەم يوق، ناۋادا توخۇلار كېسەل بولۇپ قالسا قانداق قىلىمەن؟›› دەپ ئويلاپ، توخۇ بېقىشنى ئانچە خالىمىدى. رازاق يۈسۈپ قايتا–قايتا رەت قىلسىمۇ خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت››ىدىكىلەر ئۇنىڭغا سەۋرچانلىق بىلەن ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەپ، ئۇنىڭ ئەندىشىسىنى تۈگەتتى، رازاق يۈسۈپ ئاخىر سىناپ بېقىشقا قوشۇلدى. خىزمەت ئەترىتى مەبلەغ چىقىرىپ، شىئەندىن 600 قارا توخۇ چۈجىسى سېتىۋالدى، يەنە مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ رازاق يۈسۈپنى باقمىچىلىق بويىچە تەربىيەلىدى. يىل ئاخىرىدا قارا توخۇلار كاتەكتىن چىققاندا، خىزمەت ئەترىتى يەنە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ سېتىش يوللىرىنى ئالاقىلىشىپ بەردى، رازاق يۈسۈپ بېغىدا باققان قارا توخۇلاردىن 20 مىڭ يۈەن كىرىم قىلدى. بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن رازاق يۈسۈپ بۇ يىل تەشەببۇسكارلىق بىلەن باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، بېغىدا 5000چە قارا توخۇ، چىپار توخۇ، قارا ئەتلىك توخۇ باقتى، كىرىمىنىڭ 200 مىڭ يۈەنگە يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

   رازاق يۈسۈپ مۇنداق دېدى: ھازىر غەيرىتىم تولۇپ تاشتى، پۈتۈن ۋۇجۇدۇم بىلەن بېيىشنىلا ئويلايمەن. پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتى مېنى ئۆزگەرتتى، تىرىشىپ كۈرەش قىلىش ئىرادىسىگە كەلدىم.

   ھازىر ‹‹بىر ئائىلىگە بىر ئادەم، بىر سىياسەت›› ياردەم بېرىش پىلانى بويىچە، ئەرتۇن كەنتى ئورماندا قارا توخۇ بېقىش فېرمىسى، پېچىنە–پىرەنىك پىشۇرۇش ئورنى، باقمىچىلىق كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ئىبارەت ئۈچ رايون كۇرسلۇق مەھسۇلاتىنى بەرپا قىلىشنى نۇقتىلىق يۆلەپ، 27 كەنت ئاھالىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

   كۆپ تەرەپنىڭ كۈچى بىرىكتۈرۈلۈپ، بېيىش يولى كېڭەيتىلدى

   خىزمەت ئەترىتى كەنت ئاھالىلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ‹‹زاكاز+تەربىيەلەش›› ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كارخانىلار بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، كارخانىلارنىڭ ئەمگەك–مۇلازىمەت بايلىقىغا بولغان ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، دېھقان–چارۋىچىلار كەچلىك كۇرسىغا تايىنىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەپ، كارخانىلاردا قانداق ئىختىساسلىقلار قىس بولسا، شۇنداق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ بېرىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، كەشتىچىلىك، باقمىچىلىق قاتارلىق كۆپ خىل تېخنىكا ماھارىتى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى؛ كۇرسانتلارنى كارخانىلارغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، كەنت ئاھالىلىرىگە ماھارەت ئۆگىتىپ، ئۆيدە ئىش كۈتۈپ تۇرۇشنى ئۆيدە ئىگىلىك تىكلەشكە ئۆزگەرتتى.

   كەنت ئاھالىسى ئەزىزەم مەخسۇتنىڭ تىككۈچىلىك ھۈنىرى بار ئىدى، ئۇ كەنتتىكى ئاچا–سىڭىللارنىڭ ئۆيدە بىكار ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىككە تىككۈچىلىك ھۈنىرى ئۆگىتىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ئورۇن ۋە ئۈسكۈنە بولمىغانلىقتىن، ئويى ئوي پېتى قالغانىدى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، ھەر تەرەپكە قاتراپ يۈرۈپ، ئەزىزەم مەخسۇت ئۈچۈن 500 مىڭ يۈەن ئىگىلىك تىكلەش مەخسۇس مەبلىغىنى قولغا كەلتۈردى ھەم ئۇنىڭ ئورۇن تېپىشى، ئۈسكۈنە سېتىۋېلىشىغا ياردەم قىلدى. ھازىر ئەزىزەم مەخسۇتنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مەركىزى 200 كۇرسانتنى تەربىيەلەپ، 48 ئايال ۋە مېيىپنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

   خىزمەت ئەترىتى شەرقىي جۇڭغار سانائەت رايونى ۋە تىيانشان ئۇن زاۋۇتى بىلەن ئادەم ئىشلىتىش كېلىشىمى تۈزۈپ، ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى قەرەللىك ھالدا كارخانىلاردا ئىشلەشكە ئەۋەتتى، ھازىرغىچە 18 ئەمگەكچىنى سىرتقا ئەۋەتتى. خىزمەت ئەترىتى يەنە كەنتتە پەتتار ئەمگەك–مۇلازىمەت كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە گۇچۇڭ شىبېيۋەن ئوسمان ئىشلەمچىلىك ئەترىتى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ئىبارەت ئىككى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇشقا ياردەملىشىپ، يۈز نەچچە ئارتۇق ئەمگەكچىنى قوبۇل قىلدى.

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹ئەۋەتكۈچى ئورۇن+كارخانا+قىيىنچىلىقى بار ئائىلە+خىزمەت ئەترىتى››دىن ئىبارەت تۆت بىر گەۋدىلەشكەن ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، كۆپ تەرەپنىڭ كۈچىنى بىرىكتۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ بېيىش يولىنى ئەڭ زور دەرىجىدە كېڭەيتتى.

   تۈر يېتەكچى قىلىنىپ، جان–دىل بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىلدى

   كەنت ئاھالىسى ساتتار ئابدۇراخمان مۇنداق دېدى: ئەسلىدە كەنتىمىزدە سۇ قىس بولغاچقا، نۇرغۇن يەر ئاق تاشلىنىپ قالاتتى. بۇلتۇر خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت››ى بىزگە ياردەم قىلىپ قۇدۇق قېزىپ بەردى، بىز ئەمدى سۇ ئىشلىتىشتە غەم قىلمايدىغان بولدۇق، ئاق قالغان يەرلەرنى قايتىدىن تېرىدۇق.

   كەنت ئاھالىسى مىجىت ساتتار مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى يول توپىلىق يول ئىدى، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى ئۈستبېشىمىزنى چاڭ–توزان بېسىپ كېتەتتى، يامغۇر ياغقاندا يول پاتقاق بولۇپ كېتەتتى، ھازىر يول ئاسفالتلىشىپ، يامغۇرلۇق كۈنلەردە سىرتقا چىقىشىمىز كۆپ قولايلاشتى.

   قىسمەن ئاممىنىڭ دائىم كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مەيدانىدا ئۇسسۇل ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرگەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر كەنت ئاھالىلىرى ناخشا–ئۇسسۇل ئەترىتىنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، ھازىر كۆپچىلىكنىڭ نومۇر ئورۇنلاش سەۋىيەسى بارغانسېرى ئۆستى، كەنت ئاھالىلىرى ئارقا–ئارقىدىن بۇ ئەترەتكە قاتناشتى.

   بۇلتۇردىن بۇيان، خىزمەت ئەترىتى خەلق تۇرمۇشى تۈر قۇرۇلۇشىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، كۆپ تەرەپتىن بولۇپ 20 مىليون يۈەن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى مەبلىغىنى ھەل قىلىپ، كەنتنىڭ ئۇل  ئەسلىھەلىرىنى زور دەرىجىدە ياخشىلىدى. بۇ يىل خىزمەت ئەترىتى يەنە خەلق تۇرمۇشى تۈرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كىرگۈزۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 2017–يىلى تۇرغۇزۇلغان سۇ تورىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇش تۈرىنى يولغا قويۇشنى پائال ئىلگىرى سۈردى، ھازىر 700 مىڭ يۈەن تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، سۇ تورىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى بۇ يىل 10–ئايدا ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا كۈچەپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلماقچى.

   زىيارەت داۋامىدا، كەنت ئاھالىلىرى كەنتتىكى ئۆزگىرىشلەرنى بەس–بەستە سۆزلەپ بەردى، ئۇلارنى رازى قىلغىنى تۈرلۈك كونكرېت خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىلا بولماستىن، يەنە خىزمەت ئەترىتىدىكىلەرنىڭ كەنت ئاھالىلىرىگە جان–دىل بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەرگەنلىكى ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى