تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

سېمىزلىكنىڭ ساغلاملىققا بولغان تەسىرى

   خەلق تورى خەۋىرى: تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، سېمىزلىك گۈزەللىك ۋە ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن يەنە نۇرغۇن كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا بويىچە ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، يەنى يېمەك-ئىچمەك، ئېغىرلىق، بەدەن ھەرىكەتلىرى راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. 

    رۇسىيە فېدېراتىپ سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش نازارەتچىلىك ئىدارىسى تورىدا خەۋەر قىلىنىشىچە، ئۆتكەن 30 يىللىق دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، سېمىزلىك 12 خىل راك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

    خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەنلەر ئاز دېگەندە 12 خىل راك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى مۇمكىنكەن. ئۇلار: جىگەر راكى، تۇخۇمدان راكى، مەزى بېزى راكى، ئاشقازان راكى، يۇتقۇنچاق ئېغىز بوشلۇقى راكى، چوڭ ئۈچەي راكى، سۈت بېزى راكى، ئۆت خالتىسى راكى، بۆرەك راكى، قىزىلئۆڭگەچ راكى، ئاشقازان ئاستى بېزى راكى ۋە بالياتقۇ ئىچكى پەردە راكىدىن ئىبارەت ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • فىلىم: يېشىل سەددىچىن سېپىلى — كۆكيار
  • قوشماقلاشقان تۇغقانلار فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىدە
  • كۈز ئايلىرىدا گۈزەل تۈسكە كىرگەن قايدۇ دەرياسى
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى