شىنخۇا تورى خەۋىرى. كىشىلەر دائىم كۆز — قەلبنىڭ ئەينىكى، دېيىشىدۇ. خەلقئارالىق بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى يېقىندا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىدا كۆز ئالمىسى ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ، كىشىلەرنىڭ مىجەزىگە ھۆكۈم قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.
گېرمانىيە ستۇتگارت داشۆسى، ئاۋسترالىيە فلىندېرس داشۆسى ۋە جەنۇبىي ئاۋسترالىيە داشۆسى قاتارلىق ئاپپاراتلارنىڭ تەتقىقات خادىملىرى ئەڭ ئىلغار ماشىنىنىڭ ھېسابلاشنى ئۆگىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، مىجەز بىلەن كۆز ئالمىسى ھەرىكىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىسپاتلىدى. ئۇلار تەجرىبىگە قاتناشقان 42 كىشىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كۆز ئالمىسى ھەرىكىتى ئەھۋالىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن ھەم ئۇلارغا تەكشۈرۈش سوئالى ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ مىجەز ئالاھىدىلىكىنى باھالىغان.
نەتىجىدە بايقىلىشىچە، كۆز ئالمىسى ھەرىكىتى بىر ئادەمنىڭ كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا ماھىر ياكى ئەمەسلىكىنى، ئېھتىياتچان ئىكەنلىكى ياكى ھەممىگە قىزىقىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرەلىگەن، ھېسابلاش دېتالى «بەش خىل مېجەز»نىڭ تۆت خىلىنى، يەنى سەپرا مىجەز، ئوچۇق مىجەز، يېقىملىق مىجەز ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشچانلىقنى ئىشەنچلىك ھالدا پەرقلەندۈرۈپ بېرەلىگەن.
تەتقىقات خادىملىرى بۇ تەتقىقاتتا ئىز قوغلاپ باھالانغان تەجرىبە ئوبيېكتلىرىنىڭ تەجرىبىخانىدا قاتتىق كونترول قىلىنغان كۆرۈش ھەرىكىتى ئەمەس، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كۆرۈش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ يېقىن ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.