تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپەت رايونىدىكى خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلىندى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ھۆلچىلىكتىن ساقلىنىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 8 – ئاينىڭ 1 – كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى يەنە بىر قېتىم يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى مەخسۇس مۇزاكىرە قىلدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ھۆلچىلىكتىن ساقلىنىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ كەلكۈن ۋە ھۆلچىلىك ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىپ، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ئاپەت ئەھۋالى، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ ھالقىلىق پەيتىدە، بىزنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەنە بىر قېتىم يەتكۈزۈشىمىز ۋە ئۆگىنىشىمىز ـــ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلقنىڭ داھىيسى خەلقنى سۆيىدىغان ئالىيجاناب ھېسسىياتىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى توغرا ئىگىلەش ئۈچۈندۇر. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىزدىكى ئىلمىي كۆرسەتمە ۋە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قەتئىي تۈردە كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە خەلققە يۈكسەك مەسئۇل بولۇش روھى بىلەن، قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىنىڭ خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى داۋاملىق پۇختا، ئۈنۈملۈك، ياخشى ئىشلەپ، زىياننى تىرىشىپ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشىمىز كېرەك. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ‹‹بەش بولۇش، ئىككى كۆرۈلمەسلىك››، يەنى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ تۇرىدىغان جايى بولۇش، يەيدىغان تامىقى بولۇش، ئىچىدىغان سۈيى بولۇش، كىيىدىغان كىيىمى بولۇش، يارىلانسا، ئاغرىسا ۋاقتىدا داۋالىنالايدىغان بولۇش، ماكانلاشتۇرۇلغان جايدا كېسەللىك كۆرۈلمەسلىك، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى ئىلگىرىكى كەنتتە تۇرۇشقا ۋاقتىنچە قايتۇرماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. زىيانغا ئۇچرىغان ئېلېكتىر، ئالاقىلىشىش، سۇچىلىق، تاشيول، تۆمۈريول قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى جىددىي رېمونت قىلىپ، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ئاپەت رايونىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. سۇ ئامبىرى، دەريا ئېقىنى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، يوشۇرۇن خەۋپ – خەتەرنى تەلتۆكۈس تۈگىتىش كېرەك. ئاپەتكە ئۇچراش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ باھالاشنى ئومۇميۈزلۈك، ئوبيېكتىپ قانات يايدۇرۇپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى ئىلمىي ئاساس بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپ كۈچلىرى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ بىرتۇتاش قوماندانلىقىدا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  چېن چۈەنگو مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭغا قەتئىي توغرىلىنىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئاساسىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلمىي مۇداپىئەلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كەلكۈن مەزگىلىدىن بىخەتەر ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  بىرىنچى، لايىھەنى ئىلمىي تۈزۈش كېرەك. ھۆل – يېغىن ئەھۋالى ۋە سۇ ئەھۋالىدىكى يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئاساسەن، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش، قىيان ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن ساقلىنىپ، چېكىنىش، يۆتكىلىش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەت لايىھەلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، لايىھە، مانېۋىر، تەكشۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۇشتۇمتۇت ئاپەت كۆرۈلسە تېزدىن بىر تەرەپ قىلالايدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئالدىن سىگنال بېرىش، ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلىشنى ئىلمىي ئىشلەش كېرەك. تەلەي سىناش ۋە بىپەرۋالىق قىلىش ئىدىيەسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، ھاۋارايى، سۇ رايى ئۆزگىرىشىنى ئەتراپلىق كۆزىتىپ، كېڭىشىش، ھۆكۈم چىقىرىشقا ۋاقتىدا تەشكىللەپ، مۇددەتتىن بۇرۇن سىگنال بېرىپ، ۋاقتىدا مەلۇمات بېرىپ، ناچار ھاۋارايى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان دائىرىلىك قارا يامغۇر پەيدا قىلغان كەلكۈن ۋە قىيان ئاپىتىدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇش، قاتتىق مۇداپىئەلىنىش كېرەك.

  ئۈچىنچى، يوشۇرۇن ئاپەتنى ئىلمىي تەكشۈرۈش كېرەك. سۇ ئامبىرى، گېئولوگىيەلىك ئاپەت يوشۇرۇن خەۋپ – خەتەر نۇقتىلىرى، يول – كۆۋرۈك، قۇرۇلۇش ئورنى نەق مەيدانى قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارنى تورسىمان شەكىلدە تەكشۈرۈپ، خەتەرلىك بەلباغنى تەكشۈرۈشنىڭ تولۇق قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چۈشۈرۈپ قويماسلىق، ئۆلۈك بۇلۇڭ قويماسلىق، يوشۇرۇن ئاپەت قالدۇرماسلىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  تۆتىنچى، خەتەرنى تۈگىتىپ، مۇستەھكەملەشنى ئىلمىي ئىشلەش كېرەك. مۇتەخەسسىسلەرنى بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈشكە تەشكىللەپ، سۇ ئامبىرى، دەريالاردىكى خەتەرلىك ئىش ئورنى، خەتەرلىك بۆلەكلەرنى قايتا تەكشۈرۈپ، خەتەرنى تۈگىتىپ، مەسىلە بايقالغان ھامان ۋاقتىدا مۇستەھكەملەشكە تەشكىللەپ، خەۋپ – خەتەر يوشۇرۇن ئاپىتىنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك.

  بەشىنچى، ماددىي ئەشيالارنى زاپاس تەييارلاشنى ئىلمىي ئىشلەش كېرەك. رايون ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ماددىي ئەشيالىرىنى تولۇق تەييارلاپ، ئاپەتتىن ساقلىنىش تەييارلىقىنى پۇختا قىلىش كېرەك. قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش، ئىلمىي باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھالقىلىق پەيتتە يۆتكىگىلى، ئىشلەتكىلى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ئالتىنچى، مانېۋىرنى ئىلمىي ئۆتكۈزۈش كېرەك. خەتەر ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قوشۇنلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي جەڭ ئىقتىدارى ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى تەشكىللەپ خەتەردىن جىددىي ساقلىنىش مانېۋىرىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۇلارنى ئاپەت يۈز بەرگەندە چېكىنىش يوللىرىنى، چېكىنىش ئۇسۇلىنى ۋە خەتەردىن ساقلىنىدىغان ئورۇنلارنى پىششىق بىلىدىغان قىلىپ، ئۆز – ئۆزىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  يەتتىنچى، مۇۋاپىق ئورۇن تاللاشنى ئىلمىي ئىشلەش كېرەك. سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇپ، ماكانلاشتۇرۇش ئورۇنلىرىنى ئالدىن پىلانلاپ، گېئولوگىيەلىك ۋە ھاۋا رايى شارائىتلىرىنى تولۇق ئويلىشىپ، ئىلمىي ئورۇن تاللاشتا چىڭ تۇرۇپ، خەتەردىن ساقلىنىش، خەتەردىن ئۆتۈۋېلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ماكانلاشتۇرۇش نۇقتىسىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  سەككىزىنچى، تەڭشەشكە ئىلمىي قوماندانلىق قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىرىنچى قول ئۆزى تۇتۇشى، باش مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى؛ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابلىرى زېھنىي كۈچنى توپلاپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئالدىنقى سەپتە قوماندانلىق قىلىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشى؛ دەريا (كۆل) باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسى ئىش ئورنىغا ئاتلىنىپ، مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشى؛ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، خەلق ئەسكەرلىرى، ئامما ماس ھەمتۈرتكە بولۇپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى؛ ھەر دەرىجىلىك تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، زىچ ھەمكارلىشىشى؛ ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك.

  توققۇزىنچى، بىرتۇتاش پىلانلاش خىزمىتىنى ئىلمىي ئىشلەش كېرەك. بىر قولدا كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەر ۋە ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش؛ بىر قولدا دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈش، مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي ئومۇملۇقىنىڭ داۋاملىق ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

   يىغىن تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، جۇ خەيلۇن، لى پېڭشىن، ليۇ ۋەنلۇڭ، لى ۋېي، ئەركىن تۇنىياز، تيەن ۋېن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى. دۆلەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق ئىشتابى ئىشخانىسى، دۆلەت جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش، باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوننىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشتابىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ۋە باشقۇرغۇچى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.