تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ئەمەلىي، ياخشى ئىشلەش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزورچىسى

   خەلقنىڭ بەخت–سائادىتىنى ئاشۇرۇش  تەرەققىياتنىڭ تۈپ مەقسىتى، خەلق تۇرمۇشىنى تۇتۇش تەرەققىياتنى تۇتقانلىق. يېقىندا ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى خەلقنى مەركەز قىلىشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۆي–زېمىن بازىرىنىڭ سىلىق، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىجتىمائىي ئاساسنى يەنىمۇ پۇختىلىدى.

   كىشىلەرنىڭ مايىللىقى ئەڭ چوڭ سىياسى، خەلق تۇرمۇشى مۇقىم بولسا، جەمئىيەت مۇقىم بولىدۇ، خەلق تۇرمۇشى مۇقىم بولسا، كۆزلىمە مۇقىم بولىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇرەككەپ ئىچكى ۋە تاشقى ۋەزىيەتتە، خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سېلىنما سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈردى، خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۈچەيدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاھالىنىڭ كىرىمى بىلەن ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاساسىي جەھەتتىن ماس قەدەمدە بولدى، مەملىكەت بويىچە شەھەر–بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 7 مىليون 520 مىڭ كىشىگە يەتتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، مەملىكەت بويىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەخسۇس تۈر چىقىمى 2017–يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %39.7 ئاشتى، ئېنېرگىيە تېجەش، مۇھىت ئاسراش چىقىمى 262 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2017–يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %16.3 ئاشتى.

   خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشنىڭ ئاخىرلىشىش نۇقتىسى يوق، پەقەت ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغان باشلىنىش نۇقتىسىلا بار. ھازىر، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە يەنە بىر مۇنچە كەمتۈكلۈكلەر بار، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسى مۈشكۈل، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، مائارىپ، داۋالىنىشى، ئولتۇراقلىشىشى، ياشانغاندا كۈتۈنۈشى قاتارلىق جەھەتلەردە يەنە ئاز بولمىغان غەم يەيدىغان، باش قاتۇرىدىغان ئىشلار بار. ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش  ئامما ئويلىغاننى ئويلاش، ئامما ئالدىرىغانغا ئالدىراش، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش، خەلق تۇرمۇشىنى تەرەققىيات داۋامىدا كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش دېگەنلىكتۇر.

   ئىشقا ئورۇنلىشىش  ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ‹‹ئالتە مۇقىم›› تەلىپىدە، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش 1–ئورۇندا تۇرىدۇ. مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ كۈچنى نۇقتىلىق رايون ۋە نۇقتىلىق كىشىلەر توپىغا قارىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىي ئۇلىنى مۇستەھكەم ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مائاش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى چىقىمىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسنى كاپالەتلەندۈرۈش، تۆۋەن چەكنى ساقلاشتەك خەلق تۇرمۇشى كاپالەت تورىنى يەنىمۇ زىچ توقۇپ، پۇقرالارنى خاتىرجەم قىلىش كېرەك.

   خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، قىيىن نۇقتا، ئاغرىش نۇقتىسىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، كەمتۈكلۈكنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلاش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە دىققەتنى ئېغىر نامرات رايونلارغا دەل جايىدا مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹نامراتلىق ئىچىدىكى نامراتلىق، قىيىنچىلىق ئىچىدىكى قىيىنچىلىق››نى ئۈنۈملۈك تۈگىتىش؛ بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدىن ئىبارەت بۇ ئەڭ مۇھىم ئىشنى چىڭ تۇتۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش؛ ‹‹ئۆينى پۇل تېپىشنىڭ ۋاسىتىسى قىلماي، تۇرالغۇ قىلىش››تىن ئىبارەت ئورۇن بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆي–زېمىن بازىرى مەسىلىسىنى قەتئىي ئىرادە بىلەن ياخشى ھەل قىلىپ، شەھەر ئەھۋالىغا قاراپ سىياسەت يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆزلىمىگە مۇۋاپىق يېتەكچىلىك قىلىپ، بازار تەرتىپىنى رەتكە سېلىپ، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى قەتئىي تىزگىنلەپ، ئۆي–زېمىن بازىرىنىڭ سىلىق، مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تېزدىن ئورنىتىپ، ‹‹ئولتۇرىدىغان ئۆي بولۇش››نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

   خەلق تۇرمۇشى خىزمىتى مىليونلىغان خەلقنىڭ بەخت–سائادىتىگە چېتىلىدۇ، پەقەت مەسئۇلىيەت ۋە چىن ھېسسىيات بىلەن ھەقىقىي تۇتۇپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرغاندىلا، ئاندىن ئەمەلىي، ياخشى ئىشلىگىلى بولىدۇ. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزلەپ، ئەلدىن ھال–ئەھۋال سوراپ، ئەلدىن ئەقىل سوراپ، خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى خەلققە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، ئەلرايىغا تېخىمۇ مايىللاشتۇرۇپ، ئەل قەلبىنى ئىللىتىدىغان، ئەل قەلبىنى ئۇتىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىش؛ مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇق ۋەدە بەرمەي، بىر ئىشنى قىلغان ھامان شۇ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقىش، ئىشنى بىر–بىرلەپ قىلىش؛ خىزمەت شەكلى ۋە ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىپ، ئىجتىمائىي تەسىراتقا ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ‹‹بىر تاياقتا ھەيدەش››، ‹‹ھەرىكەت قوزغاش››تەك ئاددىي، قوپال ئۇسۇللاردىن ساقلىنىپ، ياخشى ئىشنى ھەقىقىي تۈردە ياخشى بېجىرىپ، ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى ياخشى سىزىپ، ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىق ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

     (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8–ئاينىڭ 4–كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى