تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

تېخىمۇ زور ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ توپلاش

ــــ ئافرىقىدىكى ھەر ساھەدىكىلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئافرىقىدىكى زىيارىتىنىڭ نەتىجىسىگە ئىجابىي باھا بەردى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 – ئاينىڭ 2 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، سېنېگال، رىۋاندا ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 10 – قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشتى، ماۋرىتىئۇس چېگراسىدىن ئۆتتى ھەم دوستانە زىيارەتتە بولدى. ئافرىقىدىكى كۆپلىگەن دۆلەتتىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار ھەم سىياسىي ساھەدىكى زاتلار مۇنداق قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئافرىقىدىكى بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئەھمىيىتى زور بولۇپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشقا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئاتا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگونىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشىنىڭ يېڭى بالداققا كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئۇزاقتىن بۇيان دوستانە ئۆتۈپ كەلگەن، تەقدىرى بىر – بىرىگە زىچ باغلانغان. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو – ئافرىقا مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئافرىقىدىكى تۆت دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتىنى پىلانلىدى، ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا قاراتقان سىياسىتىنى شەرھلەپ، جۇڭگو – ئافرىقىنىڭ دوستلۇقى، ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملىدى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ توپلىدى.

   جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ئافرىقا ھەم ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسى كۆپىيىپ، جۇڭگونىڭ ئافرىقا – جۇڭگو دوستلۇقى ۋە ئافرىقا – جۇڭگو ھەمكارلىقىدىكى تەنتەنىلىك ۋەدىسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  رىۋاندا داشۆسى ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ پىروفېسسورى ھېرمان مۇساخارا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى نۆۋەتتىكى ئافرىقا – جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى گەۋدىلەندۈردى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئالاقىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئافرىقا ئافرىقىنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە سانائەتلەشتۈرۈش ساھەسىدىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدىغان ئىشەنچلىك بىر ھەمراھقا موھتاج، جۇڭگو سېلىنما بىلەن تەمىنلەپلا قالماي، يەنە ئافرىقا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنىمۇ تەجرىبە بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  باش ئىشتابى كونگو(بىراززاۋېل)دىكى ئافرىقا خەۋەرلەر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئافرىقىدىكى زىيارىتى ئافرىقا بىلەن جۇڭگو ئارىسىدا تېخىمۇ يېقىن يۇقىرى قاتلاملىقلار مۇناسىۋىتى ئورناتتى، بۇ ئارقىلىق ئافرىقا بىلەن جۇڭگو رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زىچ ھەمكارلىشىدۇ.

  كېنىيەنىڭ نايروبىدىكى ئامېرىكا خەلقئارا داشۆسى خەلقئارا مۇناسىۋەت ئىلمى پىروفېسسورى مۇنېنې مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى ئافرىقا زىيارىتى جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئورتاق تەرەققىيات مۇساپىسىدە بارغانسېرى كۆپ مەنپەئەت قوشۇلۇشى بارلىقىنى كۆرسەتتى. سىياسىي جەھەتتە، ئافرىقا بىلەن جۇڭگو ھازىرقى دۇنيادىكى كۆپلىگەن خىرىسلارغا بىر سەپتە تۇرۇپ ئورتاق تاقابىل تۇرالايدۇ؛ ئىقتىسادىي جەھەتتە، جۇڭگو دۇنيادىكى 2 – چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتىدە، ئىقتىساد – سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرەلەيدۇ.

  خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، جۇڭگو تەرەققىي قىلسا، ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ؛ ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى ئوڭۇشلۇق بولسا، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. بۇ قېتىمقى ئافرىقا سەپىرىدە ئىككى تەرەپ خەلقىگە بەخت يارىتىدىغان كۆپلىگەن چوڭ تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 40 ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى، بۇ، جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ مول، ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ ئەمەلىي بولىدىغانلىقىنى، خەلققە تېخىمۇ نەپ يەتكۈزىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم دەلىللىدى.

  سېنېگال داكار داشۆسى ئاخبارات شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى قادىر دىئوپ مۇنداق قارىدى: جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا بەرگەن ياردىمى مەلۇم بىر دۆلەت بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى ئافرىقىنىڭ بىر پۈتۈن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ زىيارەت قىلغان مەزگىلدە، سېنېگال جۇڭگو بىلەن ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىغان غەربىي ئافرىقىدىكى تۇنجى دۆلەت بولۇپ قالدى، بۇنىڭ ‹‹سېنېگالنى گۈللەندۈرۈش پىلانى››نىڭ يولغا قويۇلۇشىغا زور دەرىجىدە ياردىمى تېگىدۇ.

  كېنىيە نايروبى داشۆسىنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادشۇناسلىق لېكتورى ئىكيالانىڭ قارىشىچە، ئافرىقا دۆلەتلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو بىلەن چوڭقۇر ھەمكارلاشقانلىقىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن بولۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھېكايىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى پائال نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، جۇڭگو ئىزچىل ئوچۇق ئىقتىساد بەرپا قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ ھەم دۇنياۋىلىشىش مۇساپىسىدە پائال رول ئويناۋاتىدۇ.

  رىۋاندا داشۆسى ئىقتىساد ۋە باشقۇرۇش ئىلمى فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ئىسمايىل بۇككاننان مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۇزاقتىن بۇيان رىۋاندا ۋە ئافرىقىدىكى باشقا دۆلەتلەرنى قوللاپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ سەمىمىي ھەمراھىغا ئايلاندى. جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىر پۈتۈن مەنپەئىتىنى قوغداش، ئافرىقىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

  سېنېگال ‹‹قۇياش گېزىتى››نىڭ جۇڭگو – ئافرىقا مۇناسىۋىتى مۇتەخەسسىسى ئەلى دىئوف مۇنداق قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئافرىقا دۆلەتلىرىنى كۆپ نەپكە ئېرىشتۈردى. ئافرىقىدا، جۇڭگو ئۆزىنى يۇقىرى ئورۇنغا قويۇپ بىزگە نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بەرمەستىن، بەلكى باراۋەر كېڭىشىش ئارقىلىق ھەمكارلاشتى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى ‹‹ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش››.

  ماۋرىتىئۇستىكى ئەڭ چوڭ تاراتقۇ ‹‹خىرىس گېزىتى››نىڭ ماقالىسىدە ماۋرىتىئۇس زۇڭلىسى جاگناتنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: ئەگەر جۇڭگوغا ئوخشاش مۇشۇنداق دوستانە دۆلەتنىڭ قوللىشى بولمىغان بولسا، ماۋرىتىئۇس تەرەققىي قىلالمىغان بولاتتى. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ياردەم بېرىش ساھەسىدە، جۇڭگونىڭ ماۋرىتىئۇسقا قوشقان تۆھپىسى ناھايىتى زور.

  بۇ يىل جۇڭگو – ئافرىقا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدىكى ‹‹كاتتا يىل››. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىم ئافرىقىدا زىيارەتتە بولغاندىن كېيىن، جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى 9 – ئايدا بېيجىڭدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئافرىقىدا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە باشلىقلار يىغىنىغا تەييارلىق قىلىش قارىشىنى تونۇشتۇردى، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى پائال ئاۋاز قوشتى. بۇنىڭغا قارىتا، ئافرىقىدىكى ھەر ساھەدىكىلەر جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن يېڭى تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى، يېڭى پۇرسەت يارىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

  كېنىيەدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە جۇبىلى پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى تۇجۇ جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ بەزى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى ئافرىقا دۆلەتلىرىگە يۆتكەپ، ئافرىقىنىڭ سانائەتلەشتۈرۈش مۇساپىسىگە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  رىۋاندالىق ئالىم لادىسلاس ئېنگېنداشمانا مۇنداق قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كۆپ سېلىنمىسىنىڭ ئافرىقىغا كىرىشىگە پۇرسەت ئېلىپ كەلدى، بۇ سېلىنمىلار ئافرىقىغا ئىش ئورنى يارىتىپ بېرىپ، ئافرىقىنىڭ بىر پۈتۈن ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئېچىلىش ئالدىدىكى جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنى ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى ناھايىتى ياخشى سۇپا بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  جەنۇبىي ئافرىقا خەلقئارا ئىشلار تەتقىقاتخانىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى كوبۇس ۋانستادىن مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ ئالاقە قىلىشىدىكى مۇھىم سۇپا. ئېچىلىش ئالدىدىكى جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدا، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› تەشەببۇسى مۇھىم قارالما بولۇپ قالغۇسى.

  نىگېرىيە جۇڭگو مەسىلىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى چاررىس مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى ئافرىقىدا زىيارەتتە بولۇشى جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ ئافرىقا – جۇڭگو ھەمكارلىقىغا كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى، ئافرىقىنىڭ جۇڭگونىڭ تاشقى مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم ئورنىنى ئىپادىلەيدۇ. ‹‹ئافرىقا تارىختا تۇنجى قېتىم ئىشىنىشكە ۋە تايىنىشقا ئەرزىيدىغان خەلقئارا ھەمراھقا ئىگە بولدى. ئافرىقا دۆلەتلىرى جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىدىن ناھايىتى زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ››.

(مۇخبىرلار جۇ شاۋبىن، شىڭ جيەنچاۋ، لۈ تيەنرەن، جىڭ جىڭ، ۋېن خاۋ، ۋاڭ شياۋپېڭ، جاڭ باۋپىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى