تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

خۇشال جەم بولدى تۇغقانلار، شادلىققا تولدى مېھىرلىك دىللار

  ——ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ قوشماقلاشقان 42 تۇغقاننى ئۈرۈمچىگە ئېكسكۇرسىيە، ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلغانلىقى توغرىسىدا

 شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇيى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭجىڭ

 8–ئاينىڭ 2–كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى بىر تۈركۈم ئالاھىدە مېھماننى كۈتۈۋالدى. قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ سايباغ يېزىسى يۇقارقى كاپا كەنتى ۋە ئاچال كەنتىدىن كەلگەن 42 يۇرتداش تەكلىپكە بىنائەن ئۈرۈمچى شەھىرىگە كېلىپ، دېھقانچىلىق نازارىتىدىكى كادىر تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولدى.

 تومۇزدىكى ئۈرۈمچى تونۇردەك قىزىپ كەتكەن، ھەممە جاي قىزغىنلىققا چۆمگەنىدى. ئەتىگەن سائەت 8دىلا، دېھقانچىلىق نازارىتىدىكى كادىر، ئىشچى–خىزمەتچىلەر ئۈرۈمچى ۋوگزالىغا بېرىپ، ‹‹قەشقەردىن كەلگەن تۇغقانلارنىڭ ئۆيىمىزگە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز›› دېگەن لوزۇنكىنى كۆتۈرگەن ھالدا، تۇغقانلىرىنىڭ كېلىشىنى كۈتتى.

 شۇ پەيتتە، تۇنساقىز مامۇت سومكىلىرىنى كۆتۈرۈپ ۋوگزالدىن ئاستا چىقىپ كەلدى، ئۇ، بۇ ناتونۇش چوڭ شەھەرگە قىزىقىش بىلەن قارىدى. تۇيۇقسىز، ئۇنىڭ نەزەرى تونۇش چىرايغا چۈشتى–دە، چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى. بۇ چاغدا، ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ كادىرى ليۇ جۇشيەن تۇنساقىزنىڭ ئالدىغا ئىتتىك كېلىپ، ئۇنىڭ قولىدىن سومكىنى ئالدى ھەم ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ كۈلۈمسىرىگەن ھالدا: ‹‹كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمەن!›› دېدى.

   قوشماقلاشقان تۇغقانلارنىڭ ئۈرۈمچى سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ھەم ئەسلىمە بولۇپ قېلىشى ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى ئىككى ئاي بۇرۇنلا تەپسىلىي تەييارلىقنى باشلىۋەتكەنىدى. ئۇلار كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلار بىلەن كادىرلارنىڭ ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، يەنە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق تۇغقانلارنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، تەپەككۇر يولىنى كېڭەيتىپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولىغا مېڭىش ئىشەنچىسى ۋە ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، ‹‹كەسىپلەر روناق تاپقان، ئېكولوگىيەسى ئولتۇراقلىشىشقا باب كېلىدىغان، يېزا قىياپىتى مەدەنىي بولغان، تۈزەش ئۈنۈملۈك بولغان، تۇرمۇش باياشات بولغان›› تۇرمۇش غايىسىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى.

   شۇ كۈنى، دېھقانچىلىق نازارىتىدىكى كادىر تۇغقانلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا، 42 تۇغقان ئۈرۈمچى شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزى شىمالىي شەھەر ئەتراپى ئۇنىۋېرسال تەجرىبە ئېتىزىغا كېلىپ، كۆكتات، قوغۇن–تاۋۇز ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى ئۆگەندى.

   ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى، بۇ قېتىمقى ئېكسكۇرسىيە پائالىيىتىدە ئۆگىنىش ماتېرىيالى تارقىتىلمىدى. تۇغقانلار تەجرىبە ئېتىزىدا زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى، يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.

   ‹‹مۇشۇ ئىسسىقتىمۇ لازا شۇنداق ئوخشاپتۇ، بىرەرسىمۇ يىگلەپ قالماپتۇغۇ؟›› تۇردى ھاشىم بۇ ھەقتىكى چۈشەندۈرۈشنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، ئۇ، بۇ يەرنىڭ لازا تېرىقچىلىقىدا سۇ بىلەن ئوغۇت بىرلەشتۈرۈلگەن تېمىتىپ سۇغىرىش تېخنىكىسىنىڭ قوللىنىلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئىختىيارسىز ئاغزى–ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى. تۇردى ھاشىم ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: پەن–تېخنىكا ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن، مەن قايتىپ بارغاندا بۇ يېڭى تېخنىكىنى سىناپ باقىمەن، بىزمۇ لازىنى ياخشى ئۆستۈرەلەيمىز.

   ئىككى كۈندە، تۇغقانلار ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ ئۇنىۋېرسال تەجرىبە ئېتىزى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى ۋە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كارخانىلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، يېڭىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلى ۋە تېخنىكىسىنى ئۆگەندى، يەنە بوش ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، كادىر تۇغقانلىرى بىلەن بىللە ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ھېس قىلدى. ۋاقىت قىسقا بولسىمۇ، ھاسىلات كۆپ بولدى، يىراقتىن كەلگەن تۇغقانلار ئۈرۈمچىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلىرىنى، كادىر تۇغقانلىرىنىڭ قىزغىنلىقىنى، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى...

   ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتىنىڭ مۇئاۋىن نازىرى فاڭ شيا: سايباغ يېزىسى بىلەن ئۈرۈمچىنىڭ ئارىلىقى يىراق بولسىمۇ، قەلبىمىز چەمبەرچاس زىچ باغلانغان، دېدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى باشتىن–ئاخىر ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى باش نىشاننى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەدبىر قىلىپ كەلدى، پۈتۈن نازارەتتىكى كادىر، ئىشچى–خىزمەتچىلەر تونۇشىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكىتىنى قەتئىي قىلىپ، تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن تۇغقانلىرىغا ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قوشماقلاشقان تۇغقانلىرىنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىشقا ئاساس سالدى.

   تۇغقانلار ئىزدەشكەنسېرى مېھرى چوڭقۇرلىشىدۇ، دوستلار ئىزدەشكەنسېرى رىشتى چىڭىيىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق دېھقانچىلىق نازارىتى كادىرلار بىلەن قوشماقلاشقان تۇغقانلار ئارىسىدىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشنى ئىنچىكە، كىچىك ئىشلاردىن باشلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقى، غەمخورلۇقىنى تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە يەتكۈزۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى ھەر بىر كىشىنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزۇپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى