تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە بازىرى قەغەز بېلەتسىز سەپەرگە چىقىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى كەييا شىركىتى ۋە ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە بازىرىدىكى ھەر قايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ قەغەز بېلەتسىز سەپەرگە چىقىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، سەپەرگە چىققان يولۇچىلار ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئەپ دېتالى ياكى «خاڭلۈ زۇڭخېڭ» ئەپ دېتالى ئارقىلىق ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتى-ئورۇن تاللاش رەسمىيىتى-ئېلېكتىرونلۇق ئايروپىلانغا چىقىش كارتىسى بېجىرىش-بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش دەلىللەش(كىملىك، ئېلېكتىرونلۇق ئايروپىلانغا چىقىش كارتىسى)-ئايروپىلانغا چىقىش ئېغىزىدا كودنى سكاننېرلاپ دەلىللەش قاتارلىق رەسمىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى تاماملىغىلى بولىدىكەن. يولۇچىلار بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ۋە ئايروپىلانغا چىقىش ئېغىزىدىن ئۆتكەندە پەقەت يان تېلېفون ئىچىدىكى ئېلېكتىرونلۇق ئايروپىلانغا چىقىش كارتىسىنى كۆرسىتىپلا نورمال ئۆتۈپ، قەغەز بېلەتسىز ئايروپىلانغا چىقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئەپ دېتالى ياكى «خاڭلۈ زۇڭخېڭ» ئەپ دېتالى ئارقىلىق شەكىللەنگەن ئېلېكتىرونلۇق ئايروپىلانغا چىقىش كارتىسىنى يەنە تېخى ئېلېكتىرونلۇق پوچتا خەت ساندۇقى ئارقىلىق يولۇچىلارغا ئاتچوت دوكۇمېنتى قىلىشقا ئەۋەتىلىدىكەن.

  ھازىرغا قەدەر، ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە 18 ئايرودۇرۇمدا يولۇچىلارغا نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئەمەلىي ئۇچۇرى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەيدىغان ئۈسكۈنىلەردىن جەمئىي 159 يۈرۈش يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىدا 113 يۈرۈش بار ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى