تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

«سۈزۈك بۇلاق» ئەل قەلبىنى ياشارتتى

  ——شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ ئۇلۇغچات ناھىيەسى قىزىلئۆي يېزىسى غانجۇغان كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش،ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1–شۇجى دىڭ ۋەنچۈەن توغرىسىدا

  مۇخبىرىمىز شى شىن7–ئاينىڭ 22–كۈنى، ئۇلۇغچات ناھىيەسى قىزىلئۆي يېزىسى غانجۇغان كەنتى ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى تۇردالى ھەسەن ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: دىڭ شۇجىنىڭ چارە–تەدبىرى كۆپ، ئۇ، ‹‹ئىرادە تىكلەش دەرسخانىسى››، ئەمگەك مۇلازىمىتى ئەترىتى قۇرۇپلا قالماي، يەنە ‹‹ئۆرۈكلۈك ئېكولوگىيە باغچىسى›› سەھرا ساياھىتى، ‹‹تۇڭشىن›› تۆگە باقمىچىلىقى ھەمكارلىق كوپىراتىپى، مەركەزلەشتۈرۈپ ھاۋالىلىك بېقىش مەركىزى قاتارلىق كەسىپ تۈرلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. مۇشۇنداق شۇجىغا ئەگىشىپ ئىش قىلساق، ھەرگىز خاتالاشمايمىز!

  تۇردالى دەۋاتقان دىڭ شۇجى شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھىنىڭ غانجۇغان كەنتىدە تۇرۇشلۇق ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، 1–شۇجى دىڭ ۋەنچۈەن ئىدى. بۇ يىل دىڭ ۋەنچۈەننىڭ كەنتتە تۇرۇۋاتقىنىغا ئۈچ يىل بولدى. ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، يازلىق تېرىم، كۈزلۈك يىغىم، قىشلىق ساقلاشتا دىڭ ۋەنچۈەندىن ئىبارەت بۇ ‹‹سۈزۈك بۇلاق›› غانجۇغان كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قەلبىنى ياشارتىپلا قالماي، يەنە كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ‹‹پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش››ىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.

  ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئاشۇرۇش

  ئۆي سالغاندا، ئالدى بىلەن ئۇلنى ياخشى قوپۇرۇش كېرەك. ‹‹كەنت پارتىيە ياچېيكىلىرى كەنت دەرىجىلىك تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىك يادروسى، بىز چوقۇم دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنى مۇستەھكەم جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك››. بۇ، دىڭ ۋەنچۈەننىڭ كەنتتە تۇرغاندىن بۇيان دائىم دەيدىغان سۆزى.

  دېگەندىكىن چوقۇم قىلىش كېرەك. ئۇ بىر تەرەپتىن كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت›› بەنزىسىدىكىلەر بىلەن كۆپ قېتىم مۇزاكىرە قىلىپ، خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت››ىنىڭ قوشماقلىشىش، دوستلىشىش، ياردەم بېرىش تەدبىرىنى تۈزدى، ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، مەدەنىيەت – تەنتەربىيە پائالىيىتى، تۈرلۈك يىغىن قاتارلىق پۇرسەتلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ياردەم بەردى، يېتەكلىدى؛ بىر تەرەپتىن كەنت ‹‹ئىككى كومىتېت››ىنىڭ يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، بېيىش ماھىرلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرى ئارىسىدىن ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشى، پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم قىلدى، يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، 20 بېيىش ماھىرى كەنت پارتىيە ياچېيكىسىغا پارتىيەگە كىرىش ئىلتىماسى سۇندى، 14 ياش كەنت، گۇرۇپپا كادىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش قارار قىلىندى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بېيىش ماھىرى قاسىم كېرەم ‹‹بىرگە بىر›› ئۆگىتىش، ياردەم بېرىش ۋە يېتەكلەش ئارقىلىق كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقتى.

  ئاممىۋى خىزمەتنىڭ رىشتە كۆۋرۈكىنى بەرپا قىلىش

  ئاممىۋى خىزمەتنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەش دىڭ ۋەنچۈەننىڭ باشتىن – ئاخىر ئەڭ مۇھىم خىزمىتى بولۇپ كەلدى. ئۇ خىزمەت ئەترىتىنى باشلاپ، ئۆيمۇئۆي كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش، دۆلەت بايرىقى چىقىرىش، مەدەنىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى پائال تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، پارتىيەنىڭ ساداسىنى ھەممە ئائىلىگە يەتكۈزۈپ، ئاممىنىڭ ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››ىنى داۋاملىق كۈچەيتتى. ئۇ يەنە كەنت ئاھالە كومىتېتى ھويلىسىدا ‹‹شەرەپ تاختىسى›› تەسىس قىلىپ، ھەر ئايدا بېيىش ماھىرى، مەدەنىي ئائىلە قاتارلىقلارنى تەقدىرلەپ، مۇكاپاتلاپ، ئاممىنى مەدەنىي بولۇش، يېڭى ئىستىل تىكلەشكە يېتەكلىدى.

  كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىش بېجىرىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، دىڭ ۋەنچۈەن يېڭىلىق يارىتىپ ‹‹1–شۇجى كۈتۈۋېلىش كۈنى›› پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر دۈشەنبە كۈنى بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھال ئېيتىپ كەلگەن ئاممىنى كۈتۈۋالدى.

  بىر قانچە كەنت ئاھالىسىنىڭ ‹‹1–شۇجى كۈتۈۋېلىش كۈنى››دە ئىنكاس قىلغان كېسەل كۆرسىتىش يۈكى ئېغىر بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، دىڭ ۋەنچۈەن دەرھال ئۆز ئىدارىسىنىڭ ئاساسلىق رەھبىرىگە دوكلات قىلىپ، 400 مىڭ يۈەن ياردەم مەبلىغى ھەل قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرى ئۈچۈن ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش–ياردەم بېرىش ئوبوروت فوندى تەسىس قىلدى ھەم ئىشلىتىش بەلگىلىمىسى ۋە ئىشلىتىش دائىرىسىنى بېكىتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىش يۈكى ئېغىر بولۇش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. ھازىر ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇش–ياردەم بېرىش ئوبوروت فوندى تەسىس قىلىش ئۇسۇلى ۋە تەجرىبىسى غانجۇغان كەنتىدىن پۈتۈن قىزىلئۆي يېزىسىغا كېڭەيدى.

  ھازىرغىچە ‹‹1–شۇجى كۈتۈۋېلىش كۈنى››دىن ئىبارەت بۇ كۆۋرۈك ئارقىلىق، دىڭ ۋەنچۈەن خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر ۋە كەنت كادىرلىرىنى يېتەكلەپ كەنتنىڭ خەۋەرلىشىش، ئىچىدىغان سۇ، توك، چارۋا يۇقۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق قىيىن مەسىلىدىن 30 نەچچىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى، قىيىنچىلىقى بار 145 ئوقۇغۇچىغا پۇل ئىئانە قىلدى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، بېيىش يولىغا بىرلىكتە ئاتلىنىش

  غانجۇغان كەنتى تاغلىق رايونغا جايلاشقان، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ كۆلىمى ئاران 1.62 مو بولۇپ، ئادەم كۆپ، يەر ئاز، كىرىمنى ئاشۇرۇش قىيىن ئىدى. ‹‹بىر كىشىنى تەربىيەلەپ، بىر كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر ئائىلىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، بىر دائىرىنى يېتەكلەش›› نىشانى بويىچە، دىڭ ۋەنچۈەن نامرات ئائىلىلەرنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ ئەمگەك مۇلازىمىتى ئەترىتى قۇرۇش، ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يىل 3–ئايدا، دىڭ ۋەنچۈەننىڭ پائال ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، نامرات ئائىلىلەرنى ئاساس قىلغان ‹‹جۇڭخۇي ھەمكارلىق كوپىراتىپى›› ئەمگەك مۇلازىمىتى ئەترىتى قۇرۇلۇپ، تىزىمغا ئالدۇرۇلغانلار 75كە يەتتى، بۇ ئەترەت تۆت ئېرىق–ئۆستەڭ ۋە ئالتە خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشى تۈرىنى قولغا كەلتۈردى، ھەر بىر كىشىنىڭ كۈندىلىك ئىش ھەققى 150 يۈەندىن كەم بولمىدى.

  دىڭ ۋەنچۈەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ‹‹ئۆرۈكلۈك ئېكولوگىيە باغچىسى›› سەھرا ساياھىتى تۈرى كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئۆز ئىدارىسىنىڭ قوللىشى بىلەن غانجۇغان كەنتىدە بەرپا قىلغان نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتىكى تۆت تۈرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ يىل 8–ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، 164 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەر بىر كىشىنى يىلدا 20 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق كىرىمگە ئېرىشتۈرۈش، 144 نامرات ئائىلىنى نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلدۇرۇش ۋە كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىش پىلانلاندى.

  پۈتۈن كەنتنى كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا يېتەكلەش بىلەن بىللە، دىڭ ۋەنچۈەن نەزەرىنى تېخىمۇ يىراققا تىكتى. ئۆز ئىدارىسىنىڭ زور تۈرتكىسىدە، ئۇ غانجۇغان كەنتىنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە پائال قاتنىشىپ، غانجۇغان كەنتىنى ‹‹ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق كەنتى››دىن ‹‹ئۆزگىچە ساياھەت كەنتى››گە ئۆزگەرتىش نىشانىنى بېكىتىپ، ‹‹كەنت پارتىيە ياچېيكىسى+شىركەت +دېھقان–چارۋىچىلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى›› نامراتلارنى يۆلەش ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ بىر قاتار تەدبىرلەر ئاممىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈنۈملۈك قوزغاپ، ‹‹قان بېرىش››نى ‹‹قان ئىشلەش››كە ئۆزگەرتتى.دىڭ ۋەنچۈەن مۇنداق دېدى: پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، جاپالىق ئەمگىكىم بەدىلىگە ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئاشۇرۇش مېنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى